saltanat lutun elan berig
«23456»Pages: 5/6     Go
بۇ تېما 30831 قېتىم كۆرۈلدى
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 344
شۆھرەت: 2185 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2195 سوم
تۆھپە: 1243 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1251 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 434(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇلۇغ كوممۇنىزىم جەڭچىسى،جوڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ،ياڭ زېڭشىڭ،جىن شۇرېن،شېڭ شىسەي ،ستالىن،جىئاڭجىشى ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتكەن پىشقەدەم پورولتارىيات ئىنقىلاپچىسى ،سىياسىيون بۇرھان شەھىدىنى سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلىدىم.
چوققا [44 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-18 23:04 |
qidamliklamjinl
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5320
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرھوم يازغۇچى ئالىم سۈپەت ئۆلىما ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك بۈيۈك زات خېۋىر تۆمۈر قەلبىمدە مەڭگۈ ھايات !ناۋادا توخسۇنغا بېرىپ قالسام مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى زىيارەت قىلىمەن .ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى .
lutun
چوققا [45 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 21:40 |
qidamliklamjinl
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5320
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداش تورىنى  بۈگۈن تۇنجى كۆرۈشۈم.بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم .بىز خەق ئۇنداقلا ئوسال خەق ئەمەس .تاتارلار.......
چوققا [46 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 21:46 |
attila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 214
شۆھرەت: 1578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1648 سوم
تۆھپە: 882 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 874 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 386(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۆرھان شەھىدىنىڭ قانداق ئادەملىكى بۈۇرۇندىنلا كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزگە ئايان.
ئۇنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى تەۋپىق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ كەبى ئەزىمەتلىرىمىزنى قانلىق قېلىچىدىن ئۆتكۈزگەن، قۇمۇل-تۇرپان ئىنقىلابى، خوتەن-قەشقەرلەردىكى مىللىي كۆتۈرىلىشلەر ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئازادلىق ئارمىيسنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇمۇل-تۇرپان ۋادىسى ۋە تەڭرى تېغى ئېتەكلىرىدە، شىخۇ، جىڭ، ماناسلاردا نەچچە مىڭ ئوغلانلىرىمىزنى قانلىق قىرغان، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھىيلە-مىكىرسى بىلەن قانچە قېتىملىق كۈرەشچان ھاياتىمىزنى قان-ياش دېڭىزىغا غەرق قىلغان ياڭ، جىن، شېڭ دېگەنلەر بىلەن ھەم جاڭ جىژجۇڭ، تاۋ سىيۈ بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالاشقانلىقى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا ھەققانىيەتنى ياقلاپ، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئەمەس گومىنداڭنىڭ خەلقنى قىرغىن قىلىشتا بىۋاستە قورال كۆتەرگەن گېنىرالى تاۋ سىيۆ بىلەن بىرگە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ھەممىنى ئاشكارىلايدۇ.
بۆرھان شەھىدى ئىلگىرى ئۆزىنى قازان تاتارلىرىدىن دەپ ئاتىغان. بىراق كېيىن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋالدى. تاتارلارمۇ ناھايتى ئېسىل، بىزگە كۆپ ياردەم قىلغان خەلق. ئەگەر مۇسا جارۇللاھ، ئابدۇللا توقاي، غاسپىرالىغا ئوخشاش تاتار زىيالىلىرىنىڭ روھى تاتارلاردىن بۆرھاندەك بىر ئادەمنىڭ چىققانلىقىنى بىلسە قانچىلىك قورۇلۇپ كېتەر-ھە!
شۈكۈر يالقۇنمۇ ئىلگىرىكى بىرقاتار ئەسەرلىرىدە ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان، ھەتتا ھازىرقى زامان شىنجاڭ ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى (شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيسى چىقارغان مەخسۇس ماتېريال) توغرىسىدىكى كىتابچىغىمۇ كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شۈكۈر يالقۇن دېگەن ئىسىمىنى شۈكۈر يارقىنغا ئۆزگەرتتى، ھەتتا «مەن ئۆزبەك، مەن بىر ئۆزبەك يازغۇچىسىدۇرمەن!» دەپ جار سالدى.
ئىسھاقبېك مۇنۇنۇپقا كەلسەك ئەسلى قىزىلسۇنىڭ قىزىلبۇي دېگەن يېرىدىن بولۇپ، يۇرتىدا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيسى ھازىرلىغاندىن كېيىن سوۋېتقا چىقىپ كەتكەن ھەمدە 30 ياشقا كىرگەندە بېشكەكتە تولوق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ قىزىلبۇيغا ھاكىم بولغان. كېيىن ئارمىيىدە ھوقۇق تۇتقان. 1937-يىلى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ھىمىتنىڭ سېيىدا شىڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئىسھاقبېك قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن 5-بىرگادىنىڭ بىرگادا قوماندانى، لېسكىن تانكا قىسىم قوماندانى ھەم ھەربى مەسلىھەتچى بولغان. پۈتۈن شىنجاڭ تىنچىتىلىپ، شىڭنىڭ ھوقۇقى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن شىڭ جەمىئىيەتتىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار، جامائەت ئەربابلىرى، دىنىي ئۆلىمالار، بايلار، يۈزلۈك كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندا ئىسھاقبېك مۇھىم رول ئوينىغان. 1939-يىلى ئىسھاقبېكنىڭ ئورنىنىڭ تەدرىجى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ شىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغان ھەم يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان. شىڭنىڭ تەبىئىتىنى بىلگەن ئىسھاقبېك سوۋېتكە قېچىپ كەتكەن. 1942-يىلى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە «ئەمدى سوۋېت تۈگەشتى» دەپ قارىغان شىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرىگەن. سىتالىن شىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇ يىلى سوۋېت يېرىدىكى شىنجاڭدىن چىققان ئىشەنچلىك كىشىلەرنى يىغىپ مەخپىي تەربىيلىگەن ھەمدە ئۇلارغا ئۆزبەك، ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولغان سوۋېت قىزىل ئارمىيسى ئەسكەرلىرىنى قوشۇپ شۇ يىلىلا شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ ئادەم كۆپەيتىشكە سالغان. 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نىلقا ئازادلىق ئىنقىلابى پارتلىغاندا مەخپىي كىرگەن سوۋېت كىشىلىرى ۋە سوۋېت ئارمىيسى ئىنقىلابقا سۇقۇنۇپ كىرىپ تېزلا ھوقۇقلۇق شەخسلەرگە ئايلانغان.  ئىسھاقبېك ۋە لېسكىنلەرمۇ ئىنقىلاب سېپىگە كۆز بوياپ كىرىپ، بىرسى گېنىرال لېيتنانت، بىرسى ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. ئەمىلىيەتتە لېسكىن بارلىق ھەربىي ئىشلارنى كونتۇرۇل قىلغان. ئىسھاقبېك ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابنىڭ ھەقىقىي ئەزىمەتلىرى قورچاققا ئايلىنىپ قالغان. بىز دەۋاتقان ئالتە باتۇرنىڭ ئۈچى دەل سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ ئەسكەرلىرىدۇر.
istanbol
چوققا [47 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-01-04 23:19 |
tiken
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7694
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 545 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 550 سوم
تۆھپە: 321 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 326 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك سۆيۈندۈم بۇ ماقالىدىن.
بۇ ماقالا باشقا مۇنبەرلەردىمۇ كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا يول قويۇلسا بوپتىكەن ئەسلى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسە.
simfoniya
چوققا [48 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-18 02:55 |
abaytarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8497
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 335 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 335 سوم
تۆھپە: 194 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 194 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇ كىتابنى ئوقىغاندا قايمۇقۇپ قايتا كەينىگە ياندۇرۇپ ئوقىغان ئىدىم.  تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسەتىنى تامدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى، خوجىنىياز ھاجىنى ، بېتىم يىللىرىدىكى ئەھۋاللار، مەسئۇت سابىرى بىلەن بولغان كۈرەشلەر جەريانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىك ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان .  ئەمما بۇ جەريانلاردىكى نۇقسانلارنى بايقىغان بولساممۇ خاتالىق بارلىقىنى ئوچۇق دېيىشكە بۇ كىشىنىڭ نوپوزى توسالغۇ بولغانىكەن . خېۋىر تۆمۈرنىڭ بۇ ماقالىسى ھەقىقەتەنمۇ بۇ كىتابقا قوشۇپ نەشر قىلىشقا لايىق ئېسىل ماقالا ئىكەن . ( ئويلاپ باقسام مەنلا ئەمەس، نۇرغۇنلىرىمىز ، بايقىساقمۇ ئىچىمىزدە بىلگەنىكەنمىز.) مۇھەممەت يۈسۈپ ئەپەندىگە رەھمەت.
lutun
چوققا [49 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 08:22 |
a.kaxkiriy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5015
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 904 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 902 سوم
تۆھپە: 531 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 534 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

          خېۋىر تۆمۈر ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىڭىلىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، بۇرھان شەھىدىنىڭ سۆزى بويىچە «يەرلىك زوراۋان» تۆمۈر ئىلى (سىلىڭ،سىجاڭ)نىڭ ئوغلى. دادىسىنىڭ تارىخىنى ئەلۋەتتە ياخشى بىلىدۇ ۋە بىلىشكە تېگىشلىك، تۆھمەت چاپلاپ قارىلانغان دادىسىنى ئاقلاشقا ھەقلىق.
         تۆمۈر ئىلى (سىجاڭ)نىڭ قەۋرىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى لەنگەر يېزىسىدا ھازىرمۇبار، نەچچە يىل بۇرۇن ئەۋلاتلىرى كېلىپ رىمۇنىت قىلىپ  قويۇپ كەتتى.
كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.
چوققا [50 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 20:55 |
a.kaxkiriy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5015
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 904 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 902 سوم
تۆھپە: 531 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 534 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   [  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتور يەنە ماجۇڭيىڭ ، ماشىمىڭ ، ماجەنساڭغا ئوخشاش ئادەملەرنى  ‹‹ پانتۈركىستلار ››غا ئوخشىمايدىغان ..........ئەزىمەتلەردىن قىلىپ كۆرسىتىپ ئۆزىگە شېرىك قىلىۋالغان] (تېمىدىن ئۈزۈندە)


   شۇنداق خېۋىر ئاكا، بۇرھان ئەپەندى ماجۇڭيىڭ ، ماشىمىڭ ، ماجەنساڭغا ئوخشاش ئادەملەرنى  ‹‹ پانتۈركىستلار ››غا  ئوخشىتاي دېسىمۇ ئوخشىتالمايدۇ، چۈنكى تۇڭگان تۈرككە كىرمەيدۇ. پانتۈركىست بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىي ئادەم بولۇش كېرەك.  خالىغان ئادەم بولىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. تۇڭگانلار مەن پانتۈركست دېسىمۇ شىڭ دوبەن جاناپلىرى كۆتەر قاسقىنىڭنى دەپ كۆتىگە تېپىدۇ. ئىشەنمەيدۇ.
istanbol
كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.
چوققا [51 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 21:05 |
a.kaxkiriy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5015
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 904 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 902 سوم
تۆھپە: 531 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 534 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

[بىرلىن – پارىژلارنى كېزىپ يۈرگەن بەلكى شۇ مەزگىللەردە غىياس ئىسھاقى ( تاتار ) ، مۇستاپا چوقاي ( ئۆزبېك ) لەر بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملاشقان ياكى ئۇلارنىڭ ژۇرنال – مەجمۇئىلىرىنى كۆرۈپ يۈرگەن ئاپتور قانداق قىلىپ « پانتۈركست » ، « پان ئىسلامست » بولماي قالغاندۇ ؟ ] (تېمىدىن ئۈزۈندە)

مۇستاپا چوقاي ئۆزبىك ئەمەس، قازاق، قازاقىستان بۇ ھەقتە كىنومۇ ئىشلەپتۇ.
بۇ يەرگە قاراڭ:


                              نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىري دوكتورى)


           20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشلەر

           (مۇستاپا چوقاينىڭ تۈركىستان مۇختارىيىتىدىن  -نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە)


    ./read.php?tid=10689
كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.
چوققا [52 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 21:18 |
a.kaxkiriy
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5015
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 904 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 902 سوم
تۆھپە: 531 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 534 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى kalamxahدە2011-05-31 12:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     بۇ زاتنى 1985- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تبرىكلەش مۇراسىمىدە كورگەن ئىدىم .ئۇ چاغدا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىكەنتۇق .سۆز قىلىپ بەرگەنىدى.سۆزىمۇ ئۇيغۇرچىغا تازا ئوخشاپ كەتمەيدىكەن .«......شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا شەكسىز تىلەكداشلىق بىلدۈرەمېن......». كېيىن «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى »دېگەن كىتىپىىنى ئوقۇدۇق .شۇ چاغدىمۇ ھەيران قالغانىدىم . شىنجاڭدىكى ياڭدىن  باشلانغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم خىزمەت قىلغان(يۇمۇلاق تاۋۇز) ئەرباپكەن. كىتىپىدا دېيىلگەندەك تۈزۈكرەك ئوقۇتىلمىغان ئەمەس، بەلكى خېلى بىلىملىك زات ئىكەن. نەچچە خىل چەت تىلىنى سۇدەك بىلىدىكەن. كۆپ  تىللىق لۇغەتمۇ تۈزگەن.باشقىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر .

شۇ چاغدا مەن بۇرھان ئەپەندىنىڭ "شىنجاڭ داشۆ" دېگەننى "شىنجاڭ داشو" دەپ تەلەپپۇز قىلغىنىنى ئاڭلاپ، نەچچە يىل بىيجىندا يۈرۈپ تەلەپپۇزىمۇ توغرا ئەمەسكەن دەپ ئويلىغان. ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى ئەپەندىمنىڭ "شىنجاڭ داشو.....ئېھى(ئىنجىق)، قۇرۇلغانلىقىنىڭ....ئېھى (ئىنجىق)،............" دەپ ئىنجىقلاپ سۆزلىگەن سۆزى. ئىنجىقلىغان ئاۋازى مىكرافون ئارقىلىق كانايدا ناھايىتى جانلىق چىققان. رەھمەتلىك ئۇ چاغدا خېلى ياشىنىپ قاپتىكەن.
كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.
چوققا [53 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-06 21:30 |
جاھىل
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3525
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 48
شۆھرەت: 250 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 250 سوم
تۆھپە: 148 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 148 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالە كەمتۈك يوللىنىپ قاپتۇ. مەندە تولۇق نۇسخىسى بار ئىدى، مەن قايتا بىر يوللاپ قوياي.
چوققا [54 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-08-07 17:33 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«23456»Pages: 5/6     Go
Bagdax bbs » مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى