- تىزىملاتقان
- 2012-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8661
- نادىر
- 0
- يازما
- 390
ئۆسۈش
73.22%
|
چۈشۈمدىكى3-ئەۋلاد كىملىك (ئاخىرى)
شۇنداق قىلىپ قان تەكشۈرتۈپ ئانكىتلارنى كۆتۈرۈپ كىملىك ئالغىلى تەمشەلدىم.(قان ئالغان چاغدا ئوكۇل يىڭنىسىغا ئوخشاش بىر نەرسىدە سول قۇلۇمنىڭ دۇمبىسىگە ناھايىتى كىچىك بىر ئۆزەك ئورناتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كىچىك تىپتىكى ئۆزەك بولسا شەخىسنىڭ ئورنى،ئىز قوغلاش ،بېكىتىش ...قاتارلىق بىر قاتار ئىزدەش ھالقىلىرىنى ئورۇنداپ كىملىككە ۋە شۇنداقلا مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىغا يوللاپ تۇرىدىكەن . ئادەتتە بۇ مىكرو ئۆزەك ئۇچۇرنى كۈندە ئىككى قېتىم يېڭىلاپ شەخىس ئۇچۇرىنىڭ توغرا ئېنىق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.)
كىملىك ئېلىش ئۈچۈن قان تەكشۈرۈش ئىسپاتى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار شەخسى ئۇچۇرلىرىم تولدۇرۇلغان ئانكىتنى كۆتۈرۈپ چوڭ زالغا چىقتىم. چوڭ زالدا ئادەم يوق دىيەرلىك ئىدى. ئىشخانىلارمۇ ئىنتايىن كۆپ. ھەممە ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىدا ئادەتتە ماشىنا ئادەملەر خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بۇ جايدا ئادەمنىڭ سايىسىنى كۆرۈش تەس ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىملىك بىجىرگىلى پەقەت مەنلا كەپتىمەن دېسە....................
نىمە ئىش قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ساقچى شەپسىكىنى كىيىۋالغان بىر ماشىنا ئادەم يېنىمغا كېلىپ قانداق ياردەم كېرەكلىكىنى سورىدى. ئۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا كىملىكنى بىردەمدىلا بىجىرىپ بولدۇم.(بۇرۇنقىدەك كىملىك بىجىرسە 3 ئاي،1يىل ساقلايدىغان ئىشلار ھازىر بىر چۈشكە ئايلانغان بۇلۇپ،ماتىرياللىرىڭىز تەق بولسىلا 5 مىنۇتتا چىقىدىغان رەسىمدەكلا ئادىلىشىدىكەن. )
مانا ھازىر كىملىك قۇلۇمدا تۇرۇپتۇ. كىملىككە بىر بىرلەپ تەپسىلى قاراپ چىقتىم.
كىملىك ناھايىتى نەپىس ھەم مودا شەكىلدە ئىكەن. كىملىك خۇددى ئەينەككىلا ئوخشاش بۇلۇپ ،قارىسىڭىز ئارقىدىكى نەرسىلەر كۆرۈنىدىكەن.ناۋادا سىز كىملىككە ئىھتىياجىڭىز بولمىسا ، كىملىكنى ئالقىنىڭىزغا ئېلىپ كۆرسىڭىز يەنىلا شۇ ئالقىنىڭىز كۆرۈنىدىكەن.سۈزۈك بىر قەۋەت ئەينەككە ئوخشاش!(بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن بىخەتەر بۇلۇپ سىزدىن باشقا مۇناسىۋەتسىز كىشى كۆرسە پەقەت سۈزۈك بىر قەۋەت ئەينەكلا كۆرۈنىدىكەن.)
كىملىكنىڭ ئەڭ ئۈستى سول تەرەپتە رەسىم رامكىسى بۇلۇپ ،ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمى چىقىپ تۇرىدىكەن. سىز بىر كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالسىڭىز كىملىكتىكى رەسىمىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاش كۆزىنى يۇمۇۋالىدىكەن، چىرايىڭىزنى پۈرۈشتۈرىۋالسىڭىز كىملىكتىكى رەسىمىڭىزمۇ چىرىرايىنى پۈرۈشتۈرىۋالىدىكەن. (سىزنىڭ ھەر قانساق چىراي ئىپاسىڭىز 3Dھالەت بويىچە كۆرۈنىدىكەن.)
رەسىم رامكىسىنىڭ يېنىدا ئىسىم فامىلىڭىز يېزىلىدىكەن.ھازىرقىغا ئوخشاش. ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئىسىم فامىلىڭىزنىڭ ئەسلى يېزىلىشى سىتىرولۇق ھالدا توختىماستن ئاستا ئۆزگىرەيدىكەن.(كىملىكىڭىز خەلقىئىرالاشقان كۆپ قۇتۇپلاشقان كىملىك بولغاچقا سىزنى ئىزدەش ،ئىز قوغلاش ئورۇن بەلگىلەش ئىشلىرىدا ئاسان ھەم قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىنگىلىس تىل يېزىقىمۇ ئالاھىدە قۇشۇلۇپتۇ!)
ئىسىم فامىلىڭىزنىڭ ئاستىغا مىللىتىڭىز نامى يېزىلىدىكىەن. مەسلەن:(维吾尔族،ئۇيغۇر،UYGHUR )ئۈچ خىل تىل يېزىق يېزىلىدىكەن. ئەگەر سىز قازاق بولسىڭىز كىملىكىڭىز (قازاق تىلى ،خەنزۇتىلى،ئىنگىلىس تىلى)ئۈچ خىل تىل مەشغۇلات سېستىمىسى قوللىنىدىكەن. ئەگەر خەنزۇ بولسىڭىز پەقەت(ئىنگىلىس تىلى ۋە خەنزۇ تىلى )مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن بارلىق ئارخىپلىرىڭىز خەنزۇچە- ئىنگىلىزچە ھالدا ئېلىپ بېرىلدىكەن. كىملىكتىكى تىل ئۇچۇرى سىزنىڭ مىللەت نامىڭىزغا قارىتا تەڭشىلىدىكەن.
مىللەت نامىڭىزنىڭ ئاستىغا تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز يېزىلىدىكەن.(تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز جۇڭگودىكى دېھقانلار كالىندارى ۋە ھازىر خەلقئىرادا ئوموملاشقان مىلادىيە كالىندارى بويىىچە ھېسابلىنىدىكەن. ئەجەپلىنىپ قالدىم . ئۇيغۇرلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىغا ھىجىريەكالىندارى(ئىسلام كالىندارى) ئىشىلتىسە بۇلۇپتىكەن دەپمۇ قالدىم! ئۆزىمىز ۋاز كېچىپ ئىشلەتمىگەن بولغانكى ھېسابقا ئالماپتۇ ئەنە.بۇنى بىر ھېسابتا ئۆزىمىزدىن كۆرسەك بولغۇدەك!)
تۇغۇلغان ۋاقتىمىزنىڭ ئاستىغا يۇرتىمىز نىڭ نامى يېزىلىدىكەن . مەسلەن:(يەرشارى ئاسىيا قىتەسى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى تىنشان رايونى بۇلاق بېشى كوچىسىXXئائىلىلىكلەر قوروسى 5-بىنا 618-نۇمۇرلۇق ئۆي.......دېگەندەك! ) بۇمۇ ئادەتتە ئۈچ خىل تىل بويىچە تەرجىمىسى ۋە ئەسلى ئىسمى بويىچە سىتىرولۇق ھالدا يۆتكىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدىكەن.
ئۇنىڭ ئاستىغا قان تىپى،جىنسى،ۋە بىر قەدەر ئۇششاق ئۇچۇرلار باركەن.
ئۇنى ئاستىدا دۆلەت تەۋەلىكى يېزىلىدىكەن(قوش دۆلەت تەۋەلىكىدە بولسىڭىز شۇمۇ ئېنىق ئىجىرىملىق تەپسىلى يېزىلىدىكەن.)
ئۇنىڭ ئاستىغا كىملىك نۇمۇرى يېزىلىدىغان بۇلۇپ.ھازىرقى كىملىك نۇمۇرىڭىزغا پەقەت ئوخشىمايدۇ.مەزكۈر دۆلەتنىڭ نۇپۇس ئايرىلمىسى بىلەن يېسابلاپ سىز جۇڭگودىكى قانچىنچى بۇقرا،سىز مىللىتىڭىزنىڭ قانچىنچى نۇپۇسى.......قاتارلىقلار ۋە شۇ سان سېفىر بويىچە ھېسابلىنىدىكەن! كىملىك نۇمۇرىڭىز مەخپى شېفىرغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ******** يۇلتۇز بەلگىسەدە كۆرۈنىدىكەن.پەقەت جىددى لازىم بولغاندىلا ئىشىلتەلەيدىكەنسىز!
بۇ كىملىكنىڭ تارقاتقان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە ۋاقتى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلار يېزىلمايدىكەن. بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك بۇ كىملىنىڭ ۋاقتى بىر ئۆمۈر بۇلىدىكەن.بىجىرگەن ۋاقتىڭىز مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرىدا ساقلىنىدىغان بولغاچقا كىملىككە يېزىلمايدىكەن!
ئەمدى بۇ كىملىكننىڭ ئارقا تەرىپىنى كۆردۇم:
3ئەۋلاد كىملىكىڭىز نىڭ ئارقا تەرىپى مۇنداقكەن:
ئەڭ ئۈستىدە جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى دەپ خەنزۇچە چوڭ قىلىپ يېزىلغان بۇلۇپ ،يەنە شۇ ئوخشاشلا سېستىما تىل-يېزىقى بويىچە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە تەرجىمىلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن.
كىملىكنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تەگلىك رەسىم توختىماستىن ئايلىنىپ چىقىدىكەن. دېھققەت قىلسام سەدىچىن سېپىلى تىەنئەنمېىن راۋىقى،بېيجىنىدىكى خەلىق سارىيى، پوتالا سارىيى،دۇڭخۇۋاڭ بۇددا غارى، چاڭجىياڭ ۋە خۇۋاڭخې دەرياسى،ماۋزۇدۇڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى تۆت دۆلەت رەھبىرى.....قاتارلىق بىر قىسىم شەخىسلەر مەنزىرىلەر ،تارىخى قۇرلۇشلار رەسىمى چىقىدىكەن. رەسىم ئۈستىدە سۇس ھالدا دۆلەت بايرىقى ، گىربى،ئارمىيە بايرىقى .....قاتارلىق رەسىملەر چىقىدىكەن.
ئەڭ ئاستىغا بۇگۇنكى يىل ئاي كۈن،سائەت ....نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت ،مەلۇماتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن!
بۇ كىملىنىڭ يەنە باشقىچە ئالاھىدىلىكلىرى:
بۇ كىملىكنى مەكتەپكە كىرىپ چىقىش گۇۋاھنامىسى، يول خېتى،توي خېتى،دىپلوم،(ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋاھنامىسى،دوختۇر بولسىڭىز دوختۇرلۇق گۇۋاھنامىسى قاتارىدا ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان بۇلۇپ ،كەسىپ ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەركىزى ئۇچۇر ئامبىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ كىملىكىڭزغا ئاپتوماتىك ھالدا قۇشۇپ قۇيىدۇ.) چەتئەلگە چىقىدىغاندا ئىشىلتىدىغان پاسپورت، بانكا كىردىت كارتىسى.......قاتارلىق كۆپ ۋاستىلىق گۇۋاھنامە ۋە رەسمىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.
قانداق چۈشۈم قىزىقارلىقمىكەن؟ ئۇ كىملىكچۇ؟ |
|