يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار
زىيارەت: 3,510 |
باھا:18
ۋاقىت: 20-06-2011
ئالدىنقى كۈنى بىر ئىشداشىمىزنىڭ ئاتىسى راك كېسىلى شىپا تاپماي ئاخىرلىشىپ كەتتى. خىزمەتداش يېقىنلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ‹‹ ئۆلۈم ›› ىنىڭ ئالدى – كەينىدە بولدۇق. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار ئۇزاقتىن بېرى ئالدىراشلىقتا ‹‹ قېتىپ ›› قالغان كاللامنى غىدىقلاپ، كۆڭلۈمدە قانداقتۇر پىكىر غەليانلىرىنى قوزغايتتى… داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 644 |
باھا:10
ۋاقىت: 09-06-2011
ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان، كەسپىي سەۋىيەسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان رايۇنىمىزدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ۋە پارلاق بازار ئىستىقبالىغا ئىگە.
شىركىتىمىز جەمئىيەتتىن ئەلنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان، ئۆزىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان، خىزمەتنى بەجانىدىل ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تەپەككۇرى ئوچۇق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە 2 نەپەر خادىم قوبۇل قىلماقچى. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,237 |
باھا:16
ۋاقىت: 01-06-2011
يەنە ‹‹ 1 – ئىيۇن ›› بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. جايلاردا ئىلگىرىكىدەكلا تۈرلۈك – تۈمەن ئۇلۇغ – ئۇششاق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىلگىرىكىدەكلا ئۇلۇغ – ئۇششاق ‹‹ رەھبەرلەر ›› قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەبرىكنامىلەرنى ئوقۇپ بەردى، بالىلار ئىلگىرىكىدەكلا ‹‹ رەھبەر ›› لەرگە ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايان قىلىپ ناخشا – ئۇسۇل ئويناپ بەردى. ئالىمادىس ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسا،ھېچكىم يەنە بىر قېتىم ‹‹ ساۋاقداشلار قوزغالماڭلار، رەھبەرلەر باشتا مېىڭىۋالسۇن ›› نى تەكرارلانمايدۇ ، دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ. يۈكسەلنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن ‹‹ بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ! ›› دېيشىمىز. ئەمما، بىز زادى نېمە قىلدۇق بالىلار ئۈچۈن؟! نېمەقىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ؟! … داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 2,930 |
باھا:10
ۋاقىت: 30-05-2011
كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ‹‹ تارانچى ›› سۆزىنى ئاڭلىسا، ‹‹ ئىلى دىياردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ›› دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تەۋەسىدە ‹‹ تارانچى ›› دەپ ئاتىلىدىغان مۇھىم كۆمۈر سانائەت بازىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
تارانچى كۆمۈر كانى غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1-كان، 2-كان ۋە ئۈستى ئوچۇق كاندىن ئىبارەت 3 كاندىن تەشكىل تاپقان. ‹‹ ئۈستى ئوچۇق كان ›› شىنجاڭ ھەتتاكى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق كان بولۇپ، كۆمۈر قېزىلغان ئازگالنىڭ ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تارانچىنىڭ خەنزۇچە نامى 三道岭 بولۇپ، بۇ نام 1960-يىللاردىن كېيىن قويۇلغان ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 4,234 |
باھا:21
ۋاقىت: 27-05-2011
ئاسىيا كىندىكى تورى ( 亚心网 ) خەۋرى، 2011 – يىللىق جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسىگە ئاكادېمىك نامزاتى كۆرسىتىش خىزمىتى ئالدىنقى ئايدا تاماملانغان بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن 314 نەپەر، جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن 485 نەپەر كىشى نامزات بولۇپ تاللانغان. شىنجاڭدىن 8 نەپەر كىشى تاللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن دوكتور خالمۇرات غوپۇر ۋە ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام بار ئىكەن. بۇ تارىختا دىيارىمىزدىن ئاكادېمىكلىك نامزاتلىقىغا كىرگەن كىشى ئەڭ كۆپ بولغان يىل ئىكەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 3,817 |
باھا:47
ۋاقىت: 25-05-2011
شۇنداق، بۇ يىل ( 2011 – يىل ) ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر.
بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ خۇسۇسىي تور نەشىر قۇرالى ئەڭ دەسلەپ 1997 – يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، 2002 – يىلى جۇڭگوغا كىرگەن، 2005 – يىلىغا كەلگەندە مودا بولۇشقا باشلىغان. بلوگ ئۇقۇمى ئۇيغۇرلاردىمۇ 2005 – يىلىدىلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى 2008 – يىلىغا كەلگەندە رەسمىي باش كۆتۈرگەن بولۇپ، تازا تەرەققىي قىلىش پەيتىدە 2009 – يىلى 7 – ئايدا بارلىق بلوگگىر ( Blogger ) لار ‹‹ يىللىق دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن. 2010 – يىلى 5 – ئايدا ھەممەيلەننىڭ دەم ئېلىشى توشۇپ ، كونا – يېڭى بلوگگىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قايتىدىن بلوگچىلىققا كىرىشكەن. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 4,801 |
باھا:31
ۋاقىت: 21-05-2011
ئابدۇكېرىم راخمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
ھەممە ئادەم ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياراملىق، قابىليەتلىك ( كاتتا ئەرباپ ، ئۇلۇغ شەخىس…دىگەندەك ) ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەشتە مىسلىسىز ئەجىر قىلىدۇ ھەتتا بارىنى پەرزەنت ئۈچۈن بېغىشلىشىدۇ. پەرزەنتىنىڭ ئەۋزەل مائارىپلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولۇشى، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرى، ساۋاقداش- تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا بويۇن قىسماسلىقى ئۈچۈن ھەر ئىمكانلارنى ئويلاپ تاپىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدە پەقەت بىر ياكى ئىككى پەرزەنىتلىك بۇلۇش سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلار بۇ ‹‹ تۇتىيا پەرزەنت ›› لىرى ئۈچۈن قىلمايدىغانلىرى قالمايدىغان بولۇپ كەتتى … داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,917 |
باھا:23
ۋاقىت: 12-05-2011
كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
جۇڭگو دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمكى دۆلەتنىڭ بىرى ( قالغان ئۈچى ھىندىستان، مىسىر ۋە قەدىمكى بابىلون ) بولۇپ، يازما تارىخلارنىڭ يىل ۋاقتى 5000 يىلغا يېتىپ بارىدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردە شيا پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنى ئىپتىدائىي تۈزۈمدىن قۇللۇق تۈزۈمگە كىرىدۇ، بۇ پادىشاھلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 16- ئەسىردە بەربات بولۇپ، ئورنىنى شياڭ سۇلالىسى ئىگىلەيدۇ. شياڭ سۇلالىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11- ئەسىرلەرگىچە دەۋىر سۈرىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 3,271 |
باھا:5
ۋاقىت: 10-05-2011
يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ ئەيدىزدىن مەسلىھەت ›› سەھىپىسىنى يولغا قويغاندىن بېرى، تورداشلار: ‹‹ كۆپلىگەن كېسەللىكلەر ئېغىز ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن ، يەنى بىرگە تاماقلىنىش، سۆيۈشۈش … قاتارلىقلاردىن يۇقامدۇ ؟›› دېگەن سۇئاللارنى كۆپرەك سوراپ كېلىۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بىزدە ‹‹ كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ ›› دەيدىغان گەپ بار. ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) مۇ ئېغىزدىن كىرەمدۇ؟ داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 15,151 |
باھا:1
ۋاقىت: 10-05-2011
لادىننىڭ ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلاپلا ، كاللامغا كەلگەن بىرىنچى ئوي ‹‹ ئامېرىكا چوڭ ستراتىگىيىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا چۈشۈپتۇ … ›› دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئىدى ھەمدە بۇ ئويۇمنى ‹‹ بىن لادىن ئۆلدىمۇ ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ ؟›› دېگەن يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. ئوبامانىڭ ئىلگىرىمۇ ئەمەس ياكى كېيىنمۇ ئەمەس دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىن لادىنىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىشى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئىنتايىن چوڭ سىياسىي ئويۇن يوشۇرۇنغان. ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىزچىل تۈردە جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى تېنچ – بىخەتەر مۇھىتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قوللانغان ۋاسىتىلىرى تۆۋەندىكىچە: داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,220 |
باھا:14
ۋاقىت: 07-05-2011
ئالدىنقى قېتىم تورداشلارنى << شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى>> مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىنى تاللاشتا ، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› ئارقىلىق تالاي دىللارنى سۆيۈندۈرگەن تور دۇنياسىدىكى مېھىرى – شەپقەت ئەلچىسى، توردا ئېلان قىلغان ساترىك نەسىرىي – نەزمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى بولمىغۇر قىلمىشلارنى توختىماي ساۋاپ تۇرىۋاتقان سۈيۈملۈك توردىشىمىز ۋاپادارىم (ئەيساجان) غا بېلەت تاشلاشقا تەۋسىيە قىلغانىدۇق. ئەيساجان بۇ قېتىم يەنە، داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 24,757 |
باھا:29
ۋاقىت: 03-05-2011
تۈنۈگۈن ، يەنى 2011 -يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا ، ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما ( Barack Hussein Obama ) پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنياغا تېلېۋىزىيە نوتۇقى سۆزلەپ، ‹‹ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ›› نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئەلقائىدە ( بازا تەشكىلاتى ) نىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن ( Osama Bin Laden ) نىڭ پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ‹‹ بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …›› دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان، بىن لادىنمۇ نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىم بىن لادىن راستلا ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟ داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 3,485 |
باھا:17
ۋاقىت: 01-05-2011
كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقا ئالياسكا يېرىم ئارىلى ( State of Alaska ) ئامېرىكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ شىتاتىدۇر. ئالياسكا ( Alaska رۇسچە Аляска دېگەن سۆز بولۇپ، بۈيۈك زېمىن دېگەن مەناسى بار ) ئەسلىدە چار رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولۇپ، 1863-يىلىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، چار رۇسىيە ئامېرىكىغا سېتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنداقتا چار روسىيەنىڭ شۇنچە كەڭ زېمىنىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىشىدە نېمە سىر يوشۇرۇنغان؟! داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,421 |
باھا:6
ۋاقىت: 29-04-2011
ئابدۇكېرىم راخمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى ، نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ، ماددىي بايلىقلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىپ بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىشى ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئېڭىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى . ئاددىيسى ئۇششاق ھۈنەرۋەندىن كاتتا پايچىك شىركەتلىرىنىڭ لىدېرلىرىغىچە ، دېھقاندىن دۆلەت باشلىقلىرىغىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجنىڭ ھاسىلاتى -ئەركىن رىقابەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان دەرىجىگە يىتىپ قالدى . مانا مۇشۇنداق ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمىنىڭ بىر بۈرجىكىدە غۇبارسىز پەرزەنتلىرىمىز بويۇن قىسىشىپ تۇرماقتا… داۋامىنى كۆرۈش»
زىيارەت: 1,068 |
باھا:8
ۋاقىت: 26-04-2011
ئوسمانجان نۇر بىلىگيار
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
پەرزەنت-ئاتا-ئانىنىڭ بەختى، ئاتا-ئانا – بالىنىڭ تەختى. بىر بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇشىدا،شۇ پەرزەنتنىڭ ئىچكى ئامىلى، ئاتا-ئانىنىڭ بىلىم ساپاسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئائىلىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئامىللار ئىچىدە، ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ. خوش ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋە مۇقەددەس بۇرچنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىش سۈپىتى بىلەن بالىنىڭ قورسىقىنى توق، كىيمىنى پۈتۈن قىلىپ قويسىلا ئىش پۈتەمدۇ؟! كۈنىمىزدە پەززەنتلەرنى قانداق تەربىيەلىشىمىز كېرەك؟!… داۋامىنى كۆرۈش»