• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ھەمجىنىسۋازلىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

زىيارەت: 13,056 | باھا:60
ۋاقىت: 03-09-2010

ئاگاھنامە: تېما زىل بولغاچ، مەزكۇر يازمىنى باشقا تور بەت ۋە بلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇ تېمىنى يېزىشنى بىر ئاي ئىلگىرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قولغا قەلەم ئالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم يېزىپ، پۈتەي دەپ قالغان ئورگىناللارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم، يازما تېمىسى، ئاساسى مەزمۇن قاتارلىقلاردىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىش قىلدىم، ھەمجىنىسۋاز ( 同性恋 ، Homosexuality ) لاردىن ئىبارەت بۇ بىر ئالاھىدە كىشىلەر ھەققىدە ھەم ئوقۇرمەنلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئەمەلىيەتتىن چەتنىمىگەن بىر تېما يېزىش ماڭا تەسكە توختاۋاتاتتى. ئاخىرى نېمە بولسا بولسۇن، ئاۋۋال يازاي، شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرىنى، كۆز قارىشىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن يەنە قايتا يېزىشقا كىرىشتىم. داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ ئىزدىنىش ›› ئەھلىگە يوقلىما

زىيارەت: 2,370 | باھا:116
ۋاقىت: 02-09-2010

دىيارىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگىلى يېرىم يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، توردىكى ئىللىق ئائىلىمىز ‹‹ ئىزدىنىش مۇنبىرى ›› تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم دوستىمىز توختاخۇن ( ئىزدىنىش ) بىلەن پىكىرلەشكەن بولساممۇ ، سەيپۇڭ مىجەز ( ئەتىسى تۈگمەس ) بۇ ئاغىينىمىز ‹‹ ئاز قالدى، پات ئارىدا ئاچىمەن … ›› دەپ قاراپ تۇردى. ئەمما، كەلگۈلۈك ماڭا بولدى ، ھېلى QQ ، ھېلى يانفونىم تىتىلداپ ، داۋامىنى كۆرۈش»

ئەيدىز بار

زىيارەت: 1,096 | باھا:2
ۋاقىت: 01-09-2010

ئالاھىدىن ئابدىرشىت
( ئوۋچى تور خاتىرىسى )

ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،

ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،

تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،

پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،

چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.

داۋامىنى كۆرۈش»

پاكىستاندا ئېقىۋاتقىنى سەلمۇ ياكى كۆز ياش؟!

زىيارەت: 1,415 | باھا:7
ۋاقىت: 30-08-2010

پاكىستاندا سەل ئاپىتى كۆرۈلگىنىگە 1 ئاي بولۇپ قالدى. يېقىنقى 80 يىل ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قېتىمقى سەل ئاپىتى پاكىستاننى گويا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. سەل سۇلىرىنىڭ ئاستىدا قالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئولتۇراق رايونلار شۇ قەدەر كەڭ كەتكەنكى، گويا پاكىستاندا بىر دېڭىز شەكىللەنگەندەكلا مەنزىرە پەيدا بولدى. پاكىستاننىڭ 5 / 1 ئۆلۈش زېمىنى ھېلىھەم سۇ ئاستىدا تۇرماقتا. سەل ئاپىتى 1600 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، 12مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىنى ، 20 مىليون كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستاندىكى سەل ئاپىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، داۋامىنى كۆرۈش»

بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىيگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇم

زىيارەت: 4,840 | باھا:15
ۋاقىت: 29-08-2010

دۇنيادىكى باشقا قەۋملەردە ئۆز مەشھۇر كىشىلىرىگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇملارنى ئىشلەش، سېتىش، ساقلاش خېلىلا كۆلەملەشكەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مەشھۇر كىشىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرغىلى، ئەۋلادلارغا ئەڭ بىۋاسىتە ئەجداد تەربىيىسى بەرگىلى، يادلانغۇچى مەشھۇرلارغا يۈكلەنگەن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى كەڭ تارقاتقىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل مەدەنىيەت بازارلىرىنى جانلاندۇرۇپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولاتتى. ھالبۇكى، بىزدە بۇ ساھەگە تېخى تولۇق دىققەت ئاغدۇرۇلغىنى يوق.

داۋامىنى كۆرۈش»

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

زىيارەت: 3,657 | باھا:40
ۋاقىت: 27-08-2010

بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن. داۋامىنى كۆرۈش»

ئىسىم – فامىلىچىلىكىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

زىيارەت: 1,113 | باھا:3
ۋاقىت: 26-08-2010

يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى: مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، خالىدە ئىسلام قەلىمىدىكى ماقالە بولۇپ ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتچىلىقى ھەققىدە ئاپتورنىڭ پىكرىي قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا ‹‹ تەگئات ›› سۆزى يازما مەتبۇئاتلىرىمىزدا قېلىپلاشقىنى بويىچە ‹‹ فامىلە ›› دەپ ئېلىنغان. ھالبۇكى ، بىز كىرمە سۆز ‹‹ فامىلە ›› ئورنىغا ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ‹‹ تەگئات ›› نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەسەر ھوقۇقىغا دەخىلە يەتمەسلىكى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا ئۆزگەرتىلمەي، ئەينەن ئېلىندى. تورداشلار تۈزىتىپ ئوقۇغاي! داۋامىنى كۆرۈش»

كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى

زىيارەت: 623 | باھا:16
ۋاقىت: 24-08-2010

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس. – ئاتىلار سۆزى

بىرىنچى، يالغۇز كىشىلىك Blog دۇچ كېلىۋاتقان 81 مۈشكۈلات

‹‹ گەپ قىلماق ئوڭاي ، ئىش باشلىماق تەس ››، ‹‹ ھەممە ئىشنىڭ بېشى تەس ››، ‹‹ تۇنجى قەدەمنى باسماق مۈشكۈل ›› … دېگەندەك گەپلەر بەلكىم توغرا ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپلەر Blog نەشىر قىلىش ھەققىدە ئېيتىلغاندا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى Blog نەشىر قىلىش شۇ دەرىجىدە ئوڭايكى، سىز پەقەت Blogbus , Blogger , WordPress قا ئوخشاش Blog تەمىنلەش BSP سۇپىلىرىدىن بوشلۇق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئىلتىماس قىلىپلا ۋە ياكى يۈكسەل بلوگىمىزدەك مۇستەقىل تور نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ، WordPress  تەك ئىلغار Blog سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ، ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىنى تەڭشىۋېتىپ، Blog نەشىر قىلىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز، زىيارەتچىلەرنى ئېچىق بېشىدا ئولتۇرۇپ ئېتىزغا سۇ باشلىغاندەك باشلىسىڭىز، Google AdSense تىن كىرىم قىلىپ دوللار كېكىرىپ يۈرۈشنى باشلىسىڭىز  تامامەن بولىدۇ… داۋامىنى كۆرۈش»

يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )

زىيارەت: 1,902 | باھا:2
ۋاقىت: 22-08-2010

توققۇز مىڭ نەچچە يۈز سوملۇق يانفوننىڭ ئاشۇ ياۋاش ئايال تەرىپىدىن ئون بەشىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۆرىۋىتىلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم . چۈنكى ياۋاش ئاياللارنىڭمۇ « مۈڭگۈزى » بولىدىغانلىقىغا ، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ « پارتلاپ » كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .
ئاغىنەمنىڭ يانفونىغا تولاراق ناتونۇش قىز – چوكانلاردىن سىگنال كېلەتتى . قىز – چوكانلار شۇنداق كېلىشىۋالغانمۇ ياكى ئاغىنەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ ، تۆت ئادەم يىغىلغان سورۇن بولسىلا ، ئۇنىڭ يانفونى سايرىغىلى تۇراتتى . بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن بىز زېرىكسەكمۇ ئۇ زېرىكمەيتتى ، ئەكسىچە ئىنتايىن سىپاگەرلىك بىلەن سۆڭگىچىگە قول سوزۇپ ، ئالتۇن تاقىلىق كەمىرىدىن قىممەت باھالىق يانفونىنى ئالاتتى – دە ، قۇلاقلىرىغا يېقىپ تۇرۇپ « خالو ! » دەيتتى . داۋامىنى كۆرۈش»

چاچ چۈشۈش ۋە مەزى بېزى راكى (Hair loss & prostate cancer)

زىيارەت: 1,082 | باھا:0
ۋاقىت: 21-08-2010

كۆپلىگەن ياشلار چېچىنىڭ چۈشۈپ تاقىرباش بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر قېرى كۆرۈنۈپ، جەلپكارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاچ چۈشكەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىدا ئۆزىنى كەمسىتىش، تۆۋەن چاغلاش پسىخىكىسى بولىدىكەن.
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 30ياشتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈشكە باشلىغان ياشلارنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامىنىڭ 7 چوڭ مەزمۇنى

زىيارەت: 459 | باھا:1
ۋاقىت: 20-08-2010


ئالدىنقى كالتە يازمىمىزدا نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا، ئاندىن ئۇنىڭ 5 تۈرلۈك رولى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. مەزكۇر يازمىمىزدا مۇكەممەل بولغان نەسەبنامىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 7 چوڭ مەزمۇن توغرىسىدا قىسىقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامىنىڭ 5 تۈرلۈك رولى

زىيارەت: 271 | باھا:1
ۋاقىت: 18-08-2010


تارىخي ماتېرىياللارغا كۆرە، قەدىمقى ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىزدا نەسەبنامە ( Family tree، 家谱 ) يېزىش ئېسىل ئەنئەنىسىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. بىراق، نەسەبنامە تۇرغۇزۇش قەدىمكى دەۋرلەردە خان جەمەتى، ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسى ۋە ئاز ساندىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدىلا چەكلەنگەن ئەنئەنە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئېڭى كۈچلۈك، ئۆز جەمەت تارىخىنى مىللەت تارىخىنىڭ بىر تەركىبى دەپ ھېسابلايدىغان، نەسەبنامە ئارقىلىق ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە ئۇلاشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاز ساندىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلماقتا. داۋامىنى كۆرۈش»

خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك

زىيارەت: 14,670 | باھا:10
ۋاقىت: 16-08-2010

ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring  ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

مۇزدەك يۇمۇردىن بىر كەلىمە

زىيارەت: 2,786 | باھا:19
ۋاقىت: 16-08-2010

ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺯﻩﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺗﻮﻗﯘﭖ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺩﯗﻣﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯟﺍﻻﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﺩﯗﻣﯘﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﭘﯩﺸﻜﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ، ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، داۋامىنى كۆرۈش»

نەسەبنامە ۋە شەجەرە توغرىسىدا

زىيارەت: 272 | باھا:1
ۋاقىت: 16-08-2010

نەسەبنامە ( Family tree ، 家谱 ) تۇرغۇزۇش ئۇيغۇرلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ،تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر ۋە خاقانلار ئۆز نەسەبنامىسىنى تۇرغۇزۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش،جەمەتنىڭ پائالىيەت دائرسىنى كېڭەيتىش ، جەمەتنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئەجداد-ئەۋلادلىق رېتى ۋە باشقا تەرتىپلەرنى كۈچەيتىش ھەم كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان .
داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 24، سىز 10-بەتتە بىرىنچى بەت»...89101112...20...«ئاخىرقى بەت