• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ﺗﻪﯕﺮﻯ ﭘﺎﻧﺎﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ

زىيارەت: 184 | باھا:0
ۋاقىت: 10-02-2009


ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ.

ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﮬﺎﺭﻯ ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺭﯨﻤﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﻤﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﯧﺸﯩﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ – ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺗﯧﺨﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯜﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﭙﯩﺮﻻﻳﺘﺘﯩﻢ. ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﯕﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﻩﮬﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻣﺎﯕﺎ ﻧﺎﮬﻪﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ، ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻼﭖ ﭘﺎﺗﺘﯩﻢ، ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ – ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯜﺑﯩﮭﯩﻠﻪﻧﺪﯨﻢ . ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ – ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ، ﮔﯘﻧﺎﮬ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ … ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ … داۋامىنى كۆرۈش»

مۇسۇلمانلار ۋە ئەيدىز

زىيارەت: 84 | باھا:0
ۋاقىت: 10-02-2009

ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ


ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪ ﻳﯜﺯﯛﻡ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﻜﻪﭼﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﮕﻪﻡ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ ، ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻱ ! ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ، ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ – ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ – ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ، ﺟﺎﯞﺍﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯚﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ … داۋامىنى كۆرۈش»

تور ئارقىلىق ئاۋام رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنىش كېرەك

زىيارەت: 22 | باھا:0
ۋاقىت: 08-02-2009

توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارغا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىش قانۇنسىزلىقتۇر

پارتىيىمىزنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان << خەلق گېزىتى >> گە 6 – فېۋرال مەكزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئەمەلدارلارنىڭ توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارغا ئومۇم بەرگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىشىنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

ماۋزۇسى << تور ئارقىلىق ئاۋام رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنەيلى >> دەپ قويۇلغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى 刘素华  ئەپەندى بولۇپ، ماقالىدا تورنىڭ سىياسى رولى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ << تور ئاۋام رايىنى يەتكۈزىدىغان، ئاۋامنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، چىرىكلىكنى قامچىلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە بولۇپ قالدى. >> دەپ كۆرسىتىلگەن.

مۇئەللىپ يەنە، تور ئارقىلىق ئاۋامنىڭ رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنىش، ئاممىنىڭ گۇمانىي نۇقتىلرىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش نۆۋەتتىكى ئەمەلدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپا بولۇپ قالدى، دەپ يازىدۇ.

ماقالىدە يەنە، نۇرغۇن ئەمەلدارلار يەنىلا  تورغا بىرقەدەر قارشى پوزىتسىيىدە، ھەتتا تورنى توپان بالاسىدەك يامان كۆرىدۇ. ئۇلار تورنى ئاممىنى قۇترىتىدىغان ۋاسىتە ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر تورغا ئۆزىگە پايدىسىز ئۇچۇرلار چىقىپ قالسا، دەرھال تور يازمىسىنى ئۆچۈرۈپ، يازغۇچىسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چۈشىدۇ. شۇنداقلا، ئومۇم بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ تور يازمىسى يازغۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئۆچ ئېلىش قەستىدە بولىدۇ. بۇ خىل قىلمىش تولىمۇ ئاقىلانە بولمىغان قىلمىش بولغاننىڭ ئۈستىگە قانۇنسىز قىلمىشتۇر. دېيىلىپ، بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ توردىكى ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش قىلمىشى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. داۋامىنى كۆرۈش»

<< يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتى ئېلان قىلىندى

زىيارەت: 30 | باھا:3
ۋاقىت: 08-02-2009

<< يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتى ئېلان قىلىندى

ئالدى بىلەن، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئىختىيار قىلغان ۋە يۈكسەل بلوگىنى ئۆز بلوگلىرىدا ئۇلىنىش قىلغان بارلىق دوستلارنىڭ سەمىمىيىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز!

يۈكسەل بلوگىنىڭ نوپۇزى ۋە زىيارەت قېتىم سانىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى ئارزۇلايدىغان بلوگلارمۇ ئىزچىل كۆپەيمەكتە. ئۇلىنىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بەزى نۇقسانلار كۆرۈلمەكتە:

1. بلوگ باش بېتىدىكى ئۇلىنىش بۆلىكى بەك ئۇزراپ كېتىپ، بلوگنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىشتىن باشقا يەنە بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگىمۇ زور تەسىر يېتىدىكەن.

2. بلوگ باش بېتىدە ئۇلىنىش بېرىشنىڭمۇ ھامان چېكى بولىدىكەن ، كۆپ ساندىكى بلوگىر دوستلارنىڭ ئۇلىنىش ئىلتىماسىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئىشكەن.

شۇڭا، بۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگىنىڭ خاس ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش بېتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ باشقا قېرىنداش بلوگلارنى زىيارەت قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى كۆركەم، ئازادە بولغان خاس بلوگلار ئۇلىنىش بېتى بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە << يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىنى ئېلان قىلدۇق. بىز بۇ يەردە مەزكۇر ئۇلىنىش بېتىنى ئېلان قىلىشتا تېخنىكىلىق جەھەتتىن باشتىن – ئاخىرى ياردەمدە بولغان دوستىمىز تەدبىركار ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈرىمىزنى ئېيتىمىز! داۋامىنى كۆرۈش»

بلوگىڭىزنىڭ داڭقىنى چىقىرىشنى خالامسىز ؟

زىيارەت: 66 | باھا:3
ۋاقىت: 07-02-2009

تاراتقۇلار بلوگىڭىزنى خەۋەر قىلسۇنمۇ ؟

بلوگىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم تاراتقۇلار ( تېلېۋىزىيە، رادىئو ، گېزىت – ژۇرنال ، تور بېكەت قاتارلىقلار ) نىڭ ئۆز بلوگىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر بلوگنى خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشسا كېرەك. چۈنكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى دېگەن سۆز ، ئابرۇي – ئىناۋەت تىكلەندى، ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىگە ئېرىشىلدى، خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن زىيارەت مىقدارى بوراندەك تېز سۈرئەتتە ئاشتى دېگەن گەپ. بۇ خىل ئۈنۈم كۆپىنچە بلوگىرلار كۆز ئوچۇق تۇرسىمۇ كۆرۈدىغان چۈشلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. داۋامىنى كۆرۈش»

سىزدە مەزى بېزى ياللۇغى بارمۇ ؟

زىيارەت: 310 | باھا:0
ۋاقىت: 05-02-2009

مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا

سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى( 前列腺炎 ) ئەرلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللار ھەرخىل ، مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ئالاھىدىرەك بولۇش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىدا كۆپ قوزغىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، كلىنىكىدا بۇ كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش بىرقەدەر قىيىن ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، تېببىي ئىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . بىمارلار كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ، دوختۇرلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرسىلا ، كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقىيىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ . تۆۋەندە ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن . داۋامىنى كۆرۈش»
مىللەت سۆيەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز

زىيارەت: 121 | باھا:7
ۋاقىت: 05-02-2009

مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟

مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟ ….


يېقىندىن بېرى، كاللامغا مىللەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز مىللىتىمىزنى قانداق سۆيۈشىمىز كېرەك ياكى قانداق قىلساق بىز مىللەتنى سۆيگەن بولىمىز ؟ … دېگەنگە ئوخشا ئويلار كىرىۋالدى.  سەمىمىيەت بىلەن ئېيتقاندا، بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدىغان ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر.  بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق خەلقمىز. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ، بۈگۈنكى زامان جاھان سەھنىسىدىكى ھەرقايسى قەۋملەر ، جۈملىدىن جۇڭخۇا بۈيۈك ئىلىدىكى 56  قېرىنداش مىللەت بىلەن بىرگە تەڭ ئولتۇرۇپ قوپۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ 56 خىل خۇشپۇراق گۈلدىن ئاپىرىدە بولغان گۈلستانلىقنى ئاباد ئېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلۋاتقانلىقىنى، ھەرزامان ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىمىز. ئەگەردە، بىز مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق مىللەت بولمىغاندا ئىدۇق، تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا، دەۋرنىڭ قايناملىرىدا كۆمۈلۈپ ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇق بولغان تارىخقا ئايلىنىپ كېتىشكەن بولاتتۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟

زىيارەت: 119 | باھا:2
ۋاقىت: 04-02-2009

ۋېن جياباۋنىڭ يېگىنى ياڭيۇمۇ نېمە ؟

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئىشباشى ( زۇڭلى ) ۋېن جياباۋ  2008 – يىلى  6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە شەنشى، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدا ئاپەتكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋام – پۇقرادىن ھال سورىدى. لوڭنەن شەھىرى كاڭ ناھىيىسى پىڭ يېزىسدىكى  ( 陇南市康县坪乡豆坪村 )  لاۋجاڭ (  张俊兰 )  تېخى يېڭىلا پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىق ئاشخانا ئۆيىدە  سۇدا ياڭيۇ پىشۇرۇپ، چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ، ۋېن جياباۋ كېلىپ قالىدۇ، ئۇ دەرھال ئالدىغا يۈگرەپ چىقىپ، ئىشباشنى ئۆزى بىلەن بىرگە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

Internet ۋە ياشلار

زىيارەت: 46 | باھا:0
ۋاقىت: 03-02-2009

ئىنتېرنېت ۋە ياشلار

ئوغلۇم يۈكسەل:


<< يۈكسەل بلوگى >> نى ئېچىپ ياخشى قىلىپسەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ قوشماق بلوگى<< يۈكسەل ئېنگىلىزتىلى سەيناسى >> نىڭ يېڭىدىن ئېچىلغانلىقى قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپتۇ. مۇبارەك بولسۇن! ئەمدىكى گەپ، بلوگنى قانداق قىلىپ سۈپەتلىك – ياخشى باشقۇرۇشتا.
مېنىڭ يېشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئادەتتە ھەركۈنى تورغا چىقىپ، تەڭرىتاغ، يىپەك يولى، دىيارىم، ئىزدىنىش، ئانا تىلىم، سۇمۇرۇغ، شەبنەم، گۈلىستان … قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ، 新浪 ، 人民网强国论坛، 中华军事网 ، 搜狐社区، 凤 凰 网  قاتارلىق داڭلىق خەنزۇچە تور بەتلەرنى ئارىلاپ قويىدىغان ئادىتىم بار.  ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى ئارىلاپ كۆرۈپ تۇرۇش داۋامىدا، زور كۆپچىلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىلىم ئېلىشقا، ئۆزىنى – ئۆزگىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقان – ئىنتىلىۋاتقان جاسارىتىگە قايىل بولدۇم، ئۇلاردىن سۆيۈندۈم، ئۇلارغا زور ئۈمىد باغلىدىم. دەرھەقىقەت، بۈگۈنكى زاماندا، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك تەڭداشسىز ئۇچۇر بەلۋېغى ئىرق، مىللەت، رايون، دۆلەت ئايرىماستىن ئىنسانىيەتنى يېڭى بىر ئۇچۇر دەۋرىگە باشلاپ كىردى. ئىنتېرنېت دۇنيادىكى ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان، ئىنتىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. ئۇيغۇر تورچىلىقىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئىسلام ھوشۇر قاتارلىق تۆھپىكارلارنىڭ يول ئېچىشى ۋە بىرتۈركۈم بىلىمدار سەركە ياشلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەمىمىزنى شادلاندۇرىدىغان، ئالقىشلاش – قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش. ئومۇمەن ئۇيغۇر تورچىلىقى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ. لېكىن يەنە قىسمەن ھالدا كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان خاھىشلارمۇ مەۋجۇد ئىكەن. شۇڭا، مەن سېنىڭ << يۈكسەل بلوگى >> نى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇشىڭغا تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا، پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم ھېس قىلغان بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن: داۋامىنى كۆرۈش»

مانا ئەمدى يېزىڭە بلوگنى ! ( بلوگ يېزىشتىكى 10 ھۆنەر )

زىيارەت: 100 | باھا:5
ۋاقىت: 03-02-2009

بلوگ يازامسىز؟

گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن شۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ قويۇش ھاجەتىكى، ئۇيغۇر تور جامەسى ئىچىدە بلوگ دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، نۇرۇغۇنلىغان كىشىلەر بلوگىرلار سېپىگە قېتىلىشقا باشلىدى. مانا شۇنداق پەيىتتە ، بەزى بلوگىرلار بلوگ يېزىش بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىرتەرەپ قىلالماي، بىرلىرى خىزمەتكە كۆڭۈل بەرمەي ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتسە، بىرلىرى كۈنبۇيى بلوگىغا ھاڭبېقىپ قاراپ، بلوگ يازىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكلەر ۋە دوست – يارانلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغان، ھېسىيات ئالماشتۇرۇدىغان ، پىكىرلىشىدىغان قىممەتلىك ۋاقتىنى زايە قىلىپ قويىۋاتىدۇ. شۇڭا،  بلوگىرلار بلوگ يازغاندا ئۆزىنىڭ ئۇشبۇ بلوگ يېزىش قىلمىشى تۈپەيلى ئۆزىگە يۈزلەنمەكچى بولغان بارلىق ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايرىم نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى، ھەر ئىشتا، نۇرمال يولىدا بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. داۋامىنى كۆرۈش»

تور ھەققىدە كونا پاراڭلار

زىيارەت: 27 | باھا:0
ۋاقىت: 03-02-2009


ﺗﻮﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﻗﻘﺎ – ﺗﯘﻗﻘﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ …

بۇلار 2007 – يىلىدىكى پاراڭلار


ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﻪﺭﻧﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪ ( ﺗﻮﺭ ) ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ 2006 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 100 ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻨﻰ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﻮﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ – ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ – ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺘﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻟﺒﺎﺷﯩﻤﯩﺰ ﺧﯘﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ << ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﮔﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﯨﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻮﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﻠﺠﯩﺘﻘﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﺳﻰ . داۋامىنى كۆرۈش»

( جىددىي ) BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار دىققەت

زىيارەت: 90 | باھا:1
ۋاقىت: 01-02-2009

 

BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار سەمىگە

خەلق تورى ( 人民网 ) نىڭ خەۋرىگە كۆرە، مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان توردىكى قانۇنسىز قىلمىشلار ۋە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەش بويىچە  6 – تۈركۈمدە  ئېلان قىلىنغان شەھۋانيىلىققا چېتىلىپ قالغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىچىدە Blogbus مۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن جىددىي شەھۋانىي مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش – تۈزەشكە بۇيرۇلىپتۇ. بەلكىم ، بۇندىن ئېغىرراق چارە كۆرۈلۈشى ھەتتا ، مەزكۇر تور بېكەتلەرنى تاقىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
شۇڭا، مەزكۇر بلوگ سۇپىسىدىن بلوگ ئالغان بلوگىر دوستلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن قۇلاق سېلىپ تۇرغاي ۋە بلوگ يازمىلىرىنى زاپاسلىۋېلىشقا سەل قارىمىغاي! كۈتمىگەن ئىش بولۇپ قالسا ، ئاپلا دېگەن بىلەن ئىزىغا كەلمەيدۇ.

جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

ھۆرمەت بىلەن

يۈكسەل بلوگى

ئەيدىز بىمارى ئەسقەر بىلەن سۆھبەت

زىيارەت: 239 | باھا:0
ۋاقىت: 31-01-2009

ئاساسىي ئەھۋال : ئەسقەر ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئەر ، ئۇيغۇر؛ زەھەر چېكىش تۈپەيلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان. ئىلگىرى يۈرگەن قىزى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى قويغان. ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى يوق . چىقۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش جەريانىدا تېببىي خادىملارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان… داۋامىنى كۆرۈش»

تارىخ ، شىنجاڭ ، تاشپۈتۈك

زىيارەت: 88 | باھا:0
ۋاقىت: 31-01-2009


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك

م . ئا . يۈكسەل


شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش، چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش، ياقۇپبەگ باسقۇنچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شىنجاڭدىكى ئۈچ جايغا ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك تۇرغۇزدى. بۇ تاشپۇتۇكلەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم شاھىدلىرىدۇر.
بۇ تاشپۇتۇكلەرنىڭ بىرىنچىسى—جۇڭغارلارنى تىنچىتىش، تۆھپە خاتىرە تېشى بولۇپ، قىسقارتىلىپ گەدەن تېغى تۆھپە خاتىرە تېشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاشپۇتۇك موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى گەدەن تېغىغا تۇرغۇزۇلغان. بۇ تاشپۇتۇكنىڭ تېكىستىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلۇڭ يازغان بولۇپ، مانجۇ، خەنزۇ، موڭغۇل، تېبەت قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتا تاشقا ئويۇلغان. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: داۋامىنى كۆرۈش»

پىشانىسى شور كىشىلەر

زىيارەت: 146 | باھا:1
ۋاقىت: 31-01-2009

ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﻮﯓ ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺕ ، ﺭﻩﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ … داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 17، سىز 13-بەتتە بىرىنچى بەت»...101112131415...«ئاخىرقى بەت