• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ئىسىم – تەگئات تاللا بازىرى ( Name supermarket )

زىيارەت: 1,913 | باھا:7
ۋاقىت: 06-07-2010

ئۇيغۇرلاردا تەگئات ( Uyghur’s last name ) تېمىسىغا بېغىشلانغان چاتما ماقالىلىرىمىز ۋە يېقىندا يوللىغان << چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىمنى قويۇش كېرەكمۇ؟ >> ماۋزۇلۇق تېمىمىزنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم تورداشلار ئۆز جەمەتلىرىگە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن تەگئات قويۇش، يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئات قويۇش ھەققىدە ئوي سۈرۈشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما، بۇ ھەقتە پايدىلانغۇدەك مەنبەنى تاپالماي تېڭىرقاپ قېلىشقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. داۋامىنى كۆرۈش»

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى

زىيارەت: 98 | باھا:0
ۋاقىت: 05-07-2010

بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بېكىتىلگەن  ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانا بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە تىپىك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۈرۈمچىدىكى مېتادون ئامبولاتورىيىلىرىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرى

زىيارەت: 112 | باھا:2
ۋاقىت: 04-07-2010

تەۋە رايون

ئادرېسى

تېلېفون

ئالاقىلاشقۇچى

مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن

تىيانشان رايونى

ئىتتىپاق يولى شىمالى 4-كوچا 50-نومۇر

2560612

ئاسىيە

داۋان دوختۇرخانا مېتادون ئامبولاتورىيىسى

تىيانشان رايونى

شور بۇلاق كوچا 136-نومۇر

2663335،6807309

مو لەنروڭ莫兰榕

4-دوختۇرخانا مېتادون ئامبولاتورىيىسى

شىمىگو رايونى

ليۇداۋان 13-نومۇر 1-تىك قۇدۇق

13899989847

غېنى

شىمىگو رايونلۇق مېتادون ئامبولاتورىيىسى

تودۇڭخابا رايونى

باگاڭ جەنۇبى بازار(نەن سىچاڭ)

3903941

دوڭ شۇ چىن董淑琴

باگاڭ نەن سىچاڭ مېتادون ئامبولاتورىيىسى

سايباغ رايونى

سىمۇنت زاۋۇتى يولىدىن شەرىققە 300 مېتىر

7966165/13199868649

شۈ بىن徐斌

تەڭرىتاغ قورۇلۇش ماتېرياللىرى گورۇھى دوختۇرخانىسى مېتادون ئامبولاتورىيىسى

يېڭىشەھەر رايونى

بېيجىڭ جەنۇبى يولى 48-نومۇر

3828237

ليۇ يەن刘雁

ئاپتونوم رايونلۇق مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاش مەركىزى

كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى

زىيارەت: 4,397 | باھا:18
ۋاقىت: 03-07-2010

شۇنى ئېتىراپ قىلماي ھېچ ئىلاجىمىز يوقكى، ئەينى چاغدا تېلېۋىزور ( Television ) بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر قىلغان، بىزنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت بوشلۇقىمىزدا قانچىلىك زور زىل – زىلە پەيدا قىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تور ( Internet ) ھەم شۇنداق مىسلىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
تېلېۋىزورنىڭ تېزگىنىكى ئۆز قولىمىزدا بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى پروگىراممىلارنىڭ قانداق بولۇش تەڭشىكى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، تېلېۋىزوردا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانىمىزغا كەسكىن خىرىس قىلغۇچى پروگراممىلار بازار تاپماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، سەللا ھايا – نومۇسلۇق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندى … ئەمما، تورچۇ؟! … داۋامىنى كۆرۈش»

بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …

زىيارەت: 1,262 | باھا:3
ۋاقىت: 02-07-2010

شىنخۇا تورى نىڭ بۈگۈن ( 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ) ئافغانىستان تاراتقۇلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بازا تەشكىلاتى (Al Qaeda) نىڭ كاتتاباشى بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۇزۇن يىل كېسەللىكنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، ئاللىقاچان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان ئىكەن …
لوندۇندا نەشىر قىلىنىدىغان (伊拉夫报) گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋرىگە كۆرە، ئافغانىستاندىكى بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىن لادىن ئۇزۇن يىل بۆرەك كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقان بولۇپ، 2004 – يىلىدىن باشلاپ بىر بۆرىكىگە تايىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئىكەن. داۋامىنى كۆرۈش»

توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) بالىلار ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىنىدۇ

زىيارەت: 65 | باھا:0
ۋاقىت: 01-07-2010

ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )

ھازىر جۇڭگودا توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) بالىدىن تەخمىنەن 2 مىليۇن 400 مىڭى بولۇپ، بۇلارنىڭ نۇرغۇنى يېزىلاردىكى دېھقان باللىرى ئىكەن، گەرچە توشقان كالپۇك (兔唇 ،Cleft lip ) نى ئوڭشاش ئوپراتسىيىسىنىڭ پۇلى ئانچە قىممەت بولسىمۇ، نۇرغۇن بالىلار ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىنماي، چوڭ بولغاندا چىرايىدىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا نۇرغۇن يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. داۋامىنى كۆرۈش»

بۇ بىلسەڭ بىقىياس بەختىڭ

زىيارەت: 47 | باھا:0
ۋاقىت: 01-07-2010

گەر ئۆز ئېلىڭ – خەلقىڭ قەدىرلەپ سېنى،
‹‹ ئوغلۇم ›› دېسە سۆيۈپ، بېشىڭنى سىيلاپ.
ئۆيۈڭ مورىسىدىن چىقسا تۈتۈنى،
ھويلاڭدا بالىلار چاپسا دومىلاپ -
بۇ سېنىڭ بەختىڭدۇر، بىقىياس بەختىڭ.
داۋامىنى كۆرۈش»

ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) گە گىرىپدار  بالىلار ئۈچۈن خۇشخەۋەر

زىيارەت: 76 | باھا:2
ۋاقىت: 30-06-2010

ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )

ئاق قان كېسىلى ( 白血病،Leukem ) گە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى توغۇلدى. جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى ( 中国红十字基金会 ) بولسا خەلقئارالىق ساخاۋەت ئورگىنى بولۇپ، جۇڭگودا قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە نۇرغۇن يېڭى ۋە ئۆزگىچە ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلدى. شۇلاردىن بىرسى دەل داۋامىنى كۆرۈش»

بىرلىشىش = يۈكسىلىش ( Unite = Victory )

زىيارەت: 58 | باھا:5
ۋاقىت: 30-06-2010

بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار .
بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس.
– ئاتىلار سۆزى

ئاتىلار سۆزىنىڭ چىن ئىخلاسمەنلىرى ، ئاتىلار ئارزۇسىنىڭ چىن ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىر تەرەپتىن تور ئەھلىنى نەسىرىي ، نەزمىي، تارىخي، ئىلمىي ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق ئاقارتىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەلگە ئەيدىز [AIDS] ھەققىدىكى ساۋاتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئاۋامغا زۆرۈر ساغلاملىق بىلىملىرىنى بېرىش، ئاجىزلارنى تېگىشلىك ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشتەك ئورتاق غايە، ئوخشاش مەنزىل ئۈچۈن داۋامىنى كۆرۈش»

راھىپقا تارغاق سېتىش (Sell a Comb to the Monk)

زىيارەت: 224 | باھا:8
ۋاقىت: 29-06-2010

ئەگەر سىزگە راھىپقا تارغاق سېتىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلسە، بۇ ھەقتە نېمىلەرنى ئويلايسىز ؟
راھىپلارغا تارغاق سېتىش ئۈچۈن قانداق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش مۇمكىن؟
مەزكۇر يازمىدا 3 كىشىگە راھىپقا تارغاق سېتىش( Sell a Comb to the Monk ) ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلار ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. سىز بەلكىم بۇلارنىڭ راھىپقا تارغاق سېتىش كەچۈرمىشلىرىدىن يېڭىچە تۇيغۇ – تەسىراتلارغا كېلىشىڭىز مۇمكىن. داۋامىنى كۆرۈش»

قايسى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز [AIDS] نىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولىدۇ؟

زىيارەت: 3,326 | باھا:2
ۋاقىت: 28-06-2010

ئەيدىز [AIDS] -ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] دىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئادەم ئىممۇنىتت سېستىمىسىدا كەمچىللىك ( بۇزۇلۇش) كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئەيدىزۋىرۇسى [HIV] ئادەتتە يۇقۇملانغۇچىنىڭ قان، جىنسى ئاجراتمىلىرى ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۈت بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] نى يۇقتۇرىۋېلىشى مۇمكىن. داۋامىنى كۆرۈش»

ئەيدىز  [AIDS]  گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز

زىيارەت: 1,184 | باھا:2
ۋاقىت: 27-06-2010

يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى : مەزكۇر ئەسەردە ئېرى ئەيدىز [AIDS] كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمۇ ئەيدىز [AIDS] دىن ئىبارەت رەھىمسىز جەددالنىڭ چاڭگىلىدا تىپىرلاۋاتقان گۈلشەن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ 2 ئوغلى ۋە كېيىن بېقىۋالغان 1 يېتىم قىزىنى ( بۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ئەيدىز [AIDS] كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ) بېقىش جەريانىدىكى تولىمۇ تەسىرلىك ئەمەلىي ھايات كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان بولۇپ، يۈكسەل بلوگى بارلىق ئوقۇرمەنلىرىنى مەزكۇر ئەسەرنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بۇ بىچارە ئانا – بالىلارغا ئوخشاش ئەيدىز [AIDS] كېسىلىنىڭ تەسىرىدا خار ۋە زەبۇن بولىۋاتقان كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىشقا، ئەيدىز [AIDS]نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ يالماۋۇز – [AIDS]

زىيارەت: 3,430 | باھا:1
ۋاقىت: 25-06-2010

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ [AIDS] ئاتلىق بۇ يالماۋۇز ﯞﻩﺗﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﮕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺑﯩﻐﯘﺑﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻟﻤﺎﭖ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ؟! … ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺳﯩﻞ – ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯜﮔﻪﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ؟! …. داۋامىنى كۆرۈش»

18 دىن ئاشقان << يەسلى بالىلىرى >>

زىيارەت: 546 | باھا:4
ۋاقىت: 22-06-2010

مەمەت 3 كۈندىن بېرى ئۆيدىن تېزراق پۇل كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. نېمە سەۋەبتىندۇر ئۆيدىن كېلىدىغان بۇ ئايلىق پۇل ئەسلى قەرەلىدىن كېچىكىپ كەتكەن ئىدى. ئەتە يېڭى تونۇشقان قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئېسىل سوۋغات تەييارلىشى، ئۇنى ئەتە راۋۇرۇس مېھمان قىلىشى، كەچتە كىنوغا باشلىشى كېرەك. ئەمما… داۋامىنى كۆرۈش»

بلوگگىر [ Bloggers ] لار سەمىگە

زىيارەت: 167 | باھا:21
ۋاقىت: 18-06-2010

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتەرەم بلوگگىر [ Bloggers ] دوستلار ! پېقىر يۈكسەلدىن ھەرقايسىلىرىغا خۇدا سالاملىرى بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ بلوگىلىرى يەنىمۇ گۈللەنسۇن، يۈكسەلسۇن، ئۇيغۇر تور گۈلستانىدىكى ئۆزگىچە سورۇن بۇ بلوگزارلىق تېخىمۇ ياشنىسۇن ، كۆكلىسۇن!
مەقسەت، داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 21، سىز 11-بەتتە بىرىنچى بەت»...910111213...20...«ئاخىرقى بەت