قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 26955|ئىنكاس: 220

كوردلار مەسلىسى : تۈركىيەنىڭ يۈرەك كېسىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

627

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12830
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 103
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 13:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 

 
كوردلار مەسلىسى : تۈركىيەنىڭ يۈرەك كېسىلى
 
 تەرجىمان :  يۈكسەك 0214
 
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ« دۆلەتسىز»  مىللەت
 

كوردلار غەربى ئاسىياغا ماكانلاشقان ئەڭ قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى،ئۇلار نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئاناتولىيە ئىگىزلىگىدە ياشاپ كەلمەكتە. تارىختا ،ئۇلار ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئەرەبلەر ۋە مۇڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 12-ئەسىردە تۈرۈكلارنىڭ باش كۆتۈرىشىدىن كىيىن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ،كوردلار ئىزچىل تۈرۈكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغى ئاستىدا تۇرۇپ كەلدى.  گەرچە كوردلار ئۇزۇندىن بېرى يات مىللەتنىڭ  ھۆكۈمرانلىغىدا بولسىمۇ ،ئەمما  ئۆز مىللى ئالاھىدىلىگىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە. ھازىر كوردلانىڭ نۇپۇسى تەخمىنەن 30مىليون ،ئوتتۇر شەرىقتە ئەرەب، تۈرك ،پارىسلاردىن قالسا تۆتىنجى چوڭ مىىللەت ھىسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك تۈركىينىڭ  شەرقى جەنۇب رايۇنىدا ياشايدۇ،قالغان قىسمى ئېران،ئېراق،سۈرىيەگە جايلاشقان،ئۇنىڭدىن باشقا،سابىق سېۋىت ئىتىپاقى تەۋەلىگىدىكى رايۇنلارغا ئاز مىقتاردا تارقاق ئۇرۇنلاشقان.

 كوردلارنىڭ ئىزچىل مۇستەققىل دۆلىتى بولمىغانلىقتىن ، شۇڭا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ « دۆلىتى يوق» مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ،بۇ ئۇلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقمىغان دىگەنلىك ئەمەس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇلار ئىزچىل ھالدا توپلىشىپ ئولتۇرقلاشقان رايۇنىدا ئۆزدۆلىتىنى ،يەنى كوردىستان  قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش نىشانى بىلەن ھازىر ئۆزلىرى تەۋە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرسىدا كەسكىن زىدىيەت  شەكىللىنىپ،ئىككى تەرەپ ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشۇپ قالغان،بۇنىڭ بىلەن كوردلار مەسىلىسى شەكىللەنگەن.                                                                                       

 تۈركىيە بولسا كوردلار مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەت، بىر تەرەپتىن كوردلار نۇپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى تۈركىيەگە مەركەزلەشكەن ،يەنە  بىر تەرەپتىن بۇ تۈركىيەنىڭ مىللەت تەركىبىنڭ ساپلىغىنى ئىستەيدىغان دۆلەت قۇرۇش تەدبىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 1919-يىلى ،مەغلۇب بولغۇچى تەرەپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن « سېۋرېس شەرتنامىسى»    نى  ئىمزالايدۇ،مەزكۇر شەرتنامىگە ئاساسەن، كوردلار ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە ئەرمىنىيەنىڭ جەنۇبى،سۈرىيە ۋە ئېراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن رايۇندا  ئاپتۇنۇم رايۇن ياكى مۇستەققىل دۆلەت قۇرسا بۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ دۇنيا تارىخىدا كوردلارنىڭ ئۆزئالدىغا ئاپتۇنۇمىيە يۈرگۈزۈش ياكى مۇستەققىل بۇلۇش توغرىسىدىكى بىردىن بىر خەلقئارالىق ھۆججەت،شۇنداقلا ،نۆۋەتتە كوردلارنىڭ مۇستەققىللىقنى تەلەپ قىلىشتىكى ئاساسلىق تۇتقىسى .بىراق ئەنگىلىيە، فىرانسىيە نىڭ بۇ رايۇندىكى بەس تالىشىشى ۋە كامال مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك بۇلۇشىغا ئەگىشىپ « سېۋرېس شەرتنامىسى»  ئەڭ ئاخىرى بىر ۋاراق قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. 1923-يىلى ،ئانتانتا دۆلەتلەر كامال ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان «لوساننا شەرتنامىسى»  « سېۋرېس شەرتنامىسى»نىڭ ئورنىنى ئالدى. كامالنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن، «لوساننا شەرتنامىسى»  كوردلارنىڭ ئاپتۇمىيە ياكى مۇستەققلىق مەسىلىسىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولدى،شۇنداقلا كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇننى تۈركىيە،ئەنگىلىيە ھامىلىغىدىكى ئىراق ،فىرانسىيە ھامىلىغىدىكى سۈرىيە ھەمدە  سېۋىت ئىتىپاقىغا بۈلۈپ تەقسىملەش بېكىتىلدى. «لوساننا شەرتنامىسى» دا  يەنە پەقەت   مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن  گىرك،ئەرمەن ،يەھۇدىنى  تۈركىيىدىكى ئازسانلىق مىللەت دەپ بېكىتكەن ،بۇنىڭ بىلەن  كوردلارنىڭ ئازسانلىق مىللەتلىك ئورنىنى ھەتتا مىللى خاسلىغىنى  ئىتىراپ قىلمىغان.

 1923-يىلى 10-ئايدا تۈركىيە جومھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ،مىللى يەككىلىكنى تەكىتلەيدىغان « كامالئىزىم»  تۈركىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇش يىتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلاندى.  بۇ يىتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا، تۈركىيە كوردلارغا قارتا مىللى ئاسىملاتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بىرىنجدىن ، قانۇنى جەھەتتە كوردلارنىڭ مىللى خاسلىغى ۋە مىللى ئورنى ئىتىراپ قىلىنمىدى.1922-يىلىلا ،كامال « يىڭى دۆلەت تۈرك مىللى دۆلىتى »  دەپ جاكارلىغان . 1924-يىلى  ماقۇللانغان «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى» دا كوردلارنىڭ مۇستەققىل قانۇنلۇق مىللى ئورۇنغا ئىگە بۇلۇشىنى ئېنىق ئنكار قىلغان بۇلۇپ ،ئۇلارنى « تاغلىقلار » دەپ ئاتايتى .  ئىككىنجىدىن ،كوردلارغا قارتا مەجبۇرى ئاسىملاتسىيە سىياسىتى قوللاندى. 1925-يىلى ،تۈركىيە ھۆكۈمىتى « شەرقى رايۇن ئىسلاھات پىلانى» نى تۈزۈپ چىقتى ، بۇنىڭدا،مالاتيا،ئېلازىغ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ تۈرك تىلدىن باشقا تىلنى ئىشلىتىشىنىڭ  جازاغا ئۇچىرايدىغانلىغى بېكىتىلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىلدىن باشلاپ ،تۈركىيە ھۆكىمىتى ئىسىم يۆتكەش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ،ئىزچىل ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان كورد تىلىدىكى يەر نامى ۋە كىشى ئىسىملىرىنى زورلۇق بىلەن تۈركچىگە  ئۆزگەرتى،يىڭى تۇغۇلغان بالىلارغا بىردەك تۈركچە ئىسىم قۇيۇشى كېرەكلىگى بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن سىرت ،تۈركىيە ھۆكىمىتى يەنە باشقا ئاسىملاتسىيە سىياسەتلىرىنىمۇ قوللاندى،مەسىلەن: كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا ئاھاللە كۈچۈرۈش،تۈركىيەدە ئازسانلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى جاكارلايدىغان سىياسى پارتىيەلەرنى قۇرۇشنى چەكلەش قاتارلىقلار. تۈكىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىملاتسىيە سىياسىتى كوردلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1925-يىلى دۆلەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي  سەئىد قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇ پائالىيەتلەرگە قارتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللاندى.                                                                                                     

                                                                                                    

 

كوردلارنىڭ قارشىلىغى ۋە تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش تەدىبىرى
 گەرچە كوردلار مەسىلىسىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ئۇزۇن بولسىمۇ ،ئەمما كوردلارنىڭ دەسلەپكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى ئاساسلىق دىن،تىل-مەدنىيەت ساھەسىگە مەركەزلەشكەن،تۈركىيەنىڭ ھەربى باستۇرىشى ئاستىدا  ئۈزلۈكسىز مەغلۇپ بۇلۇپ ،تۈركىيەنىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىگە ئېغىر خەۋىپ سالالمىغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىلىدىن كىيىن كوردلار  مۇستەققىل دۆلەت قۇرۇش نشانىنى ئېنىق ئوتۇرغا قويدى،بۇلۇپمۇ ،كورد ئىشچىلار پارتىيىسنىڭ قۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ،تۈركىيە ھەقىقى مەنىدىكى دۆلەت پۈتۈنلىگى كىرزىسىغا يۈزلەندى.

كوردلار مەسىلسىنىڭ 60-يىللاردا كەسكىنلىشىپ كىتىشىدىكى سەۋەب بولسا ،تۈركىيەنىڭ شۇ چاغدىكى ئىچكى-تاشقى مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئالدى بىلەن،1950-يىلى  تۈركىيە دىمكۇراتىيلىشىش  مۇساپىسىنى باشلىدى،بۇنىڭ بىلەن ،تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق سايلىغان  ھۈكىمەت بارلىققا كەلدى. سايلام ئارقىلىق ھاكىميەت بېشىغا چىققان  دىمكۇراتىك پارتىيە  كامال دەۋرىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتتىن ۋازكىچىپ،سىياسى پارتىيە،پىكىر ،دىن قاتارلىق جەھەتتكى كونتۇروللۇقنى بوشاشتۇردى.كۈنسىرى ئەركىنلەشكەن سىياسى مۇھىت كوردلار ھەركىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشنى شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى . ئىككىنجىدىن،شۇ چاغدىكى خەلقئارا  جەمىيەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان سولچىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەر  كوردلارغا ئىلھام بولدى،بۇلۇپمۇ ياش زىيالىلارنىڭ كەسكىن ئىدىۋى –ئېڭى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ بۈلۈنمە كۈچ  كورد ئىشچىلار پارتىيىسى دەل مۇشۇنداق ئارقا كۈرۈنۈش ئاستىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ رھبىرى ئابدۇللا ئوغلان Abdulah Ocalan  تىپىك ئاشقۇن . كورد ئىشچىلار پارتىيىسى  مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان، قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسلىغى  سىياسى سەپەرۋەرلىك ۋە  تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى ،ئەمما   1982-يىلى پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تىرورلۇق ۋاستىسى قوللۇنۇپ ،تۈركىيە ھۆكىمىتىگە  ۋە تۈركىيە ھۆكىمىتىگە ھەمدەم بولغان كوردلارغا زەربە بېرىشنى قارار قىلدى،بۇنىڭ بىلەن كورد ئىشچىلار پارتىيسى تىرورلۇق خاراكتىرىنى ئالغان سىياسى تەشكىلاتقا ئايلاندى. 1980-يىلى ،تۈركىيە ھەربى تەرەپ ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ ،ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالدى.تۈركىيە ھەربى ھۆكۈمىتى كورد بۇلۈنمە كۈچلىرىگە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى،ئۇلارغا قارتا ھەربى باستۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن باشقا ،1982-يىلى ئاساسى قانۇندا ئېنىق قىلىپ كورد تىلىنى ئىشلىتىشنى  چەكلەپ،كوردلارنىڭ سىياسى مەدىنيەت ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باستى .تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارتا ، كورد ئىشچىلار پارتىيىسى .1983-يىلدىن 1999-يىلغىچە 15يىل تۈركىيە ھۆكىمىتى بىلەن ھەربى كۈرەشنى قانات يايدۇردى. پارىس قولتىغى ئۇرىشى مەزگىلىدە كورد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆتۈرۈلگەن مىللەتچىلىك دۇلقىنى كوردلارغا  رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى،بىر ۋاقىتتا پارىس قولتۇغى ئۇرىشىنىڭ پارتىلىشىمۇ كورد پارتىزان ئەتىرەتلىرىگە  تېخمۇ چوڭ ئىمكانى بوشلۇق بىلەن تەمىن ئەتتى .ئۇلار ئىراقنىڭ شىمالىنى بازا قىلىپ ،ئىراقلىق مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىپ كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق ،تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا كونتۇرول قىلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتى.

كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان كوردلار مەسىلىسىگە قارتا ،تۈركىيە ھۆكۈمىتى يۇمشاق-قاتتىق ۋاستىلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ ،ئىچكى –تاشقى جەھەتتىن بىرىككەن ھەرتەرەپلىمە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. بىر تەرەپتىن ئارمىيە چىقىرىپ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بەردى،ھەتتا ئىراق بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ  يەريۈزى  ۋە ھاۋا قىسىملىرىنى  چىقىرىپ ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىغا كىرىپ، كورد ئىشچىلار پارتىيسى پارتىزان ئەتىرەتلىرنىڭ گازارمىسى ۋە مەشىق بازىلىرىغا بىۋاستە زەربە بەردى. تۈركىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىدا بولسا  كەنىت ئاھاللىرىگە قورال تاقىتىپ خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىللەپ ،ھۆكۈمەت ئارمىيسىنىڭ پارتىزانلارنى قورشاپ يوقىتىشىغا ھامى قىلدى،ھەمدە پارتىزانلارنى قوللىغان پۇقرالارنى جازالاپ ،كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ ئامىمىۋى ئاساسىغا زەربە بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن ،كوردلارنىڭ بۈلۈنۈش خائىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ،يومشاق تەدبىر لەرنى قوللاندى. 1991-يىلى زوڭتۇڭ ئۈزەل  ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىردۈرۈپ ،كورد تىلىدا رادىئۇ-تىلۋىزىيە تارقىتىش ،نەشىريات قىلىش توغرىسىدىكى چەكلەش بۇيرىغىنى  بىكار قىلدى.  شۇ يىلدىكى سايلامدا شەكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكىمەت  كوردلارنىڭ بىر سىياسى پارتىيسى ھەمدە خەلق ئەمگەكچىلار پارتىيسىنى ئۆزئىچىگە ئالدى.1992-يىلى تۈركىيە زوڭتۇڭى  سۇلايمان دېملىر  ھۆكىمەتنىڭ كوردلارنىڭ ئازسانلىق مىللەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدىغانلىغىنى جاكارلىدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى،تۈركىيەنىڭ كورد بۆلگۈنچىلىرىگە زەربە بېرىشتىكى  ئەڭ روشەن نەتىجە دېپلۇماتىيە ساھەسىدە كۈرىلدى. كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ ئاساسلىق قوللاش كۈچى سىرتتىن كىلەتتى ،بۇلۇپمۇ  زور مىقداردىكى كوردلارغا ئىگە ئىراق ،ئېران ،سۈرىيەدىن. تۈركىيە ھۆكىمىتى ئاۋال كورد بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە ئوخشاش مەنپەتكە ئىگە ئىراقنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،چىگرا ئاتلاپ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ گازارمىسى ۋە مەشىق بازىلىرىغا زەربە بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېفرات دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىنى كونتۇرول قىلىش ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىنىپ  سۈرىيەنى كورد ئىشچىلار پارتىيسى ۋە ئابدۇللا ئوغلاننى قوللاشتىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر قىلدى. ھەربى جەھەتتىن بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش داۋامىدا، ياۋرۇپا ئىتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئەيىبلەشلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىپ ،ئۇلارغا كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ تىرورلۇق خاراكتىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك ماھىيىتىنى تەشۋىق قىلدى،ھەمدە كۆپ قېتىم  ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئابدۇللا ئوغلان غا سىياسى پاناھلىق بەرگىنىگە ئېتىراز بىلدۈردى. كۆپ قېتىملىق ئالاقە ئارقىلىق ،ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كورد ئىشچىلار پارتىيسگە بولغان پوزىتسىيسىنى تەدىرجى ئۆزگەرتتى.1993-يىلى ،فىرانسىيە،گىرمانىيە  ئىلگىرى –كىيىن بۇلۇپ  كورد ئىشچىلار پارتىيسىنى قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلاپ ،دۆلىتى ئىچىدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە ئوتتۇرا شەرىق رايۇن بىخەتەرلىگى جەھەتتە مۇھىم ئۇرنغا ئىگە بولغاچقا ، كورد بۈلۈنمە كۈچلىرىگە زەربە بېرىشتە دەسلىۋىدىلا ئامىركىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.  

دەل يۇقارقى تىرشچانلىق ئاستىدا، ناھايىتى تىزلا يىتىم ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 1993-يىلى،ئوغلان مۇستەققلىق نىشانىدىن ۋاز كەچكەنلىگىنى جاكارلاپ،بىر ۋاقىتتا تۈركىيە ھۆكىمىتىگە ئۇرۇش توختۇتۇش ئىلتىماسى سۇندى. غەلبىسىرى قوغلاپ زەربە بېرىشنى ئويلىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى،ئوغلاننىڭ ياخشىچاق بۇلىشىغا پىسەنت قىلمايلا قالماستىن ،ئەكسىچە ھەربى جەھەتتىن زەربە بېرىش سالمىغىنى زورايتتى. 1999-يىلى،يۇشۇرۇندىغان جاي تاپالمىغان ئوغلان كېنىيەدە تۇتۇلدى. بۇ ئىش  تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرشتە  زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بۇلۇپ قالدى، شۇنداقلا 15يىل داۋاملاشقان تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى « ئىچكى ئۇرۇش»  ىنىڭ  توختىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

كوردلار مەسىلسىنى ھەل قىلىشتىكى تاشقى پۇرسەت
 

2002   -يىلى،ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان  تۈركىيە ئادالەت –تەرەققىيات پارتىيسى كوردلار مەسىلىسىگە قارتا دوستانە قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىقىپ،ئەلمانىيە  كوردلار ۋە تۈركلەنىڭ بۈلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ،كوردلار مەسىلىسنى كامالىزىم يولغا قويغان ئەلمانىيە  ۋە تۈرك مىللەتچلىگى كەلتۈرۈپ چىقارغان  دەپ قارىدى. بۇئارقىلق ئىلگىركى تۈركىيە ھۆكىمىتى بىلەن چەك-چىگرا ئايرىدى. كورد ئىشچىلار پارتيىسى تۈركىيە يىڭى ھۆكىمىتىنىڭ دوستانە ئىپادىسىگە قارتا  تەدرىجى مەيدانى ئۆزگەتتى،مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇشتىن تۈرك ،كورد تىن ئىبارەت  قوش مىللى سالاھىيەتكە ئىگە دولەت قۇرۇشقا ئۆزگەردى. ئەمما بۇ ياخشلىنىش ئالامەتلىرى ئېراق ئۇرىشىنىڭ پارتىلىشىغا ئەگىشپ ناھايىتى تىزلا ئاخىرلاشتى.

بىر تەرەپتىن ،ئېراق ئۇرۇشىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ ، تۈركىيەدىكى قاتتىق قوللار ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدا مۇستەققىل كورد دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھتىد سىېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى،  بۇ قاتتىق قوللارنىڭ قايتىدىن  تۈركىيە سىياسى سەھنىسىگە باشلامچىلىق قىلىشىغا  سەۋەب بولدى،يەنەبىر جەھەتتىن ،ئېراق ئۇرىشىدىن كىيىن ئېراقنىڭ شىمالىدىكى كوردلار بىرقەدەر ھوقۇققا ئېرىشتى ،كوردلاردىن تالىبانى ئېراق زوڭتۇڭى بولغاندىن باشقا ،ئۇلار ئېراقنىڭ شىمالىدىكى توپلۇشۇپ ئولتۇرقلاشقان رايۇندا  ئاپتۇنۇمىيە قوردى. بۇ تۈركىيەدىكى كوردلانىڭ ئاپتۇنۇمۇىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنى قايتا يىلىنجاتتى.  2004-يىلى ،كورد ئىشچىلار پارتيىسى بىتەرەپ ھالدا  ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمىنىڭ كۈچتىن قالغانلىغىنى جاكارلاپ ،ئۇرۇش قايتا باشلاندى.

 بۇقېتىمىلىق ۋەزىيەتنىڭ قايتا جىددىلىشىپ كىتىشىنى ئالدىنقى قېتىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا  ئېنىقسىز تەركىبلەر كۆپەيگەن ئىدى ، يەنى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش بېسىمى . بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوردلار مەسىلىسىنى تېنىچ ھەل قىلىشنىڭ تاشقى پۇرسىتى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .1999-يىلى،ياۋرۇپا ئىتىپاقى  تۈركىيەگە  نامزات دۆلەتلىك سالاھىتى بەردى،ئىمكان قەدەر تىز ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش شۇنىڭدىن كىيىن تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلۇماتىيە ۋەزىپىسى بۇلۇپ قالدى. ياۋرۇپا ئىتىپاقى كۇپىنخاگىن باشلىقلار يىغىنى ئوتتۇرغا قويغان ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيە سىياسى،ئىقتىسادى،ئىجتىمائى ساھەدە  كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ئېىلىپ بېرىشى،بۇلۇپمۇ ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئىزچىل كۆڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتقانكىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ياۋرۇپا ئىتىپاقى نامزات دۆلىتى ھىساپلىنىدىغان تۈركىيە كوردلارمەسىلىسىدە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ بىرقىسىم «قاتتىق كۆرسەتكۈچ»  لىرىنى قانائەتلەندۈرمىسە  بولمايدۇ:  بىرىنجىدىن ، ئازسانلىق مىللەت ئورنىنى ئىتىراپ قىلىشى ئىككىنجىدىن، كوردلارنىڭ مەدەنيەت ،مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچىنجىدىن، كوردلار ئولتۇراقلاشقان رايۇننىڭ ئىقتىساد ئىجتىمائى ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك.

1999-يىلىدىن بېرى ، تۈركىيەنىڭ كوردلار مەسىلىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك ئىسلىھاتى ئىسپاتلىدىكى،ياۋرۇپا ئىتىپاقى كوردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا  تۈرتكە بولغان ئاساسى كۈچكە ئايلاندى. كورد يازغۇچىسى ئەدىپ پۇئاۋلا  مۇنداق دەپ قارايدۇ: « بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرىش تۈرتكىسىدە بولغان. مۇبادا ياۋرۇپالىقلار بىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمىزغا قىزقمىغان بولسا ئىدى،بۇ ئىلگىرلەشنىڭ باشلىنىشى بولمايتى.» 

تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا كىرشنىڭ قىزقتۇرىشى، كوردلار مەسىلىسىدە  تېخىمۇ چوڭراق يول قۇيۇشقا مەجبۇر قىلدى، كورد ئىشچىلار پارتىىيسى بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە  بەرگەن تەغدىردىمۇ    ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىن كىلىدىن زور بېسىمىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ، ئەمدى بۇرۇنقىدەك ھىچنىمىدىن ئەنسىرمەي قورال كۈچى ئىشلىىش  مۇمكىن بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كوردلارنىڭ مىللى خاسلىغىنى ئىتىراپ قىلىش،كوردلارنىڭ ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقىنى  ھۆرمەت قىلىش ،يەنى كۆپ ھەزارەتلىك بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى  تۈركىيەنىڭ كوردلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاخىرقى تاللىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 

 

http://www.21ccom.net/articles/qqsw/qyyj/article_2010081315580.html مەنبەسى:

0

تېما

2

دوست

1402

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13169
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 252
تۆھپە : 281
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 14:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustam205 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-22 15:07  

كۇردلار ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

1022

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9610
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 151
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 14:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار ئۈز ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلۋاتقىلى 100يىلدىن ئىشىپتۇ دە ،ئۇلار نىمدىگەن باتۇر خەلىق ھە ،تىما ئىگسىگە كۆپ رەخمەت ،

0

تېما

1

دوست

2445

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9837
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 396
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 15:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ خەۋەرلىرىدە كۇرۇد قۇراللىق ئىشچىلار پارتىيسى دەپ ئاتىلىدغان مىللەت شۇغۇ دەيمەن. ھەرقانداق دۆلەتتكى ئىسيانچى ،قوزغىلاڭچىلارنى ئۇنسۇر، توپلاڭچى ،باندىت دەپ ئاتايدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىز ئۇلارنى قۇراللىق ئىشچىلار پارتىيسى دەپ ئاتىغىنغا قىزىقىپ قالغاندىم .
مصللةت ئۇرۇشتا ئةمةس سۈكۈتتة ئۈلصدۇ-ئادولوف گصتلصر

3

تېما

2

دوست

2133

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10335
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 511
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 16:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ark-zat618دە2013-01-22 15:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
دۆلىتىمىزنىڭ خەۋەرلىرىدە كۇرۇد قۇراللىق ئىشچىلار پارتىيسى دەپ ئاتىلىدغان مىللەت شۇغۇ دەيمەن. ھەرقانداق دۆلەتتكى ئىسيانچى ،قوزغىلاڭچىلارنى ئۇنسۇر، توپلاڭچى ،باندىت دەپ ئاتايدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىز ئۇلارنى قۇراللىق ئىشچىلار پارتىيسى دەپ ئاتىغىنغا قىزىقىپ قالغاندىم .  

توغرا گەپ قىپسىز .
دۆلىتمىزنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ دەل تۈركىيە ئەمەسمۇ . دۈشمنىمىنڭ دۈشمىنى مىنىڭ دوستۇم .

2

تېما

0

دوست

2255

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 16:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ مەسلىىگە قانداق قارشىمىز بەك مۇھىم ئەمەس، لىكىن قانداق قارشىمىز سەل تەس شۇ
ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7715

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 16:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ مەسلىس خارەكتىر جەھەتتىن بىزنڭ مەسلىمزگە ئوخشاپ قالدىكەن ئەمما ھەر ئىككلسى مۇسۇلمان بولغاندىكن  ھەر ھالدا كىڭشپ يول قويدىغان جايدا يول قويغىنى ئوبدان بۇلاتتى

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7715

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 16:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما تۈركىيە بىز بىلەن ئوخشاش تۈركى مىللەت بولغاشقا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قارغاندا  بىزنى بەكرەك قوللىغان ئەمما دۆلتىمز  مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزگە تەشۋىقاتنى خاتا قىلغان  بۇ بىزگە مەلۇملۇق  تۈركيەدە ئۇيغۇرلار بەك كۆپ

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7715

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 16:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسڭلار بىلسلەر ۋىسال تور بكتى نىمە ئۈچۈن يوق قلىنىدى ئونىڭدا نۇرغۇن نادىر تىملار بار ئىكەندۇق ئەمما بىراۋلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدىمۇ قانداق ئىتلىپ قاپتۇ   مومكىن بولسا قايتا ئىچىلش ئىمكانيىتى بولسا ئوبدان بۇلاتتى تۈركيەدىكى ئۇيغۇرلانىڭ ۋە تۈرۈكلەرنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپاتتۇق

2

تېما

0

دوست

627

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12830
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 103
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 17:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:مېنىڭ دەردىم

بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى lawa0998دە2013-01-22 16:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل مېنىڭ دەردىم :

<<دەنشى>>دىن ئاڭلىغانما؟؟  


جۇڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ  بېسىمى بىلەن    ئاشۇنداق ئىش   دەرۋقە بولغان،شۇڭا ئۇلار بازىسىنى  جۇڭگۇنىڭ تەسىر ئاجىز ياكى تەسىرى يوق دىيەرلىك   ياۋرۇپاغا  يۆتكىگەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )