يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار
زىيارەت: 105 |
باھا:0
ۋاقىت: 18-06-2010
مەزكۇر تېما بوھران بلوگىدىن ئېلىندى، ئاپتورى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى.
مەنزىل: http://bohran.blogbus.com/logs/66308779.html
قىزىل كرېست جەمئىيتىدە ئىشلىگەچكە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىشخانىمىزغا كېلىپ ھالىنى ئېيتىپ ياردەم سورايدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن دېھقانلار ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئونىنىڭ توققۇزى كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ، دوختۇرخانا، خەلق ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ياكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىزنى ئىزلەپ كېلىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 514 |
باھا:13
ۋاقىت: 14-06-2010
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 117 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 1500 گە يەتتى. 100 مىڭغا يېقىن ئۆزبېك پۇقرالىرى ئۆزبېكىستان چىگىرىسىغا كېلىپ، ئۆزبېكىستانغا كىرىپ پاناھلىنىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن. توقۇنۇشقۇچىلارنىڭ قوللىرىدا قورال بار بولۇپ، قىرغىزستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ رايوننى تېزگىنلەشكە چارىسىز قالماقتا. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 205 |
باھا:1
ۋاقىت: 10-06-2010
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ( گوۋۇيۈەن ) ئاخبارات ئىشخانىسى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ‹‹ جۇڭگونىڭ تور ئەھۋالى ، 中国互联网状况 ، Internet situation in China ›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى تور ئاممىسى 400 مىليون كىشىگە ، تور بېكەت 3 مىليون 230 مىڭغا، بلوگ (Blog) ئىشلەتكۈچى 220 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، تورنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملىشىش نىسبىتى %28.9 گە يېتىپ، دۇنياۋى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,237 |
باھا:2
ۋاقىت: 07-06-2010
كىملەرنىڭ AIDS نى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى؟
1. باشقىلار بىلەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەر، باشقىلار بىلەن شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەر
2. ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىمىگەن قان ، قان پلازمىسى ۋە قان ياسالمىلىرىنى سالغۇچىلار ( ئىشلەتكۈچىلەر ).
3. جىنسىي ھەمراھى كۆپلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى . داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 298 |
باھا:4
ۋاقىت: 31-05-2010
ئامېرىكا تور ئاممىسى 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن Internet Explorer 6 نىڭ دەپىنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى ئۇزۇندىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن بۇ تور كۆرگۈ بىلەن خوشلاشتى. Internet Explorer 6 بولسا تور كۆرگۈلەر ئىچىدىكى جاھانگىر بولۇپ، خەلقئارادىكى تور ئاممىسىنىڭ تور كۆرگۈ ئىشلىتىش بازىرىنىڭ %95 نى يالغۇز ئىگىلەپ كەلگەن. ئەمما، نۆۋەتتە Internet Explorer 6 ئىقتىدارى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 284 |
باھا:4
ۋاقىت: 30-05-2010
بۈيۈك تەڭرىگە تۈمەن ئالقىش ياڭراتساممۇ يەنە ئازكى، ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسى بۇندىن 40 كۈن ئىلگىرى پېقىرغا ئوغۇز ئاتلىق ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئائىلىمىزگە يېڭى نۇر – زىيا قوشۇلۇپ، كۆز ئالدىمىزدا يېڭى سىما زاھىر بولدى. كۈنلەر ئەنە شۇ ئوغلۇمنىڭ يىغا – كۈلكىسىگە جۈر بولۇش ، پوق – سۈيدۈكىگە مىلىنىش بىلەن ئۆتمەكتە… بالا بېقىش جەريانىدا بىزنى بېقىپ قاتارغا قاتقان ئاتا – ئانىمىز ئېسىمىزگە كەلدى. ئۇلارنىڭ بىزنى قانچىلىك جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقلىرىنى، ئۆزىمىزنىڭ كۆپ ھاللاردا تۈرلۈك باھانە – سەۋەب بىلەن پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى ئويلاپ يۈزلەر قىزاردى. ھەئە، ئاتا بولغاندا ئەقىل تاپتۇق، ئاتا بولغاندا ئاتا – ئانا قەدىرىنى بىلدۇق … داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 365 |
باھا:1
ۋاقىت: 28-05-2010
يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇردى. ئاۋۋال ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۆلەيدىغانلىقى، مەبلەغ ، ئىختىساسلىقلارنىڭ بۇ قەدىمىي دىيارغا جەلپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سادا كۆتۈرۈلگەن بولسا ، ئارقىدىنلا بۇ دىيارنىڭ بارچە ئىشلىرىغا ئاز كەم 20 يىل يېتەكچىلىك قىلغان ۋاڭ يولداشنىڭ بۇ زېمندىكى سىياسىي ھاياتىغا نۇقتا قويۇلۇپ، ئورنىغا نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئەڭ ‹‹ ئىدىيىسى ئوچۇق ›› ، خەلقچىل ، ‹‹ تور شۇجىسى ›› ، ئەمەلىيەتچىل ، دىيانەتلىك … دېگەندەك تەرىپلەشكە سازاۋەر بولغان يولداش جاڭ چۈنشىيەن كەلدى، داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 205 |
باھا:1
ۋاقىت: 21-05-2010
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سالام ئەل – يۇرت ، سالام تورداش !
ھەممىگە ئايدىڭ سەۋەب بىلەن تور ئۈزۈلگەن ، دىللار سۈكۈتكە چۆمگەن كۈنلەردە خېلى كۆپ قىسىم تورداشلار تېلېفون ئارقىلىق پېقىردىن ھال – ئەھۋال سوراپ تۇردى، يۈكسەل بلوگىنى تالادىكى، بولمىغاندىمۇ دىيارىمىزدىكى دائىرىلىك توردا بولسىمۇ ئېچىپ تۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەۋسىيە قىلدى. ئەمما، بۇ سەمىمىي تەكلىپ – تەۋسىيىلەرگە تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمىدىم. كۆڭلۈم بولسا سۈكۈتنى ، تىنچلىقنى خالايتتى … داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 172 |
باھا:1
ۋاقىت: 26-12-2009
ئانا! سىز 2008 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنىگىچە، بىزنى ئالەمچە مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيلىدىڭىز. 7 ئوغۇل 1 قىز 8 پەرزەنتنى بېقىپ – تەربىيىلەپ، قاتارغا قوشقۇچە قاپقارا چاچلىرىڭىز تاغلارنىڭ چوقىسىدىكى ئاپئاق قارلاردەك ئاقاردى، پاكلىققا تولدى. ھاياتنىڭ ئەگرى – توقايلىرىدا، بالا بېقىش، ئائىلە چۆرۈشنىڭ جاپا – مۇشاقەتلىرىدە بىر قېتىممۇ ۋايساپ قاقشىغىنىڭىزنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئاتەش تونۇرلارغا باش تىقىپ نان ياقاتتىڭىز، يوغان تەڭنىلەردە لىق قىلىپ خېمىر يۇغۇراتتىڭىز، تۈن كېچىلەردە بولسا يىڭنە ئىشلىرىنى قىلاتتىڭىز … ئىشقىلىپ مىنۇت تىنىم تاپماي ، ئۆي ئۈچۈن، بىز پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن تىپىرلايتتىڭىز . ئۆزىڭىز مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بولسىڭىزمۇ پەرزەنتلىرىڭىزنى ئاخىرغىچە ئوقۇتتىڭىز، ھەممىسىنى پەزىلەتلىك، جىگەرلىك، بىر – بىرىدىن ياراملىق، جەمئىيەتتىكى تۆتنىڭ بىرى قىلىپ قاتارغا قوشتىڭىز. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق قىلدىڭىز. نەۋرىلەرنى باقتىڭىز. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 711 |
باھا:2
ۋاقىت: 03-07-2009
1334- يىلى تۈزۈلگەن يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋياڭشۈەن ( 欧阳玄 ) نىڭ قەلىمىدىكى << گۇي جەي مەجمۇئەسى >> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دەل بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى ( family history ) بولۇپ، مەزكۇر شەجەرىنىڭ باش قۇرلىرىدا : << شى جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، تۇنيۇقۇق ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر … >> دەپ خاتىرىلەنگەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 518 |
باھا:2
ۋاقىت: 28-06-2009
ھېكايە
ئابدۇللا مۇھەممىدى
تەن ئۆز مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە ئويلانمىغاندا روھ ھەمىشە ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ.
- ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى
ــ سىز ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىپ قاپسىز.
كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرغان دوختۇرنىڭ بىر خىل ئىچ ئاغىرتىش، ئېچىنىش بىلەن ئېيتقان سۆزى ئۇنىڭغا جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان سوتچىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىدەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى لاسسىدە بوشاپ، ئاغرىقتىن ئىڭراۋاتقان ئاجىز تېنى ھېچ نېمىنى سەزمىگەندەك بولۇپ قالدى. خۇددى بۇلۇتسىز ئاسماندا چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقىنى زىڭىلدىتىۋەتتى. سىز ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىپسىز. ئەيدىز ( AIDS )… ئەيدىز… داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 190 |
باھا:2
ۋاقىت: 26-06-2009
aaتارىمدىن سادا – Voice of Tarim
م ئا يۈكسەل
ئالدىمدا زەرەپشان، خوتەن دەرياسى،
قوشۇلار غورۇچۆل بوستانلىقىدا.
تارىمغا ئايلىنار شاۋقۇنلاپ كەڭرىپ ،
قەدىمىي ئەردەۋىل ئويمانلىقىدا. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 103 |
باھا:0
ۋاقىت: 23-06-2009
قانۇن مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىغا : بىز 2007 – يىلى توي قىلغاندىن كېيىن ، ئېرىم ئىزچىل زەھەر چىكىپ كەلدى . ئۇ ئۆتكەن يىلى 18 – ئىيۇندىكى قان تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ، مەندىن يوشۇرۇپتۇ . بۇ يىل ئاپرېلدا بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ قان تەكشۈرتسەم ، دوختۇرلار ھازىرچە مەندە ئەيدىز ۋىرۇسى HIV نىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ يوقلىقىنى ، بۇنداق كىسەللىك ئالامىتىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 10 يىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئېرىم ھازىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا . مۇشۇنداق ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ ، كېسىلىنى يوشۇرۇن باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرسا ، جىنايەت شەكىللىنەمدۇ ، ئۇنىڭدىن تۆلەم تەلەپ قىلسام بولامدۇ ؟ مەسلىھەت بىرىلسە . داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 186 |
باھا:4
ۋاقىت: 22-06-2009
بارچە ئەزگۈلۈكلەرنىڭ، خەيرلىك ئىشلارنىڭ بېشى ھالاللىقتۇر. ھالاللىقنىڭ ئۆزى كەبى دوستلىرى كۆپ: ياخشىلىق، بەرىكەت، خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق …
ئىبرەت كۆزى بىلەن باقسىڭىز، ھالال ئىنساننىڭ دىلى دۇرۇس ، يولى توغرا، دەرىجىسى ئۇلۇغ. ‹‹ دۇنيادا ھالال بولساڭ، ياشىيالمايسەن ›› بولسا ئۆز نەپسىگە كۈچى يەتمىگەن، بوينى مېھنەتكە يول بەرمەيدىغان مەمەدانلارنىڭ چالا خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى ھاياتنىڭ ئۆزى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھالال رىزىق گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمايدۇ، زەردىنى قايناتمايدۇ، ئۇيقۇنى قاچۇرمايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ھالالى بولسۇن، دەپ بىكارغا ئېيتمايدۇ – دە. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 164 |
باھا:4
ۋاقىت: 19-06-2009
قۇمۇل كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر قويۇق ئۇچراشقان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان قەدىمىي يۇرت. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تاكى 16 – ئەسىرلەرگىچە يەنىلا بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالاھەزەل 500- 400 يىل كېيىن ئاندىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. بۇندىن باشقا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىشتەك يايلاق تۇرمۇش شەكلىنى قىسمەن ھالەتتە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن. شۇڭا، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنى ئارقىلىق كىرگەن ئەرەب – پارىس مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نىسبەتەن كېيىن ۋە ئاجىز بولغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تىل – مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىرقەدەر كۆپرەك ساقلاپ قالغان. شۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. داۋامىنى كۆرۈش»