• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ئەيدىز  بىمارى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت

زىيارەت: 527 | باھا:0
ۋاقىت: 27-01-2009

ئاساسىي مەزمۇن : زەھەر چەككەنلىكى تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈپ، ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىقلانغان. سالامەتلىك ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلاشقان، ئائىلە ئەزالىرى دەسلەپ ھەممىسى قورقۇپ قېچىشقان، كېيىنچە ئەيدىز ھەققدىكى چۈشەنچىلىرى چوڭقۇرلاشقانسېرى بارا -بارا يېقىنلىشىپ ئارىغا ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن، مېھرى – مۇھەببەت ئاتا قىلىشقان. نىكاھلانغان بولۇپ، ئايالىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان.
سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى : بىگۇناھ ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئائىلە مۇناسىۋىتىدە بولغان ئۆزگىرىش ، كېيىنكى ھايات مۇساپىسىنى قانداق بېسىش … داۋامىنى كۆرۈش»

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

زىيارەت: 459 | باھا:0
ۋاقىت: 27-01-2009

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى ؟

گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى ( 甘州回鹘 ) ئىلگىرى خېشى ئۇيغۇرلىرى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، تاكى داڭشىياڭلار تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 200 يىلغا يېقىن دەۋران سۈرگەن ئىدى. گۈللەنگەن دەۋرلىرىدە گەن، لياڭ، شا، سۇ، چىن قاتارلىق شەرىقتە خېلەن تاغ ئېتەكلىرىدىن ( ھازىرىقى نىڭشىيانىڭ غەربىدىكى ئىچىكى مۇڭغۇل بىلەن چىگىرلىنىدىغان جايىغا جايلاشقان تاغ ) غەرىپتە قومۇلغىچە سوزۇلغان دائىرىدە ھۆكۈم سۈرۈشكەن ئىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە بۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى نەگە يوقالدى؟ داۋامىنى كۆرۈش»

ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻨﯩﯔ يەنە ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﻯ

زىيارەت: 238 | باھا:1
ۋاقىت: 26-01-2009


ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ – ﺟﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ – ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﯩﻲ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ – ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻗﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ. داۋامىنى كۆرۈش»

ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ

زىيارەت: 41 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ


ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﻰ – ﭼﯧﭙﻰ ﺑﻮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯧﭙﻰ – ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻠﻮﮒ ﻳﯧﺰﯨﺸﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ 18 – 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺵ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﭽﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ 500ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﻤﺎ ؟ ﻳﺎﻕ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﺳﻰ ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﺍﺷﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﺭ! ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯗ ؟ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯩﺮﻻ ، ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﯧﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. داۋامىنى كۆرۈش»

ﯪﻱ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯪﺗﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

زىيارەت: 162 | باھا:4
ۋاقىت: 26-01-2009

ئىلاۋە : << ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش توغرىسىدا >> ناملىق چاتما يازمىلىرىم بۇندىن4 يىل بۇرۇن (2005 – يىلى ) ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا مۇئەييەن غۇلغۇلا قوزغالغان، تورداشلار تېگىشلىك پىكىر – تەكلىپلىرىنى بەرگەن ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ ماقالە بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش ، مىللەتنى سۆيۈش ، كېيىنكىلەرگە ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنۇشلىرىمىزدىن بىر مېسال خالاس. ھازىر كەمىنە ئەينى چاغدا ئۆزۈم تەشەببۇس قىلغان ئۇشبۇ تەكلىپتىكى بەزى ئاي ناملىرىنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش، ئۆگىنىشكە توغرا كەلگۈدەك. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر يازمىنى خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش، بلوگىمغا كىرگەن تورداشلارغا مۇشۇنداق تېمىنىڭ ئىزدىنىشقا ئەرزىيدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېقىش مەقسىتىدە قايتا يوللىدىم . داۋامىنى كۆرۈش»

ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ

زىيارەت: 22 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ


ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺭﻗﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﯨﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﯧﺘﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﯘ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ! داۋامىنى كۆرۈش»

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-2004)

زىيارەت: 218 | باھا:0
ۋاقىت: 26-01-2009

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2003-2004)


ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2003 – ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻣﯩﺰ : داۋامىنى كۆرۈش»

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

زىيارەت: 29 | باھا:2
ۋاقىت: 25-01-2009

بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتىكى 5 قەدەم

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ قويۇش ھاجەتكى،  بلوگىڭىزنىڭ 2009 – يىللىق تەرەققىيات يۆنىلىشى مانا ، دەپ ئېنىق بىر يول كۆرسىتىپ بېرىشكە ئىمكانسىزمەن. ئەمما، مەزكۇر تېمىدا بلوگىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەزى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بلوگىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئوي سۈرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولۇشىم مۇمكىن. داۋامىنى كۆرۈش»

شىنجاڭدا جىنسىيەت تەربىيىسى باشلانغۇچ 4 – سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى

زىيارەت: 615 | باھا:0
ۋاقىت: 23-01-2009

شىنجاڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ «ساغلاملىق تەربىيىسى»دەرىسلىكى جىددىي تۈزۈلمەكتە

يۈكسەل AIDS  تور تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىن كروران تەييارلىغان

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك << ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساغلاملىق تەربىيىسى يېتەكچىلىك تىزىسى>> پات ئارىدا ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىلىرىغا تارقىتىلىدۇ. تىزىسقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان مەزمون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ مەخسۇس تىما قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇنجى قېتىم يېڭى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلۈپ مۇلاھىزە قىلىنغان. داۋامىنى كۆرۈش»

چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟

زىيارەت: 1,508 | باھا:13
ۋاقىت: 23-01-2009

ئىسىم – تەگئات قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

1. ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟

بىزنىڭ بۇ سۇئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى، ياق! ئىسىم ياكى تەگئات قويۇشتا ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﺴﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﻼﺳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، بۇنىسى ﺋﻪﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯖﯩﺰ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺨﻼﺳﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ!
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ  داۋامىنى كۆرۈش»

خەتكۈچلەردىن ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ نوتۇقلىرىغا نەزەر

زىيارەت: 64 | باھا:1
ۋاقىت: 23-01-2009

خەتكۈچ بۇلۇتىدىن ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ نوتۇقلىرىغا نەزەر

ئوبامانىڭ 20 – يانىۋاردىكى نوتۇقى

خەتكۈچلەر: ئامېرىكا ، مىللەت، خەلق، يېڭى ، ھەربىر ، دۇنيا ، ئورتاق، چوقۇم

كىچىك بۇشنىڭ 2005 – يىلىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقى

خەتكۈچلەر: ئەركىنلىك، ئامېرىكانلار ، ئامېرىكىنىڭ، ۋەتەن، ھەربىر ، مىللەت

كلىنتوننىڭ 2 – قېتىم ئەلباشلىققا ئولتۇرغان چاغدىكى نوتۇقى داۋامىنى كۆرۈش»

داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ چىقىش يولى يوقمۇ ؟

زىيارەت: 16 | باھا:0
ۋاقىت: 23-01-2009

داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ چىقىش يولى نەدە ؟

داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پەۋقۇلئاددىلىقى ۋە مىسلىسىزلىقى تۈپەيلى بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ساقلانماق تەس. لېكىن، تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش لازىم.
( 1 ) داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەينى چاغدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ مەقسىتىنى قايتا مۇھاكىمە قىلىش لازىم.
( 2 ) سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ خاراكتېرى روشەن بولۇشى كېرەك. يەنى ئۇ جامائەت مۇلازىمىتىمۇ ياكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كارخانىمۇ؟
( 3 ) سەھىيە سىستېمىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈش بىر قاتار مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، زىيادە داۋالاش، دوختۇر بىمار مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلىشىشى قاتارلىقلار داۋالاش – سەھىيە سىستېمىسىنى تولىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق بىر قاتار يامان ئاقىۋەتلەرگە بولغان ئىنكاس تېز بولمايدىكەن ئۇ چاغدا، بۇنداق ئاقىۋەتلەرنى دەل ۋاقىتىدا، كەسكىن تەدىبر قوللىنىپ ئوڭشىۋېلىشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
( 4 ) داۋالاش ئىسلاھاتنىڭ چىقىش يولى زادى نەدە؟ داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغانلقىنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، دۆلەت رازى بولۇش، خەلق رازى بولۇش، سەھىيە – داۋالاش خادىملىرى رازى بولۇش. يۇقىرىقى 4 تەرەپكە ئاساسلىنىپ، 6 تۈرلۈك دەسلەپكى پىكىرنى كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىمىز. داۋامىنى كۆرۈش»

ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ (2004 -1997)

زىيارەت: 166 | باھا:0
ۋاقىت: 23-01-2009

ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ (2004 -1997)

ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ 1996 – ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﺎﻛﻰ 2004 – ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﻰ 498 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 31 ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻗﺴﯘﻧﯩﯔ 8 ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ 1 ﺷﻪﮬﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻧﻰ 1 – ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﻩﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. داۋامىنى كۆرۈش»

ئوبامانىڭ << يېڭى مۇستەقىللىق ختابنامىسى >> دىن 3 تەسىرات

زىيارەت: 84 | باھا:0
ۋاقىت: 22-01-2009

ئوبامانىڭ << يېڭى مۇستەقىللىق ختابنامىسى >> دىن تەسىرات

ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان ئەلباشى باراك ئوباما تۈنۈگۈن يەنى 1 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ ئەلباشلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي ئولتۇرغانلىقىنى ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاكار ئەيلەپ، ئۆزىنىڭ 4 يىلغا سوزۇلىدىغان ئەلباشلىق ھاياتىنى باشلىدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ئۇ ئۆزىنى لىنكولىنغا تەققاسلاپ << ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇستەقىللىق خىتابنامىسى >> نى ئوقۇپ ئۆتتى.
پېقىر ئوبامانىڭ بۇ نوتۇقىنى باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم ۋە سەلكىن تورىغا يوللانغان تەرجىمىسىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ تەلقىن قىلدىم. ئۇنىڭ نوتۇقىدىن ئالغان تەسىراتىمنى مۇنداق 3 نۇقتىغا يەكۈنلىدىم. داۋامىنى كۆرۈش»

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە

زىيارەت: 148 | باھا:0
ۋاقىت: 21-01-2009

مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۇلتاشلىرىدىن بىرى – نەسەبنامە

مەزكۇر ماقالىنى ئىشلەتمەكچى بولغان نەشىرى ئەپكارنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقانداق تور بەتنىڭ مەزكۇر ماقالىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا بولمايدۇ.

يەرشارىلىشىش قەدىمى بارغانسېرى ئىتتىكلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،  مەدەنىيەتلەرنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆز – ئارا يۇغۇرۇلىشى جەرياندا قانداق قىلىپ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگىچىلىكىنى سىجىل تەرەققى قىلدۇرۇش ھەرقايسى مىللەت – قوۋم كىشىلىرى جىددىي ئويلانمىسا، ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى. ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش قەۋملەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆز يىلتىزىنى قىدىرىپ، ئۆز كىملىكىگە جاۋاب ئىزدەش ۋە كىملىك مۆھۈرىگە ئۆچمەس رەڭدە ھەل بېرىپ، كېيىنكى ئەۋلاد-بوغۇنلىرىغا تەۋەررۈك سۈپىتىدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاللىقاچان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئالايلۇق قېرىنداش قەۋملەردىن بولغان خەنزۇ خەلقىدە نەسەبنامەشۇناسلىق 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، خەنزۇلار تاكى ھازىرغىچە نەسەبنامە يېزىپ قالدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 21، سىز 18-بەتتە بىرىنچى بەت»...10...1617181920...«ئاخىرقى بەت