• 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5

يۈكسەل بلوگىدىكى يازمىلار

توغراق ۋە ئۇيغۇرلار

زىيارەت: 689 | باھا:4
ۋاقىت: 25-09-2010

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ – ﺋﯧﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ .
ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ – ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ.

ﺗﻮﻏﺮﺍﻕ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ. ﺋﯘ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻘﺎ ، ﮬﯚﻝ – ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ، ﻗﻮﻡ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بېرى توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرگە ياشاپ كەلگەن خەلىقلەردىندۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغراق ئالاھىدە ھۆرمەت ، ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. چوڭلار توغراق ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قەسىدە – رىۋايەتلەرنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىشىدۇ. داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ ؟

زىيارەت: 925 | باھا:19
ۋاقىت: 21-09-2010

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، تور – مۇنبەرلىرىمىزدە ‹‹ نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن ؟ نېمە قىلدۇق مىللەت ئۈچۈن؟ نېمە قىلدۇق ئائىلە ئۈچۈن ؟ نېمە قىلدۇق پالان – پۇستان ئۈچۈن؟ … ›› دېگەندەك سوقا – سۆھبەتلەر بەك قىزىدى. ھەر كىم ھەر نېمىلەرنى دەپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. مەن نۆۋەتتىكى يازمامدا ئەنە شۇ ‹‹ نېمە قىلدۇق ؟ ›› لارغا جاۋاب تەرىقىسىدە ‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلىرى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئاز – تولا مۇڭدىشىشنى ئويلاپ قالدىم. داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ ئانا ›› دەمدۇ ، ‹‹ ئاپا ›› دەمدۇ ؟ …

زىيارەت: 1,493 | باھا:28
ۋاقىت: 19-09-2010

شۇ تاپتا ئوغلۇم ئوغۇز 5 ئايغا تولدى. ئۇنىڭ بوۋاقلىق قىلىقلىرى بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ، قۇشقاچ تىللىرى چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزىچە بىزنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش – ئاۋازلىرىمىزنى تەقلىد قىلىپ ‹‹ سايراپ ›› كېتەتتى. روزا ھېيت پەتىسى ئۈچۈن ئۆيگە كەلگەن مېھمانلار ئوغلۇمنى قوللىرىغا ئېلىپ ئەركىلەتكەچ ‹‹ تىلى چىقايلاپ دەپ قاپتۇ ، ئاپا دەمدۇ ياكى ئانا دەمدۇ ؟ … ›› دەپ، سوراپ قېلىشتى. قىزىقارلىق يېرى، بۇ سۇئال بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئوخشاش تەرىقىدە سورىلىپ قالدى. بەزىلەر ئۆزلىرىچە ‹‹ ھەقىقى ئۇيغۇر ئوغلى بولسا ئانا دېيىشى كېرەك . ئاپا دېگەن نەچە گەپ … ›› دېيىشسە، ‹‹ بەزىلەر ئوغلۇڭ چوڭشەدە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاپا دېسۇن، بۇنىڭدىن مەدەنىيلىك ، شەھەر پۇرقى چىقىپ تۇرىدۇ … ›› دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاملاشمىغان قاراشلارنى رەددىيەلەش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى يازما تەييار بولدى. داۋامىنى كۆرۈش»

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى

زىيارەت: 3,592 | باھا:7
ۋاقىت: 17-09-2010

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %80 ى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ ، بۇ كېسەللىك بۇ دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە . داۋامىنى كۆرۈش»

ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟! …

زىيارەت: 1,042 | باھا:21
ۋاقىت: 15-09-2010

ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﺎﺗﺮﺍﻗﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﺷﻤﯘ – ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ << ﺋﻮﻏﺮﻯ ، ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ، ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ >> ﺩﻩﭖ ، ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﺘﻰ. ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭘﻼ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯ – ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ، ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﭙﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﯞﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ – ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﻪﭖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ  ….
داۋامىنى كۆرۈش»

جىنسى كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

زىيارەت: 3,290 | باھا:1
ۋاقىت: 13-09-2010

جىنسى كېسەل دىگەن نىمە؟

جىنسى كېسەل دىگەنلىك جىنسى ئۇچىرىششتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. جىنسى كېسەل ئادەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەگە قاراپ باكتېرىيىلىك، ۋىرۇسلۇق ۋە پارازېتلىق جىنسي كېسەل دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.باكتېرىيىلىك جىنسى كېسەلنى ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتىشقا بولىدۇ،ۋىرۇسلۇقنى بولسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ لېكىن كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. پارازېتلىق جىنسى كېسەللەرنى بولسا پارازېت قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىلىرى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش قانۇنىدا تۆۋەندىكى 8 خىل جىنسى كېسەللىك نۇقتىلىق كۈزىتىلىدىغان ۋە دوكلات قىلىنىدىغان جىنسى كېسەللىكلەر دەپ بەلگىلەنگەن، داۋامىنى كۆرۈش»

روزا ھېيىت مۇبارەك!

زىيارەت: 619 | باھا:7
ۋاقىت: 10-09-2010

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۈگۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇتلۇق كۈن – روزا ھېيتتۇر. ئىنسان ئىچكى گۈزەللىكى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنىڭ يۈكسىلىش بايرىمى بولىمىش ئۇلۇغ روزا ھېيتى مۇناسىۋېتى بىلەن بارچە دوستلارنى چىن كۆڭلۈمىزدىن تەبرىكلەيمىز.
خۇشاللىنارلىقى، بۇ يىل روزا ھېيت ھەر يىلى نىشانلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بايرىمى بىلەن بىر پەيتگە توغرا كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جىمىكى ئۇستاز – ئوقۇتقۇچىلارغا ، مەرىپەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگۈچى بارلىق ساھىب قىرانلارغا سەمىمىي ئىھترام بىلدۈرىمىز ۋە ئىككى بايراملىق سالام يوللايمىز! ياراتقان ئاللاھ ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئۇستازلارنىڭ بەركاتىدىن ئەزگۈ نىيەتلىرىمىزنى ئىجابەت ئەتسۇن، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ ئەتسۇن، ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نىسىپ قىلسۇن!
ئىلاھىي زىياپەت ئېيىنىڭ پايانىغا يېتىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تەڭرى تائالادىن خەلقمىزگە بەخت – سائادەت، ئاسايىشلىق، پاراۋانلىق تىلەيمىز.
روزا ھېيت مۇبارەك ، ئەزىزلەر ! داۋامىنى كۆرۈش»

ئەل قوينى ئالتۇن بۆشۈك (ئىلھامجان ھەققىدە زىيارەت خاتىرىسى)

زىيارەت: 1,667 | باھا:22
ۋاقىت: 07-09-2010

ئەر يىقىلسا ئەل يۆلەر !
شۇ تاپتا، قېرىندىشىمىز  ئىلھامجان دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ياتقىلى 4 ئايدىن ئاشتى . بۇ جەرياندا ئۇنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن جەمئىي 260 مىڭ يۈەندىن كۆپراق داۋالىنىش خىراجىتى كەتتى. بۇ زور ئىقتىسادىي چىقىمنى ئىلھامجان ئائىلىسى ھەرگىز ئۈستىگە ئالالمايتتى . بۇنچە چوڭ بالا- قازانىڭ كېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ؟؟!!
ئىلھامجان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلى ئىدى، ئەمما تۇيۇقسىز كەلگەن تەقدىرنىڭ چاقچىقىدىن ئەمدىلا مېۋە بېرەي دېگەن كۈچەت يىقىلدى … داۋامىنى كۆرۈش»

ھەمجىنىسۋازلىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى

زىيارەت: 10,170 | باھا:48
ۋاقىت: 03-09-2010

ئاگاھنامە: تېما زىل بولغاچ، مەزكۇر يازمىنى باشقا تور بەت ۋە بلوگلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بۇ تېمىنى يېزىشنى بىر ئاي ئىلگىرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ قولغا قەلەم ئالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم يېزىپ، پۈتەي دەپ قالغان ئورگىناللارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم، يازما تېمىسى، ئاساسى مەزمۇن قاتارلىقلاردىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىش قىلدىم، ھەمجىنىسۋاز ( 同性恋 ، Homosexuality ) لاردىن ئىبارەت بۇ بىر ئالاھىدە كىشىلەر ھەققىدە ھەم ئوقۇرمەنلەر قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئەمەلىيەتتىن چەتنىمىگەن بىر تېما يېزىش ماڭا تەسكە توختاۋاتاتتى. ئاخىرى نېمە بولسا بولسۇن، ئاۋۋال يازاي، شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرىنى، كۆز قارىشىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن يەنە قايتا يېزىشقا كىرىشتىم. داۋامىنى كۆرۈش»

‹‹ ئىزدىنىش ›› ئەھلىگە يوقلىما

زىيارەت: 2,256 | باھا:116
ۋاقىت: 02-09-2010

دىيارىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگىلى يېرىم يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، توردىكى ئىللىق ئائىلىمىز ‹‹ ئىزدىنىش مۇنبىرى ›› تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم دوستىمىز توختاخۇن ( ئىزدىنىش ) بىلەن پىكىرلەشكەن بولساممۇ ، سەيپۇڭ مىجەز ( ئەتىسى تۈگمەس ) بۇ ئاغىينىمىز ‹‹ ئاز قالدى، پات ئارىدا ئاچىمەن … ›› دەپ قاراپ تۇردى. ئەمما، كەلگۈلۈك ماڭا بولدى ، ھېلى QQ ، ھېلى يانفونىم تىتىلداپ ، داۋامىنى كۆرۈش»

ئەيدىز بار

زىيارەت: 968 | باھا:2
ۋاقىت: 01-09-2010

ئالاھىدىن ئابدىرشىت
( ئوۋچى تور خاتىرىسى )

ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،

ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،

تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،

پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،

چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.

داۋامىنى كۆرۈش»

پاكىستاندا ئېقىۋاتقىنى سەلمۇ ياكى كۆز ياش؟!

زىيارەت: 1,291 | باھا:7
ۋاقىت: 30-08-2010

پاكىستاندا سەل ئاپىتى كۆرۈلگىنىگە 1 ئاي بولۇپ قالدى. يېقىنقى 80 يىل ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قېتىمقى سەل ئاپىتى پاكىستاننى گويا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. سەل سۇلىرىنىڭ ئاستىدا قالغان تېرىلغۇ يەر ۋە ئولتۇراق رايونلار شۇ قەدەر كەڭ كەتكەنكى، گويا پاكىستاندا بىر دېڭىز شەكىللەنگەندەكلا مەنزىرە پەيدا بولدى. پاكىستاننىڭ 5 / 1 ئۆلۈش زېمىنى ھېلىھەم سۇ ئاستىدا تۇرماقتا. سەل ئاپىتى 1600 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى، 12مىليون كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قېلىشىنى ، 20 مىليون كىشىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پاكىستاندىكى سەل ئاپىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، داۋامىنى كۆرۈش»

بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىيگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇم

زىيارەت: 4,773 | باھا:15
ۋاقىت: 29-08-2010

دۇنيادىكى باشقا قەۋملەردە ئۆز مەشھۇر كىشىلىرىگە بېغىشلانغان خاتىرە بويۇملارنى ئىشلەش، سېتىش، ساقلاش خېلىلا كۆلەملەشكەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مەشھۇر كىشىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرغىلى، ئەۋلادلارغا ئەڭ بىۋاسىتە ئەجداد تەربىيىسى بەرگىلى، يادلانغۇچى مەشھۇرلارغا يۈكلەنگەن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى كەڭ تارقاتقىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل مەدەنىيەت بازارلىرىنى جانلاندۇرۇپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولاتتى. ھالبۇكى، بىزدە بۇ ساھەگە تېخى تولۇق دىققەت ئاغدۇرۇلغىنى يوق.

داۋامىنى كۆرۈش»

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

زىيارەت: 3,436 | باھا:37
ۋاقىت: 27-08-2010

بىز كىچىك چېغىمىزدا ئەدەبىيات دەرسىدە نەسردىن ئەپەندىم ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.
ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە   ‹‹ ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى ›› دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن. داۋامىنى كۆرۈش»

ئىسىم – فامىلىچىلىكىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

زىيارەت: 825 | باھا:3
ۋاقىت: 26-08-2010

يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى: مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، خالىدە ئىسلام قەلىمىدىكى ماقالە بولۇپ ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتچىلىقى ھەققىدە ئاپتورنىڭ پىكرىي قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلاردا تەگئات قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە تەخىرسىزلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدا ‹‹ تەگئات ›› سۆزى يازما مەتبۇئاتلىرىمىزدا قېلىپلاشقىنى بويىچە ‹‹ فامىلە ›› دەپ ئېلىنغان. ھالبۇكى ، بىز كىرمە سۆز ‹‹ فامىلە ›› ئورنىغا ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ‹‹ تەگئات ›› نى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئەسەر ھوقۇقىغا دەخىلە يەتمەسلىكى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا ئۆزگەرتىلمەي، ئەينەن ئېلىندى. تورداشلار تۈزىتىپ ئوقۇغاي! داۋامىنى كۆرۈش»

جەمئىي بەت 21، سىز 7-بەتتە بىرىنچى بەت»...56789...20...«ئاخىرقى بەت