ئۇيغۇر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ 维吾尔族数学教育家翦奎午
ئاتاقلىق ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ ( 1847-1949) ، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن، خەلىل باشىنىڭ 20-ئەۋلات نەۋرىسى، ئاتاقلىق تارىخشۇناس جىيەن بۇزەننىڭ ئاتىسى بولىدۇ.ئۇ كىچىگىدە ئاتىسىغا ئەگىشىپ چەتئەللەردە يۇرۇپ، ياشلىقىدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن بىلىم ئىگىلەپ ئەينى چاغدىكى خۇنەن ئالىي دارىلفۇنىن( بۇگۇنكى خۇنەن ئۇنۋېرسىتىتى) غا ئېمتىھان بىرىپ كىرىپ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇيدۇ .ئىدىيە جەھەتتە ئىلغارلىققا مائىل بولۇپ ئىنقىلاۋېي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ، مەسلەكداشلار ئىتتىپاقى(توڭمىڭخۇي)غا ئەزا بولىدۇ، كىيىن ئىزچىل مائارىپ خىزمىتى ۋە كەسپىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇنەن ئۆلكىلىك 2-پىداگوگىكا مەكتىپى (بۇگۇنكى چاڭدى 1-ئوتتۇرا مەكتەپ)نى قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇدىرى بولىدۇ.بىر تەرەپتىن مەكتەپ باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۇچ چىقارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىۋاستە ماتېماتىكا دەرىسىنى سۆزلەپ نۇرغۇن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.تېڭ دەييۇەن، يۇەن رىنيۇەن، بوگۈ قاتارلىق مەرلەز رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.1937-يىلى ئۇ يەنە ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ خۇنەن ئۆلكىلىك يۇفۇ خۇسۇسىي ئوتتۇرا مەكتىپى ( ھازىرقى چاڭدى 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ) نى قۇرىدۇ. يەنە ئىېلمىنتار ماتېماتىكا تەتقىقاتى ئۇچۇن نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۇرىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى ياد ئىتىش ئۇچۇن مەشھۈر ئالىم گومۇرو ئۇنىڭ قەبرە تاختىسىغا ئۆز قەلىمى بىلەن « مەشھۈر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ » دەپ يازىدۇ.
بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://matimatik.blogbus.com/logs/177553126.html سىز يوللىغان ماقالىدا قالىي باشى -- دېگەننى خېلىل بارىس دەپ ياخشى ئىلىنىپتۇ.