نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەركەكلەرگە

ھېچ بىلمىدىم سەن ياشايسەن قانداق بىر ئويدا؟
كۈنۈڭ ئۆتەر راھەت سۈرۈپ مەشرەپتە – تويدا،
شۇ ئايالىڭ نان دەردىدە قاي كوچا – كويدا؟
ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

ئەركەك ئۆيدە بىخىرامان سوزۇلۇپ ياتار،
خوتۇننىڭ ھەر تاڭى ئاھ ئۇرۇپ ئاتار.
ئەرلەر بىغەم، خوتۇنلار ھەسرەتكە پاتار،
ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

سەدىقىلەر سوراپ يۈرەر ئاياللار زار – زار،
ئاياللاردىن قەد كۆتەردى ‹‹ غەلىتە بازار ››،
دۇنياغا ھەم مەشھۇر ‹‹ ئۇيغۇر چىمەنزار ››،
ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

ئالپامىشۇ – ئوغۇزخانلار ئەمدى چۆچەكمۇ؟
‹‹ ئەركەك ›› دېگەن نام كىملەرگە ئەمدى ئەرمەكمۇ؟
خوتۇنىغا قاراپ قالغان ئەركەك ئەركەكمۇ؟
ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

قىز – چوكانلار گويا گۈل، ئەر بىلەن سولماس،
كىم بۇ گەپتىن ساۋاق ئالار، كىم پەرۋا قىلماس.
ئاياللارنى ئاسراڭ، ئۇلارسىز ئەتىمىز بولماس،
ئەركەك ئۈچۈن ئار ئەمەسمۇ ئايال خار بولسا؟

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئەركەكلەرگە

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. zakira مۇنداق يازغان:

    تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
    سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
    نازۇك باشىغا كۈن چۈشتى،
    ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟
    دۇنيا بار كۈچى بىلەن < < ئەر >> دەپ چاقىرىماقتا!
    ئەقىدە -ئەخلاق ئەرلەر ئۈچۈن چوڭقۇر ئاھسىنماقتا!
    قىز -ئاياللار < < ئەركەكلەر،قېنى سىلەر؟ >> دەپ، ئاچچىق سۈرەن سالماقتا!
    بالىلار < < دادىلار سىلەر نەدە ؟ >> دەپ، تېنەپ – تەمتىرەپ، ھەريان تەلمۈرمەكتە! …
    ئەرلەر ، زاتى ئەركەكلەر قېنى سىلەر ؟! …

  2. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە ئەرلەرنىڭ قاتتىق دىتال (hard ware ,body )سۇپىتى ياخشى ،لىكىن شۇ يۇمتال (soft ware ,soul ) سۇپىتى بۇزۇلۇشقا باشلىدى ، بەزىلەرنىڭ ئەسلى سىستىمىسىدىلا يوچۇق بار ، ياماپ ماڭمايدۇ ، ياخشىراق ۋىروسخورمۇ قاچىلىمايدۇ . شۇ …….
    ئېتقاد ۋە كىشلىك تۇرمۇش قاراشى يوق . ئاڭ تىخى ئويغانمىغان . ئەگەر ھەممە كىشى ھەق يولنى تونۇغان بولسا ،بەلكىم ئەركەكلەر قىنى دەپ ئېزدەپ يۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايىتتى . مەنچە ھازىرقى كىرزىس — ئاڭ ،ئېتقاد كىرزىسى .

  3. xahsanam مۇنداق يازغان:

    ئەرلەر ھاۋادا توپا – چاڭدەك،

    ئەرلەر خورلۇقتا تۇرىدۇ تامدەك.

    ئەرلەر يۇمشاق ئېرىگەن شامدەك…

    - ئادىل تۇنىياز:«يۇلتۇزلارمۇ ئۆلىدۇ» دىن

  4. مەلەك مۇنداق يازغان:

    بۇ شئېرنى ئەتىگەن تېخى بىر ئۆزبەكچە تور بەتتە ئۇچراتقانىدىم،ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسىز

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟