• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

تور ھەققىدە كونا پاراڭلار

زىيارەت: 56 | باھا:0
ۋاقىت: 03-02-2009


ﺗﻮﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﻗﻘﺎ – ﺗﯘﻗﻘﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ …

بۇلار 2007 – يىلىدىكى پاراڭلار


ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﻪﺭﻧﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪ ( ﺗﻮﺭ ) ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻮﺭ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ 2006 – ﻳﯩﻠﻰ 7 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 – ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 100 ﻣﯩﻠﻴﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻨﻰ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﻮﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ – ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ – ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺘﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﻟﺒﺎﺷﯩﻤﯩﺰ ﺧﯘﺟﯩﻨﺘﺎﯞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ << ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﮔﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﯨﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻮﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻮﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﻠﺠﯩﺘﻘﯘﭼﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﺳﻰ . داۋامىنى كۆرۈش»

( جىددىي ) BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار دىققەت

زىيارەت: 146 | باھا:1
ۋاقىت: 01-02-2009

 

BlogBus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار سەمىگە

خەلق تورى ( 人民网 ) نىڭ خەۋرىگە كۆرە، مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان توردىكى قانۇنسىز قىلمىشلار ۋە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەش بويىچە  6 – تۈركۈمدە  ئېلان قىلىنغان شەھۋانيىلىققا چېتىلىپ قالغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىچىدە Blogbus مۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن جىددىي شەھۋانىي مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلاش – تۈزەشكە بۇيرۇلىپتۇ. بەلكىم ، بۇندىن ئېغىرراق چارە كۆرۈلۈشى ھەتتا ، مەزكۇر تور بېكەتلەرنى تاقىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
شۇڭا، مەزكۇر بلوگ سۇپىسىدىن بلوگ ئالغان بلوگىر دوستلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن قۇلاق سېلىپ تۇرغاي ۋە بلوگ يازمىلىرىنى زاپاسلىۋېلىشقا سەل قارىمىغاي! كۈتمىگەن ئىش بولۇپ قالسا ، ئاپلا دېگەن بىلەن ئىزىغا كەلمەيدۇ.

جىددىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

ھۆرمەت بىلەن

يۈكسەل بلوگى

ئەيدىز بىمارى ئەسقەر بىلەن سۆھبەت

زىيارەت: 824 | باھا:0
ۋاقىت: 31-01-2009

ئاساسىي ئەھۋال : ئەسقەر ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئەر ، ئۇيغۇر؛ زەھەر چېكىش تۈپەيلى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان. ئىلگىرى يۈرگەن قىزى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى قويغان. ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى يوق . چىقۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش جەريانىدا تېببىي خادىملارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان… داۋامىنى كۆرۈش»

تارىخ ، شىنجاڭ ، تاشپۈتۈك

زىيارەت: 219 | باھا:0
ۋاقىت: 31-01-2009


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا تۇرغۇزۇلغان ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك

م . ئا . يۈكسەل


شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى  شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش، چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىش، ياقۇپبەگ باسقۇنچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شىنجاڭدىكى ئۈچ جايغا ئۈچ پارچە تاشپۇتۇك تۇرغۇزدى. بۇ تاشپۇتۇكلەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم شاھىدلىرىدۇر.
بۇ تاشپۇتۇكلەرنىڭ بىرىنچىسى—جۇڭغارلارنى تىنچىتىش، تۆھپە خاتىرە تېشى بولۇپ، قىسقارتىلىپ گەدەن تېغى تۆھپە خاتىرە تېشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاشپۇتۇك موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى گەدەن تېغىغا تۇرغۇزۇلغان. بۇ تاشپۇتۇكنىڭ تېكىستىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلۇڭ يازغان بولۇپ، مانجۇ، خەنزۇ، موڭغۇل، تېبەت قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتا تاشقا ئويۇلغان. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: داۋامىنى كۆرۈش»

پىشانىسى شور كىشىلەر

زىيارەت: 985 | باھا:4
ۋاقىت: 31-01-2009

ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﻮﯓ ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺕ ، ﺭﻩﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ … داۋامىنى كۆرۈش»

ئالتۇنرەڭ بالىلىق ( ئەسلىمە+ سۈرەت + مۇزىكا )

زىيارەت: 242 | باھا:8
ۋاقىت: 29-01-2009

ئالتۇنرەڭ بالىلىق ( ئەسلىمە+ سۈرەت + مۇزىكا )

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﺟﯜﻡ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯚﻳﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻍ – ﯞﺍﺭﺍﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯﯛﻣﻠﯜﻙ ﺑﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﻯ ، ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯧﺮﻩﻛﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯧﯟﻩﺯﻟﯩﻚ، ﺷﯩﻤﺎﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﺪﺍ ﺳﯚﮔﻪﺕ ، ﻣﻪﺟﻨﯘﻧﺘﺎﻟﻼ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻨﯔ ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻍ – ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻣﯘﺕ، ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻳﺎﭖ – ﻳﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﺎﭖ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ -ﻣﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﺎﮬﺎﺭ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﮬﻪﻱ ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ – ﮬﻪ ! داۋامىنى كۆرۈش»

يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە 9 گەپ

زىيارەت: 54 | باھا:4
ۋاقىت: 27-01-2009

يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە 9 گەپ

يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئەسلىدىكى تور ئادرېسىمىز ئالماشقان، كەڭ بلوگىر دوستلار ۋەباشقا ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر بىلەن قىلغان دوستانە ئۇلىنىشلىرىمىز ئەمەلدىن قالغان شارائىت ئاستىدا، يۈكسەل بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمىدا زور تۆۋەنلەش كۆرۈلمدى. نۆۋەتتە زىيارەت ئېقىمى يەنىلا مۇقىم سەۋىيىدە سىجىل ئاشماقتا.
ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بلوگ زىيارىتىگە تېخىمۇ قولايلىق ( كۆرسەتمە ) بولۇشى ئۈچۈن، مەزكۇر تېمىدا يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

ئەيدىز  بىمارى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت

زىيارەت: 619 | باھا:0
ۋاقىت: 27-01-2009

ئاساسىي مەزمۇن : زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلانغان. سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلاشقان، ئائىلە ئەزالىرى دەسلەپ ھەممىسى قورقۇپ قېچىشقان، كېيىنچە ئەيدىز ھەققدىكى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاشقانسېرى بارا -بارا يېقىنلىشىپ ئارىغا ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن، مېھرى – مۇھەببەت ئاتا قىلىشقان. نىكاھلانغان بولۇپ، ئايالىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان.
سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : بىگۇناھ ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتىدە بولغان ئۆزگىرىش ، كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى قانداق بېسىش … داۋامىنى كۆرۈش»

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

زىيارەت: 566 | باھا:0
ۋاقىت: 27-01-2009

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ( 甘州回鹘 ) ئىلگىرى خېشى ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، تاكى داڭشىياڭلار تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 200 يىلغا يېقىن دەۋران سۈرگەن ئىدى. گۈللەنگەن دەۋرلىرىدە گەن، لياڭ، شا، سۇ، چىن قاتارلىق شەرىقتە خېلەن تاغ ئېتەكلىرىدىن ( ھازىرىقى نىڭشىيانىڭ غەربىدىكى ئىچىكى مۇڭغۇل بىلەن چىگىرلىنىدىغان جايىغا جايلاشقان تاغ ) غەرىپتە قومۇلغىچە سوزۇلغان دائىرىدە ھۆكۈم سۈرۈشكەن ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى؟ داۋامىنى كۆرۈش»

ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻨﯩﯔ يەنە ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﻯ

زىيارەت: 270 | باھا:1
ۋاقىت: 26-01-2009


ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ – ﺟﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ – ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﯩﻲ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ – ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ. داۋامىنى كۆرۈش»

ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ

زىيارەت: 55 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ


ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﻰ – ﭼﯧﭙﻰ ﺑﻮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯧﭙﻰ – ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻠﻮﮒ ﻳﯧﺰﯨﺸﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ 18 – 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﭽﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ 500ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﻤﺎ ؟ ﻳﺎﻕ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﺍﺷﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ ؟ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﻻ ، ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. داۋامىنى كۆرۈش»

ﯪﻱ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯪﺗﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

زىيارەت: 222 | باھا:5
ۋاقىت: 26-01-2009

ئىلاۋە : << ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش توغرىسىدا >> ناملىق چاتما يازمىلىرىم بۇندىن4 يىل بۇرۇن (2005 – يىلى ) ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا مۇئەييەن غۇلغۇلا قوزغالغان، تورداشلار تېگىشلىك پىكىر – تەكلىپلىرىنى بەرگەن ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ ماقالە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ، مىللەتنى سۆيۈش ، كېيىنكىلەرگە ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنۇشلىرىمىزدىن بىر مېسال خالاس. ھازىر كەمىنە ئەينى چاغدا ئۆزۈم تەشەببۇس قىلغان ئۇشبۇ تەكلىپتىكى بەزى ئاي ناملىرىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش، ئۆگىنىشكە توغرا كەلگۈدەك. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر يازمىنى خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش، بلوگىمغا كىرگەن تورداشلارغا مۇشۇنداق تېمىنىڭ ئىزدىنىشقا ئەرزىيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېقىش مەقسىتىدە قايتا يوللىدىم . داۋامىنى كۆرۈش»

ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ

زىيارەت: 32 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ


ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺭﻗﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﯨﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﯧﺘﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﯘ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ! داۋامىنى كۆرۈش»

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-2004)

زىيارەت: 259 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-2004)


ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2003 – ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻣﯩﺰ : داۋامىنى كۆرۈش»

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

زىيارەت: 37 | باھا:2
ۋاقىت: 25-01-2009

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويۇش ھاجەتكى،  بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى مانا ، دەپ ئېنىق بىر يول كۆرسىتىپ بېرىشكە ئىمكانسىزمەن. ئەمما، مەزكۇر تېمىدا بلوگىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بلوگىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولۇشىم مۇمكىن. داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 24، سىز 20-بەتتە بىرىنچى بەت»...10...1819202122...«ئاخىرقى بەت