- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4075
- نادىر
- 10
- يازما
- 122
ئۆسۈش
69.17%
|
ئەسلىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار شەخسى تىجارەتچىلەر تەرىپىدىن قىلىنۋاتىدۇ . چەتئەلدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردا مەيلى زال ئىچى پوتبول مەيدانى بولسۇن ياكى كىچىك تىپتىكى مەشق پوتبول مەيدانلىرى بولسۇن كەڭ كۆلەمدە ئوماملاشقان بولۇپ مەھەلە مەھەلىلەردە بۇ خىل مەيدانلارنى ئۇچراتقىلى بولدىكەن ، بەلكىم بۇ ياۋرۇپا پوتبولىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئاسمان زېمىن پەرق قىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن .
جۇڭگودا نوپۇس زىچ ، يەر قىس ، شۇڭلاشقىمۇ ياكى جۇڭگو ئاللىقاچان دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسىگە كىرىشتىن ۋاز كەچتىمۇ مەھەلە پوتبولچىلىقىغا ئەستايىدىل قارىمىغان .
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى پارلاق رېستۇرانىنىڭ ئەتراپىغىمۇ تىجارەتچىلەر مەبلەغ سېلىپ زال ئىچى پوتبول مەيدانى سېلنغان بولۇپ ئېچىلىش بىلەنلا بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپەيگەن ، ھەتتا كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 12 گىچە توپ ئوينايدىغان كەيپىيات كۆتۈرۈلگەن .
دەل يېڭى يىل كۈنى تەڭلا بىر ۋاقىتتا قومۇلدىمۇ مەرىفەت زال ئىچى پوتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلۇشى بىزنى ھەقىقەتەن خوشال قىلىدۇ ،ئەھۋالدىن قارىغاندا ھەمىشە ھۆكۈمەتتىنڭ ھەل قىلىشىغا قاراپ قالماي بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىپ پوتبۇلچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەكتەك قىلىدۇ .
ئالدىنقى قېتىم جۇڭگو پوتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كەتكەن كۈنى نەق مەيداندا مەركىزى تەنتەربىيە قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى تېلىۋىزوردا پۈتۈن جۇڭگولۇقلار ئويلانغىدەك تۆۋەندىكىدەك سۆز قىلدى .
جۇڭگو كوماندىسىنى تىللىماڭلار ، بۇنى پۈتۈنلەي بۇ 11 كىشىىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ، ئومۇمىي پوتبولچىلىق ھەركىتى قانات يايدۇرۇلمايدىكەن ، جۇڭگو مەڭگۈ دۇنيا لوڭقىسىغا كىرەلمەيدۇ ، سىز شەھەر باشلىقىمۇ ؟ ئۇنداقتا شەھىرىڭىزدە قانچە پوتبول مەيدانى بار ؟ سىز مەكتەپ مۇدىرىمۇ ؟ مەكتىپڭىزدە قانچىلىك پوتبول مەيدانى بار، قانچە كوماندا بار ؟ بۇنى بىلەمسىز ؟
پۈتۈن مەسئولىيەتنى جۇڭگو كوماندىسىدىكى 11 كىشىگە ئارتىپ قويۇش بەكمۇ بىمەنىلىك !
بۇ گەپنىڭ خېلى سالمىقى بار ، ئاخىرىدا ھەرقايسى شەھەرلەردە بۇ خىل كۇلۇپلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشىنى ئەلفا -پەرھاد لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ مۇۋەپپىقەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ، پوتبولغا مەبلەغ سالغان تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن !
|
|