يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار
زىيارەت: 526 |
باھا:4
ۋاقىت: 09-08-2010
مۇھەممەد رەھىم شېئىرلىرىدىن
مەيلى دەيتتىم، گەپمۇ قىلمايتتىم
قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ
زىيارەت: 1,543 |
باھا:0
ۋاقىت: 08-08-2010
ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن ، قايسى جەڭدە يېڭىلگەن. ئەرلەر سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان << 7 چوڭ قاتىل>> نى چۈشەنگەندە، ئۇلار بىلەن بولغان كۈرەشكە ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ . تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش ، جاھىللىق بىلەن ئەرلەرنى تۇغۇلۇشىدىنلا يېڭىلمەس دەپ قارىماسلىق كېرەك .
بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئەرلەر بارا-بارا ئاجىز توپقا ئايلىنىپ قالماقتا . ئائىلە ، جەمئىيەت ۋە خىزمەت بېسىمى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويماقتا. ئەكسىچە ئەنئەنىۋى كۆزقاراشتا << سەن دېگەن ئەر ، سەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىڭ كېرەك >> دېيىلىدۇ . بۇنداق بىمەنە قۇرۇق سەپسەتىچى چۆرۈپ تاشلاپ، ھازىردىن باشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ ، ئۆزىڭىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ !
داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 480 |
باھا:3
ۋاقىت: 04-08-2010
تولۇق نۇسخىسى
2003 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە ، قەدىمىي دىيار بارچۇقتا 6.8 بال يەر تەۋرىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن زىل – زىلە 268 ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىپ، 4000 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىشىدەك ئېغىر تالاپەتنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭلىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تاتۇق قالدۇرۇپ كەتتى. ئۆزۈم ئەنە شۇ تەكلىماكاننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جەننەت كەبى بوستانلىق بارچۇقتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىم ئۈچۈن، شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئەلەملىك خاتىرە بولۇپ قالدى… داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 593 |
باھا:1
ۋاقىت: 03-08-2010
بۈگۈن بىر خىزمەتدىشىم دوستىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەيدىز (AIDS) نى داۋالايدىغان بىر خىل جوڭيىچە دورا توغىرسىدا ماتېرىيال ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن بۇ توغىرلىق ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقىمنى سورىدى، بۇ دورىنى تۇنجى ئاڭلىشىم بولغاچقا قىزىقىپ خىزمەتدىشىم تاپقان بەزى ماتېرىياللار ئاساسىدا توردىن دورىنىڭ باھاسى، ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپتىم. ئىچكىرىدىكى بۇ دورىغا تونۇش كەسىپداشلارنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن توپلىغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ قويدۇم. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 242 |
باھا:1
ۋاقىت: 01-08-2010
بىز ئالدىنقى يازمىمىزدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىدىكى سىر _ ئامېرىكىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى، 知识产权法 ›› نىڭ بولغانلىقى ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدۇق. نەزىرىمىزنى تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىن بۇ قىرغىقىغا ئاغدۇرۇپ، جۇڭگوغا قارايدىغان بولساق، ئەگەر جۇڭگودا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىلمىسە، جۇڭگونىڭ تارىختا 4 چوڭ كەشپىياتنى ياراتقانلىقىدەك تارىخىي يۈكسەك پەللىنى قايتا يارىتىشىدىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 45,021 |
باھا:91
ۋاقىت: 29-07-2010
جىددىي ئاگاھنامە : شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق خەيرى – ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتى پەقەت ۋە پەقەت تور ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق بىر كىشى ئىلھامجان ھەققىدىكى سۈرەتلىك مۇراجەتنامىنى بېسىپ چىقىرىپ كوچا – كويلاردا، مەسچىت، رېستۇرانلاردا ‹‹ ئىئانە توپلاش ›› پائالىيىتى تەشكىللمىدى. ئىلھامجاننىڭمۇ ھېچقانداق بىر ئۇرۇق – تۇغقىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئىئانە قوبۇل قىلىش شەكلى پەقەت ۋە پەقەت 2 خىل : بىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش. يەنە بىرى، بىۋاسىتە ئىلھامجان نامىدىكى سودا – سانائەت كارتىسىغا پۇل يوللاش. باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىئائە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەنمىدى. كۆپچىلىك ۋاقىپ بولغاي ۋە غەيرىي نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كوچا – كويلاردا ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىدەك ئىشلاردىن ھەر زامان ئاگاھ بولغاي !
تېما ئاستىغا مۇختەر بۇغرا ئاكىمىزنىڭ ‹‹ مىھرى مۇھەببەت ئىنسانغا قانات ›› ناملىق تەسىرلىك دىكلماتسىيىسى قويۇلدى.
زىيارەت: 1,385 |
باھا:2
ۋاقىت: 29-07-2010
Emerson ئەپەندى ( 1882 – 1803 ) دىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاساسەن مەدەنىيىتى ( كۈلتۈرى ) يوق بىر دۆلەت ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا بەئەينى كىشىلەر تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمايدىغان بىردىنلا بېيىپ كەتكەن كىشىگە ئوخشايتتى. تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق مەدەنىيىتى ( كۈلتۈرى ) ياكى مەپكۇرىسى ( ئىدىيىسى ) يوق ئىدى. باشقىلار دېگەندەك كۆزگە ئېلىپ كەتمەيتتى. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 209 |
باھا:4
ۋاقىت: 28-07-2010
بالياتقۇ بوينى راكى ( 宫颈癌 ) ياكى سۈت بېزى راكى ( 乳腺癌 ) غا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاياللار بۇنىڭدىن كېيىن «غەربى رايون ئاياللىرى كۈننۇرى فوندى ( 西部女性阳光基金 ) »غا ئىلتىماس سۇنسا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى 20مىڭ يۈەندىن 60مىڭ يۈەنگىچە داۋالىنىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 438 |
باھا:2
ۋاقىت: 27-07-2010
ھەرقايسى ئالىي ئوقۇللارغا بارغىنىمدا ھەر قېتىم ئۆزگىچە كەيپىياتنى ھېس قىلىمەن. شۇنداق قارايمەنكى، كەيپىيات ھەربىر ئالىي ئوقۇلنىڭ جېنىدۇر.
شۇنداق، ئالىي ئوقۇللاردىمۇ كەيپىيات بولىدۇ. خۇددى ئادەملەردىمۇ كەيپىيات بولغىنىدەك. بىز ئۇنى تۇتالمايمىز، كۆرەلمەيمىز ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇ ھاۋاغا ئوخشاش پۈتكۈل ئالىي ئوقۇل كۆكىنى بىر ئالغان بولىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت بۇ خىل ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرىمىز. شۈبھىسىزكى بۇ خىل << ھاۋا >> بىزنىڭمۇ مېجەزىمىزگە تەسىر قىلىپ، كەيپىياتىمىزنى ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 2,957 |
باھا:14
ۋاقىت: 26-07-2010
تۆۋەندىكى رەسىملەر بەلكىم سىزنى غىدىقلىشى، يېڭىچە خىيال – تۇيغۇلارغا يېتەكلىشى مۇمكىن. رەسىم كۆرگەچ ئويلىنىپ كۆرۈڭ ، خالسىڭىز كۆپچىلىك بىلەن كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!… داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 350 |
باھا:11
ۋاقىت: 24-07-2010
بلوگگىر (Blogger) ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغىنى يۇقىرى زىيارەت ئېقىمىدىن قالسا، زىيارەتچىلەر قالدۇرغان ئىنكاس – باھالاردۇر. ئۇنداقتا بلوگ (Blog) يازمىڭىزغا كىملەر ئىنكاس – باھا يازىدۇ؟ ئادەتتە، بلوگلارغا ئىنكاس – باھا يازىدىغانلارنى مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1. تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدىگۈچىلەر داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 753 |
باھا:9
ۋاقىت: 23-07-2010
ئىسىمنىڭ ياخشى قويۇلۇش – قويۇلماسلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ، خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشى بولغان نىكاھلىنىش – توي قىلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قاراش سىزنىڭچە خوراپاتلىقمۇ ؟! يېقىندا ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى ئالىي ئوقۇل Shippensburg University نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىلىپ قالغان ياكى شۇغۇللانغان ئۆسمۈرلەر بىلەن نورمال ئۆسمۈرلەرنى سېلىشتۇرغاندا ، قانۇنسىز قىلمىشلارغا چېتىشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىچىدە غەيرىي – غەلىتە ئىسىملار كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 437 |
باھا:0
ۋاقىت: 22-07-2010
گېزىت ياكى تور بەتلەردا پات-پاتلا بېرىلىپ تۇرىدىغان ئاق قان بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىش ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامىلارغا بەزىدە ئازدۇر كۆپتۇر ياردەم قىلالىساممۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئارمان بار دەرمان يوق بولۇپ توختاپ قالىمەن، بۇ توغىرلىق بىزنى ئىزلەپ ياردەم سوراپ كېلىدىغانلارتېخىمۇ كۆپ، پۇل بېرەلمىسەكمۇ يول كۆرسىتىپ تۇرىمىز. ئاق قان كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئاز پۇل كەتمەيدۇ،10-20 تۈمەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىقتىسات بىردىنبىر مەسىلە ئەمەس، يەنە كۆچۈرۈلىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يىلىك بولۇشى كېرەك. خوش، پۇل بولمىغان بىلەن يىلىك ھەممىمىزدە بارغۇ؟! داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 602 |
باھا:2
ۋاقىت: 21-07-2010
سىزگە ئەگەر مۇنداق ئىككى خىل خىزمەتتىن بىرنى تاللاش پۇرسىتى كەلسە، سىز قايسسىنى تاللايسىز؟
بىرىنچى خىزمەتتە سىزگە بېرىلىدىغان مائاش مۇنداق، بىرىنچى كۈنلۈك مائاشىڭىز بىر پۇڭ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر كۈنلۈك مائاشىڭىز ئالدىنقى كۈنلۈك مائاشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ھېساپلىنىدۇ.
ئىككىنچى خىزمەتتە كۈنلۈك مائاشىڭىز 10،000 يۈەن
ھەر ئىككى خىزمەتنىڭ مۇددىتى پەقەت بىر ئاي.
ياخشى ئويلىنىپ بىرنى تاللاڭ، تاللىشىڭىز توغرىمۇ ئەمەسمۇ، تۆۋەندىكى ھېساباتنى كۆرۈپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز.
زىيارەت: 620 |
باھا:2
ۋاقىت: 21-07-2010
ئەكبەر ھېمىت گۆركار ( تولۇق نۇسخىسى )
موماي ئىزا ۋە خورلۇققا چىدىمىدى. ھەپتە ئىلگىرى ئۇچىسىدىن سېلىپ تىقىپ قويغان، چوڭ-كىچىك تەرەت بىلەن بۇلغانغان، يۇيۇلمىغانلىقتىن قۇرىغان تېرىدەك تاراقشىپ كەتكەن تامبىلىنى كىگىز ئاستىدىن سىيلاپ-سىيپاشتۇرۇپ تېپىپ بوخچىغا چىگدى. كونا يۇڭ رومىلى بىلەن يۈزىنى ئوراپ، مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، كېلىنىنىڭ كۆزىچىلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. كېلىن، ئۆزىگە يۈك بولۇپ قالغان بۇ ”ئۆلمەس قېرى“ غا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى. داۋامىنى كۆرۈش»