• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

شىنجاڭدا AIDSيۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتتى

زىيارەت: 463 | باھا:0
ۋاقىت: 30-11-2010

ئاسىيا كىندىكى تورى ( 亚心网 ) نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ، شىنجاڭدا جەمئىي دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى 32532 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە AIDS بىمارى 5651 نەپەر. AIDS يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى بويىچە مەملىكەت بويىچە 5 – ئورۇندا تۇرغان. مۇخبىر بۇ مەلۇماتنى 15 – نويابېر ئېچىلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ( 国务院 ) ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىزدا ئاچقان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.  داۋامىنى كۆرۈش»

جۇڭگودا AIDS دىن ئۆلگەنلەر 68 مىڭغا يەتتى ( شىنجاڭ دىققەت! )

زىيارەت: 1,769 | باھا:2
ۋاقىت: 30-11-2010

شىنخۇا تورى ( 新华网 ) نىڭ 29 – نويابېر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرلىكى 29 – نويابېر جۇڭگو ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن ئۇقتۇرىشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 370 مىڭ نەپەرگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 130 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 68 مىڭ نەپەر بولغان. داۋامىنى كۆرۈش»

تېز خەۋەر: ئاقسۇ 5 – باشلانغۇچتىكى بوغۇنلارغا كۆز تەگدى

زىيارەت: 1,125 | باھا:5
ۋاقىت: 29-11-2010

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29 – نويابېر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، ئاقسۇ شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتە بۈگۈن ئەتىگەن ( ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 ئەتراپىدا ) ئېغىر دەرىجىدىكى دەسسەڭگە ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، 170 نەپەردىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ھازىرغىچە 41 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر، يارىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 1 نەپەر ئوقۇغۇچى ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىپ داۋالاش ئۆيىدە داۋالىنىۋېتىپتۇ. ھازىرغىچە ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن . داۋامىنى كۆرۈش»

AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 3 يول

زىيارەت: 2,056 | باھا:1
ۋاقىت: 29-11-2010

ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى قان ، ئىسپىرما ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىسى، سۈت ۋە جاراھەت ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇق قاتارلىقلاردا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ شىپاسى تېخى بايقالمىغان. ئەمما، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ 3 چوڭ تارقىلىش يولىنى توسۇش ئارقىلىق ، ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

AIDS بىمارى ئىليارنىڭ ھېكايىسى

زىيارەت: 2,315 | باھا:2
ۋاقىت: 27-11-2010

ئىليارنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەقىقى ئەھۋالنى نېمىشقا ئۇنىڭدىن سىر تۇتىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشمۇ ياكى ئۇنىڭغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ ؟! …
زىيارەت قىلىنغۇچى: ئىليار ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئۇيغۇر، ئەر ، 32 ياش.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىليار ياخشىمۇ سىز !
- ياخشىمۇ سىز .
- ئىليار بىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويمايمىزمۇ ؟
- بولىدۇ.
- قانداق ھېسسىياتقا بولۇۋاتىسىز ؟ داۋامىنى كۆرۈش»

ياشلار ۋە جىنسىيەت : جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مۇنازىرە

زىيارەت: 876 | باھا:7
ۋاقىت: 26-11-2010

ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتلەر ئارا ئۆتۈشىشنىڭ تېز بولۇشى، ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ، مەدەنىيەت چىقىرىندىلىرىنىڭمۇ تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرلۈك – تۈمەن يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ جىددىي ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز قېچىپ ئالالمايدىغان رېئال مەسىلىلەردىن بىرى دەل ياشلار ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا

زىيارەت: 809 | باھا:10
ۋاقىت: 09-11-2010

ئاپتور: تۇرنىسا روزى

مۇھىم مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەزمۇنى، خاراكتېرى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، لېكسىكىلىق تەركىبى، ئىسىملارنىڭ تىل تەۋەلىكى، ئىسىملارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ تەبىئەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەر مىساللار ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىللە، ماقالىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئاياللارنىڭ ئىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ.

داۋامىنى كۆرۈش»

مەن MSN Messenger گە كۆيۈپ قالدىم

زىيارەت: 1,701 | باھا:22
ۋاقىت: 04-11-2010

Windows Live Messenger ( قىسقارتىلىمىسى MSN ياكى Messenger  ) ، بۇ پەقەت بىر ئاددىغىنە مۇڭداشقۇ بولۇپ قالماستىن، كىشىگە ئۆزگىچە ھوزۇر بېغىشلايدىغان، تورداشلار ئارا ئالاقىلىشىش ۋە رەسىم ، ھۆججەت ، بوشلۇقلارنى ھەمبەھىرلىنىش ئىنتايىن قولايىلىق بولغان ، كۆپ خىل كۈچلۈك ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاقە دېتالى بولۇپ، بۇ Microsoft نىڭ Windows تىن باشقا يەنە بىر مەشھۇر دېتالىدۇر. مەزكۇر دېتال دۇنيا بويىچە ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى قاپلىنىش نىسبىتى مۇشۇ تۈردىكى ئالاقە دېتاللىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ( ئامېرىكىنىڭ ستاتىستىكىسى بويىچە 6 يۈز مىليۇندىن ئارتۇق تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ ) . جۇڭگودىمۇ 72 مىليۇن تور ئاممىسى MSN نى ئىشلىتىدۇ.

مېنى ئەڭ كۆيدۈرگىنى MSN  داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!

زىيارەت: 6,494 | باھا:246
ۋاقىت: 01-11-2010

ئەلقىسە، كۈن ئۆتۈپ ، ئاي ئۆتۈپ ، يىلنىڭمۇ پەيمانى توشۇشقا 60 گەز قالغاندا، يۈكسەل بلوگى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› پائالىيىتىنىڭ تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىش ۋە تەييارلىق باسقۇچى تۈگەللىنىپ،كەڭ ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ، ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› قا نامزات كۆرسىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى. داۋامىنى كۆرۈش»

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

زىيارەت: 1,058 | باھا:11
ۋاقىت: 15-10-2010

ئايسىمە ئىدىرىس

ئۇنىڭ شېئىرلىرى نوقۇل شېئىر سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بىرىكىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارىغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ، ئۇنى چۈشىنىشكە ، بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . شۇڭا 1992- يىلدىكى كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە ئۇ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ « كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر » بولۇپ باھالاپ چىقىلدى ، ئۇ بولسىمۇ شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر . داۋامىنى كۆرۈش»

2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

زىيارەت: 2,018 | باھا:67
ۋاقىت: 10-10-2010

بىز ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە بەل باغلىغانلىقىمىزنى جاكار ئەيلىگەندىن بېرى، مەزكۇر جاكارغا ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار ناھايىتى يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى بېرىشتى. مەزكۇر پائالىيەتنى ياخشى تەشكىللەش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى مەيدانغا تاشلاشتى ۋە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قېتىشتى. كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس، دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزمۇ ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگۈسى، ئەلۋەتتە! بىز بۇ تېما ئېتىبارىدا 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ( دەسلەپكى پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ) ۋە مۇشۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. داۋامىنى كۆرۈش»

AIDS بىمارلىرىنىڭ توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش مەسىلىسى

زىيارەت: 2,203 | باھا:7
ۋاقىت: 09-10-2010

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻐﺎ ﺯﺍﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯘﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ AIDS ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ تاراتقۇلارنىڭ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. داۋامىنى كۆرۈش»

مۇستەقىل Blog ۋە ئۇنىڭ تور نامى ھەققىدە

زىيارەت: 1,029 | باھا:18
ۋاقىت: 04-10-2010

يېقىنقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يېڭى بىر تەرەققىيات مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندەك ، بلوگ ساھەسىدە ‹‹ يېڭى شامال ›› چىقىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. يەنى، BlogBus سۇپىسىنىڭ تەڭشىكىدە 200 خەتتىن ئارتۇق ئىنكاسنى يازغىلى بولمايدىغان، ئىنكاسلارمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن ، BlogBus سۇپىسىدا قۇرۇلغان 100 لىگەن ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات مەنزىلىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا توغرا كەلگەن. ئۇيغۇربەگ، ئىلقۇت، جېك بلوگلىرى ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىل تور نام ۋە بوشلۇققا كۆچۈپ، دۇنياۋىي ئىلغار بلوگ پروگراممىسى بولغان WordPress تە ئۆز بلوگلىرىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلىشتى ( بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى تەدبىركار، تورخۇمار، يۈكسەل بلوگلىرى PJBLOG دىن WordPress كە كۆچۈپ بولغان ئىدى ) . دېمەك ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى BlogBus ، Blogger لارغا ئوخشاش BSP بلوگ سۇپىلىرىغا تايىنىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامدا بلوگ نەشىر قىلىشتىن ، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور نامدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. مۇشۇ پەيتلەردە  داۋامىنى كۆرۈش»

2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى

زىيارەت: 3,599 | باھا:91
ۋاقىت: 01-10-2010

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، داۋامىنى كۆرۈش»

ئىلھامجان ئەلى بالنىتسىدىن چىقتى ( باسقۇچلۇق داۋالاش ئاخىرلاشتى )

زىيارەت: 1,885 | باھا:22
ۋاقىت: 29-09-2010

‹‹ تىلىسەڭ تاپارسەن، سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ ›› دېگەن ئاتىلار سۆزى ھەقىقەتەنمۇ بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئەينى چاغدىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ساۋاقداش – قاياشلىرى، ئاتا – ئانا ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ، ھەتتا مەسئۇل  دوختۇرلىرىمۇ سەللىمازا ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچ قىلالمىغان ئىلھامجان ئەلى ، مانا بۈگۈن كەڭ تورداشلارنىڭ ئەزگۈ تىلەكلىرى ، چىن قەلبىدىن چىقىرىپ قىلغان قېرىنداشلارچە ياردەملىرىنىڭ بەركاتىدا كېسەللىك ئەھۋالى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ئۆلۈپ كېتىشى، ئۆلمىگەندىمۇ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 21، سىز 6-بەتتە بىرىنچى بەت»...45678...20...«ئاخىرقى بەت