• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى

زىيارەت: 600 | باھا:16
ۋاقىت: 24-08-2010

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس. – ئاتىلار سۆزى

بىرىنچى، يالغۇز كىشىلىك Blog دۇچ كېلىۋاتقان 81 مۈشكۈلات

‹‹ گەپ قىلماق ئوڭاي ، ئىش باشلىماق تەس ››، ‹‹ ھەممە ئىشنىڭ بېشى تەس ››، ‹‹ تۇنجى قەدەمنى باسماق مۈشكۈل ›› … دېگەندەك گەپلەر بەلكىم توغرا ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپلەر Blog نەشىر قىلىش ھەققىدە ئېيتىلغاندا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى Blog نەشىر قىلىش شۇ دەرىجىدە ئوڭايكى، سىز پەقەت Blogbus , Blogger , WordPress قا ئوخشاش Blog تەمىنلەش BSP سۇپىلىرىدىن بوشلۇق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئىلتىماس قىلىپلا ۋە ياكى يۈكسەل بلوگىمىزدەك مۇستەقىل تور نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ، WordPress  تەك ئىلغار Blog سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ، ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىنى تەڭشىۋېتىپ، Blog نەشىر قىلىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز، زىيارەتچىلەرنى ئېچىق بېشىدا ئولتۇرۇپ ئېتىزغا سۇ باشلىغاندەك باشلىسىڭىز، Google AdSense تىن كىرىم قىلىپ دوللار كېكىرىپ يۈرۈشنى باشلىسىڭىز  تامامەن بولىدۇ… داۋامىنى كۆرۈش»

يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )

زىيارەت: 1,692 | باھا:2
ۋاقىت: 22-08-2010

توققۇز مىڭ نەچچە يۈز سوملۇق يانفوننىڭ ئاشۇ ياۋاش ئايال تەرىپىدىن ئون بەشىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۆرىۋىتىلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم . چۈنكى ياۋاش ئاياللارنىڭمۇ « مۈڭگۈزى » بولىدىغانلىقىغا ، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ « پارتلاپ » كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .
ئاغىنەمنىڭ يانفونىغا تولاراق ناتونۇش قىز – چوكانلاردىن سىگنال كېلەتتى . قىز – چوكانلار شۇنداق كېلىشىۋالغانمۇ ياكى ئاغىنەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ ، تۆت ئادەم يىغىلغان سورۇن بولسىلا ، ئۇنىڭ يانفونى سايرىغىلى تۇراتتى . بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن بىز زېرىكسەكمۇ ئۇ زېرىكمەيتتى ، ئەكسىچە ئىنتايىن سىپاگەرلىك بىلەن سۆڭگىچىگە قول سوزۇپ ، ئالتۇن تاقىلىق كەمىرىدىن قىممەت باھالىق يانفونىنى ئالاتتى – دە ، قۇلاقلىرىغا يېقىپ تۇرۇپ « خالو ! » دەيتتى . داۋامىنى كۆرۈش»

چاچ چۈشۈش ۋە مەزى بېزى راكى (Hair loss & prostate cancer)

زىيارەت: 943 | باھا:0
ۋاقىت: 21-08-2010

كۆپلىگەن ياشلار چېچىنىڭ چۈشۈپ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر قېرى كۆرۈنۈپ، جەلپكارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاچ چۈشكەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىدا ئۆزىنى كەمسىتىش، تۆۋەن چاغلاش پسىخىكىسى بولىدىكەن.
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 30ياشتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈشكە باشلىغان ياشلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى

زىيارەت: 390 | باھا:1
ۋاقىت: 20-08-2010


ئالدىنقى كالتە يازمىمىزدا نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا، ئاندىن ئۇنىڭ 5 تۈرلۈك رولى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. مەزكۇر يازمىمىزدا مۇكەممەل بولغان نەسەبنامىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 7 چوڭ مەزمۇن توغرىسىدا قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامىنىڭ 5 تۈرلۈك رولى

زىيارەت: 223 | باھا:1
ۋاقىت: 18-08-2010


تارىخي ماتېرىياللارغا كۆرە، قەدىمقى ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىزدا نەسەبنامە ( Family tree، 家谱 ) يېزىش ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بىراق، نەسەبنامە تۇرغۇزۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ۋە ئاز ساندىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىلا چەكلەنگەن ئەنئەنە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئېڭى كۈچلۈك، ئۆز جەمەت تارىخىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر تەركىبى دەپ ھېسابلايدىغان، نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا. داۋامىنى كۆرۈش»

خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك

زىيارەت: 10,834 | باھا:10
ۋاقىت: 16-08-2010

ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring  ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە

زىيارەت: 1,784 | باھا:18
ۋاقىت: 16-08-2010

ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺩﯗﻣﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﺩﯗﻣﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﭘﯩﺸﻜﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

زىيارەت: 197 | باھا:1
ۋاقىت: 16-08-2010

نەسەبنامە ( Family tree ، 家谱 ) تۇرغۇزۇش ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ،تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر ۋە خاقانلار ئۆز نەسەبنامىسىنى تۇرغۇزۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،جەمەتنىڭ پائالىيەت دائرسىنى كېڭەيتىش ، جەمەتنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئەجداد-ئەۋلادلىق رېتى ۋە باشقا تەرتىپلەرنى كۈچەيتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
داۋامىنى كۆرۈش»

شور پىشانە

زىيارەت: 257 | باھا:0
ۋاقىت: 15-08-2010

سىيىتجان سىيىتىشېف ( قازاقستان )

ماڭا ھەر كۈنى ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىش ئۈچۈن بىر ئاز پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ . لېكىن مەن بۇ يولنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك بېسىپ ئۆتىمەن . چۈنكى پىيادىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان بۇ يولنىڭ ئىككى چېتى بۈك-باراقسان بوستانلىق ، باھار پەسلىدە ئالما ، ئالۇچا ۋە شاپتۇل چېچەكلىرى ئاپپاق ۋە ھال رەڭدە ئېچىلىپ كېتىدۇ . سىرىن گۈللەرنىڭ ھىدى پۈتكۈل كوچىغا تاراپ ، كىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ . ھەر خىل رەڭدىكى ئەتىرگۈللەر بولسا تاكى كەچ كۈزگىچە ئېچىلىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق يولدىن بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ پىيادە مېڭىپ ئۆتۈش كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ . كەچقۇرۇنلۇقى ئىشتىن قايتقىنىڭىزدا ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىدۇ .
قىش-ياز پاكىز تۇرىدىغان بۇ يولنىڭ سايە-سالقىنىدىن ، گۈزەل مەنزىرىسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بەھىر ئالاتتى . لېكىن ئۇنى ماڭا ئوخشاش ئەتىگەنلىكى ئىشقا ماڭىدىغان كىشىلەرلا بىلەتتى . چۈنكى يولۇچىلار بىئارام بولمىسۇن دەپ كوچا سۈپۈرگۈچى ئايال ئەتىگەندە ، ھېچكىم كوچىغا چىقماستا يولنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ بولاتتى . داۋامىنى كۆرۈش»

ئەۋەتىلمىگەن خەت

زىيارەت: 723 | باھا:4
ۋاقىت: 13-08-2010

ئەۋەتىلمىگەن خەت

(تەرجىمە ئەسەر)

بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن

قەدىرلىكىم،

بۈگۈن يەكشەنبە، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ساڭا خەت يېزىپ ئولتۇرۇشقا كۆنۈپ قاپتىمەن. ئەلۋەتتە بۇ خەتلەرنى ساڭا ئەۋەتمەيمەن، ئەمما مۇشۇنداق كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇپ سېنىڭ بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىدۇ.

بۇ بىر يىل ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن ھە؟! بىز ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ ھەش پەش دىگۈچە تۆت ئاي بولۇپ قاپتۇ، سەن كەتكەن شۇ كۈنى سەن  بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدىم، سېنىڭ تېلېفونىڭنى، كومپيۇتېرىمدىكى سېنىڭ QQ نومۇرۇڭ ھەتتا MSN نومۇرۇڭنىمۇ ئۆچۈرىۋەتتىم. پەقەت ئېكراندا سېنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سىمايىڭ قېلىپ قالدى.مۇشۇنداق قىلسام ئىشلەۋاتقاندىمۇ سەن يېنىمدا ھەمرا بولۇپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن. ئەيدىز خۇددى ئالۋاستىنىڭ ئەپسۇنىدەك ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، تۇيۇقسىزلا پۈتۈن دۇنيا ماڭا رەڭسىز كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. دىئاگىنوز قەغىزىنى قولۇمغا ئالغان شۇ دەقىقىدە ھاياتلىقنىڭ ماڭا بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭى بەتلىرىنى ۋاراقلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. داۋامىنى كۆرۈش»

گەنسۇدىكى لاتقا – شېغىل ئاپىتى

زىيارەت: 484 | باھا:4
ۋاقىت: 13-08-2010

2010-يىلى كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگودا ھەر خىل ئاپەتلەر ئۈزۈلمىدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا مەملىكىتىمىز بويىچە يۈز بەرگەن گېئولوگىيىلىك ئاپەت 19553 قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى بۇ يىل 14-ئاپرېل چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ( 青海玉树 ) ناھىيىسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش بولۇپ، بۇ ئاپەتتە 2200دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 70 نەچچە ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى.ئەتىيازدىن بېرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق دەستىدىن سۈيى تارتىلىپ كەتكەن دەريا-ئېقىنلار يازدىن بۇيانقى قاتتىق يامغۇر تۈپەيلى  7-ئاي كىرگەندىن بۇيان يىللاردىكىدىن بالدۇرلا كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىپ، ئىلگىرىكىدىن كۆلىمى چوڭ ۋە زىيىنى زور بولغان كەلكۈن، تاشقىن، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمىدى. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ پىشكەللىكلىرى

زىيارەت: 2,684 | باھا:3
ۋاقىت: 12-08-2010

يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى: مەزكۇر ئەسەر بۇندىن ئىلگىرى ‹‹ بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى ›› دە ئېلان قىلىنغان ( ئەسلى قەلەم ساھىبىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىدى ) بولۇپ، مەزكۇر ئەسەردە ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان بىرقانچە مەسىلە، يۈزلىنىش ۋە مۇشۇ ھەقتىكى ئويلار قەلەمگە ئېلىنغان. شۇنى ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇش ھاجەتكى، مەزكۇر ئەسەردىكى قاراشلار مۇئەللىپنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولۇپ، مەزكۇر يازمىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى  يۈكسەل بلوگىنىڭ مەزكۇر ئەسەردىكى بارلىق ئوي – قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز پەقەت ئۆز – ئارا پىكىرلىشىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈنلا  قايتا ئېلان قىلدۇق.
داۋامىنى كۆرۈش»

ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشكە دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان سۇئاللار

زىيارەت: 4,629 | باھا:0
ۋاقىت: 11-08-2010

1. ئەيدىزنى نەگە بېرىپ تەكشۈرتىمىز ؟

2. مەن بارسام، ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟

3. ئۇلار مەندىن نېمە سوئاللارنى سورايدۇ ؟

4. باشقىلار بىلەن بىللە كېلىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ ؟

5. تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟

================================================================== داۋامىنى كۆرۈش»

Buffett ۋە Gates نىڭ جۇڭگولۇق بايلارغا گېپى ئۆتەرمۇ ؟

زىيارەت: 506 | باھا:6
ۋاقىت: 10-08-2010

كۈنىمىزدە، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق بايلار قەدىمىي پادىشاھلارنىڭ ‹‹ ئەۋلادتىن ئەۋلادغا مىراس قالدۇرۇش ›› ئۇلۇغ ماھارىتىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىپ، تۇشمۇ – تۇشتىن تاپقان تەرگىنىنى چەتئەل بانكا – شىركەتلىرىگە يۆتكەپ، ياراتقان ئىگىلىكىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مەڭگۈ قۇرۇماي ياشناپ، راۋاجلىنىپ تۇرۇشىنى ئۇلۇغ تەڭرىدىن تىلەپ تۇرۇشقانلىرىدا، جاھانگىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇۋىسى سانىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى بايلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى مىسلىسىز قايغۇغا سالىدىغان ‹‹ ئەخمىقانە ›› بىر ئىشنى قىلىشنى داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇزۇقلۇق-يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن داۋالاشتىنمۇ مۇھىم

زىيارەت: 220 | باھا:0
ۋاقىت: 10-08-2010

ئادەم ئەيدىز ۋىرۇس(HIV)ىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى توختىماستىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بۇزۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە شۇ پۇرسەتتە باشقا كېسەللەردىن يۇقۇملىنىپ، يۇقۇملانغۇچىنى يىقىتىدۇ. بۇ ھەر بىر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇقەررەر جەريان. بىز بۇ جەرياننىڭ يېتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالالمايمىز ئەمما كېچىكتۈرەلەيمىز. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار داۋالاشلاردىن باشقا، يەنە ئۇزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق كېسەللىك تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇزۇقلۇقنىڭ رولى داۋالاشقا ئوخشاشلا مۇھىم. داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 21، سىز 8-بەتتە بىرىنچى بەت»...678910...20...«ئاخىرقى بەت