• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

ئادىمىيلىك ئۆلمىسۇن

زىيارەت: 822 | باھا:8
ۋاقىت: 23-04-2011

جاھان تېز ئۆزگەردى، پەن – تېخنىكا، يېڭىلىقلار ئىشىك قېقىپ كېلىۋەردى. بىراق، شۇنداق بىر تۇيغۇ باركى، ئۇ ھېچ قاچان ئۆزگەرمەسلىكى، ئىپتىدادا قانداق بولسا، ئىنتىھادا ھەم شۇنداق بولۇشى زۆرۈر. بۇ دەل ئادىمىيلىك تۇيغۇسىدۇر.
- بالام، بۇنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن بولساڭ.
- قانچە بېرىسە مۇماي.
- ئەي بالام، پۇلۇمنىڭ بارىنى بايا ئىشلەتتىم، يول كىراغا چۇشلۇق قالدى.
- كۆتەر چوڭنا، قۇرۇق گېپىڭىنى، بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ ھازىر.
- نېمىلەرنى دەيدىغانسەن ئوغلۇم، پۇلۇم بولسا ئايارمىدىم، خالىساڭ دۇئا قىلىپ … داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ قويۇلىۋاتقان 100 ئىسىم

زىيارەت: 14,517 | باھا:38
ۋاقىت: 20-04-2011

ستاتىستېكىلىق ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنىمىزدە ھەر 30 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئىچىدە 1 نەپىرىنىڭ ئىسمى ‹‹ مۇھەممەد ›› ئىكەن. ھەر 50 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ئىسمى ‹‹ تۇرسۇن ›› دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان ئىسىملار ( تۇرسۇن ، تۇرسۇنگۈل، مەمەتتۇرسۇن، ئايتۇرسۇن، تۇرسۇنخان …  دېگەندەك  ) ئىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسملىرىدا تەكرارلىنىش ھادىسىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىنتايىن زور ئاۋارىچىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى بۇ خىل زىيادە تەكرارلىقىنى نېمىدىن كۆرۈش مۇمكىن؟ ياكى، ئۇيغۇرلاردا ‹‹ ئىسىم قەھەتچىلىكى ›› يۈز بېرىۋاتامدۇ؟ … داۋامىنى كۆرۈش»

شېئىردىكى 5 مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر

زىيارەت: 672 | باھا:3
ۋاقىت: 17-04-2011

مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

 

ئۇيغۇر شېئىرىيىتى − ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، يېڭى – يېڭى ھېس – تۇيغۇلارنى ۋە يېڭى – يېڭى ھېكمەت دۇردانىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق بېيىت – قوشاقلىرى ۋە خەلق داستانلىرىنى ئۆزىگە مەنبە – ئوزۇق قىلىپ، بۈگۈنكىدەك ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە، مۇكەممەل شەكىلگە ۋە بەدىئىي جەھەتتە سىستېمىلاشقان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئىگە جەزبىدار ئەدەبىيات ژانىرىگە ئايلاندى. شېئىرمۇ ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاش بەلگىلىك ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ماۋزۇ، شەكىل، قاپىيە، بوغۇم، تۇراقتىن ئىبارەت بەش مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر بولسا شېئرنى بالاغەتكە يۈتكۈزۈشتە ھەل قىلغۇچ رو ئوينايدىغان بەدىئىي ۋاستىدۇر. داۋامىنى كۆرۈش»

ۋاپادارىم ( ئەيساجان ) غا بېلەت تاشلايلى!

زىيارەت: 2,068 | باھا:29
ۋاقىت: 14-04-2011

تور ئەھلىگە يۈكسەلدىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر  ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن ) شەرەپ بىلەن 10 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، داۋامىنى كۆرۈش»

يوقۇتۇش

زىيارەت: 239 | باھا:2
ۋاقىت: 13-04-2011

ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

 

شۈبىھىسىز ، نىيتىم خالىس ياكى ياماندۇر،
ئېرىشكەن باھايىم ياخشى ياكى يامان .
يۇمۇلغان كۆزلەر غەپلەت چۈشلىرىمگە قۇل،
ئىزگۈ تېلەكلىرىم قاچان بۇلۇر مەقبۇل .

داۋامىنى كۆرۈش»

رادىئو دولقۇنلىرىدا بلوگ ھەققىدە سۆھبەت

زىيارەت: 1,179 | باھا:34
ۋاقىت: 09-04-2011

2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 10 كۈنى ( يەكشەنبە ) ئەتتىگەن سائەت 8 دىن 9 غىچە ( ئۈرۈمچى ۋاقتى ) ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگىراممىسى ‹‹ يەكشەنبىلىك سۆھبەت ›› تە، شىنجاڭ ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بىلەن قىسمەت بلوگىدىن قىسمەت ئەپەندى ۋە يۈكسەل بلوگىدىن پېقىر يۈكسەلنىڭ ئىشتراك ئېتىشىدىكى ‹‹ مەخسۇس Blog ھەققىدە سۆھبەت ›› ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا تىڭشىيالىمىغان دوستلار ئۈچۈن ئۇشبۇ رادىئو سۆھبىتىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى يوللاندى. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. داۋامىنى كۆرۈش»

ياشلار مۇھەببەتلىشىشتە يۇقىرى ئىستېمال قوغلاشماقتا

زىيارەت: 2,121 | باھا:6
ۋاقىت: 08-04-2011

ئوسمانجان نۇر بىلىگيار
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

نۆۋەتتە، ئالىي مەكتەپلەردە ئوغۇل – قىزلارنىڭ ئۆز – ئارا مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالى بارغانسىېرى ئۇموملاشماقتا. ھالبۇكى، شېرىن-شىكەر مۇھەببەتكە ئەگىشىپ كېلىدىغىنى يۇقىرى سوممىلىق ئىستېمال مەسىلىسى بولماقتا. مەسىلەن، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشىراق  بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يۈرگىنىگە يان تېلېفون، كۇمپىيوتېر، قىممەت پۇللۇق كىيىم-كېچەك سوۋغا قىلىپ، پۇلنى سۇدەك خەجلىمەكتە؛ ئائىلە ئىقتىسادىي ناچارراق ئوقۇغۇچىلارمۇ ئەھۋالىغا تەن بەرمەي يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن ئۆزىنى قىسىپ، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى توقۇپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ‹‹ يىلىك ›› ىنى شورىماقتا. ئۇنداقتا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەت باغلىشىدىكى يۇقىرى ئىستېمال مەسىلىسىگە قانداق قاراش كېرەك؟! داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردىكى تەگئات ( فامىلە ) مەسىلىسى

زىيارەت: 2,764 | باھا:20
ۋاقىت: 02-04-2011

پەرھات مەمتىلى جىلان

( شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيەسى )

 

ئۇيغۇرلاردىكى تەگئات مەسىلىسى ئىلمى جاۋاپ بېرىشكە ، نەزەرىيەۋى يەكۈن چىقىرىشقا ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بىزدە كىشى ئىسىمىغا قوشۇلغان ئاتىسىنىڭ ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمى تەگئات ( فامىلە ) دەپ ئاتالماقتا. بۇ تار مەنىدىكى  ئۇقۇم بولۇپ  تەگئات ( فامىلە ) ئەۋلاتتىن –ئەۋلاتقا كۆچۈپ داۋاملىشىدىغان ئەسلىدىكى تولۇق مەنىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ. تەگئات ( فامىلە ) ئۇقۇمىدىكى بۇنداق ئېنىقسىزلىق بىرقاتار تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ دېققىتىنى تارتتى. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلاردا چىلىم مەدەنىيتى ئەۋج ئالماقتا …

زىيارەت: 6,125 | باھا:52
ۋاقىت: 27-03-2011

ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپ

( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك …) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن . داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ 给力 ›› دىن ياپونچىنىڭ خەنزۇچىغا بولغان تەسىرىگە نەزەر

زىيارەت: 1,663 | باھا:16
ۋاقىت: 25-03-2011

شۈبھىسىزكى، ھازىر خەنزۇ تور ئاممىسىدا ئەڭ مۇدا بولىۋاتقان سۆز ‹‹ 给力 ›› دۇر. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ياپونچىدىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز ئىكەنلىكىنى تولا كىشىلەر بىلمەسلىكى ئېنىق. بۇنىڭغا 宅 ، 御姐 ، 正太 ، 控 … … دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ ياپونچە ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ ھالدا نۆۋەتتىكى خەنزۇ تىلىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ياپون تىلى ‹‹ مۇھاسىرىسى ›› گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
داۋامىنى كۆرۈش»

نورۇز گۈلى

زىيارەت: 399 | باھا:6
ۋاقىت: 21-03-2011

نورۇز گۈلى

 

( مۇستەھزاد )

 

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

 

نورۇز كەلدى ، قۇت كەلدى، دىلدا شادلىق ھاياجان،

                                 بۇلبۇل چىللار سەھەرگە.

ھەيۋەت، گۈزەل خانتەڭرى قارشى ئالدى شادىمان،

                               چىقتىم قۇتلۇق سەپەرگە.

داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش دۇرۇسمۇ؟

زىيارەت: 5,298 | باھا:77
ۋاقىت: 20-03-2011

ئويغاق پىكىرلىق كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، قاچانكى بىزگە خەيرىلىك بىر ئىش يۈزلەنسە ، شۇ ئىشقا بىر پۇتاق چىقماي قالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەشۇ ‹‹ پۇتاقچى ›› لارنىڭ دىن ۋە مىللەتنىڭ پايدىسىغا ئىش كۆرىدىغان دۇرۇس نىيەتلىك ۋە ياكى دىن ۋە مىللەتنىڭ زىيىنىغا ئىش كۆرىدىغان قىڭغىر نىيەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولمايدۇ. جۈملىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاردا نورۇز ئۆتكۈزۈش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئۇنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان قانۇنلۇق بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئىستەكلىرى يېلىنجاۋاتقاندا، تورلاردا، كوچا – كوتاڭلاردا ‹‹ نورۇز ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇرۇس ئەمەس ›› دەيدىغان ‹‹ پەتىۋا ›› لار ئاۋۇپ قالدى. ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر ئۈچۈن نورۇز ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن دۇرۇس ئەمەسمۇ؟!…. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

زىيارەت: 2,624 | باھا:8
ۋاقىت: 15-03-2011

ئەلى غۇپۇر

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ئاساسى كۈچلۈك، قەدىمىلىككە ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر ماقالىدە، نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات جەريانى، ئۇنىڭ تەرتىپ-يۇسۇنلىرى ۋە رەسمىيەتلىرى، شۇنىڭدەك بۇ بايرامنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى بىر قەدەر ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. داۋامىنى كۆرۈش»

ئىلىمسىزلىك تورى

زىيارەت: 1,413 | باھا:24
ۋاقىت: 10-03-2011

ھەر زامان ۋە جەمئىيەتنىڭ سالاھىيىتى، روناقى ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ھەم ئىلگىرى ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمۇ ئىرفانغا ئىنتىلگەن، مەرىپەتكە تەلپۈنگەن دەۋرلەردە قوللىرى ئۇزۇن، تىللىرى ئۆتكۈر، مەرتىبە – ماقاملىرى بەلەن بولغان. ئەكسىچە، ئىلىم – پەندىن يۈز ئۆرۈپ، نادانلىق ۋە جاھالەت پاتقاقلىرىغا پېتىشقىنىدا بولسا قوللىرىدىن نۇسرەت، سەلتەنەت كەتكەن، تىللىرى تۇتۇلۇپ ، باشلىرى چۈشكەن، ئۆزلىرى خارلىق ۋە زارلىقتا قېلىشقان. داۋامىنى كۆرۈش»

بىزنىڭمۇ رەئىستىن سورايدىغانلىرىمىز بار

زىيارەت: 4,790 | باھا:32
ۋاقىت: 05-03-2011

شۇ تاپتا، پايتەخت بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ‹‹ ئىككى يىغىن ›› ئېچىلماقتا. سىزنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن كۈتىدىغان قانداق ئارزۇ – ئۈمىدلىرىڭىز بار ؟ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قارىتا قانداق تەكلىپ – پىكىرلىرىڭىز بار؟ رەئىس نۇر بەكرىدىن سورايدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان تەڭرىتاغ تورى ( خەنزۇچە، 天山网 ) نىڭ تۈنۈگۈن (3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى) كى خەۋرىگە كۆرە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كەڭ تور ئەھلى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئوتتۇرىسىدا داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 24، سىز 5-بەتتە بىرىنچى بەت»...34567...1020...«ئاخىرقى بەت