- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3874
- نادىر
- 0
- يازما
- 237
ئۆسۈش
62.47%
|
داۋامى
غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ شىڭشىسەي بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىپ جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپكە ماڭغانلىقىنى ئاڭلىغان ماجۇڭيىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن خاپا بولوپ . داۋانچىڭدا تۇرۇشلۇق خەن ۋە ما فامىلىلىك ئىككى پولۇكقا پىچاندىن توۋەندىكى بۇيرۇقنى ئەۋەتىدۇ.
36 - دىۋىزىيە مەكىمىسىدىن. 071 - نونۇرلۇق بۇيرۇق. داۋانچىڭ خەن پوقۇك ۋە ما پولۇكلارغا:
تىلگىرام ئورنىدا بۇيرۇق شۇكى ، غۇجىنىياز.باشلىق چەنتۇلار ئالتە شەھەر تەرەپكە بارماقچىدۇر، بۇ ھوكوم خەت تەكگەن ھامان تاغ ئارقىلىق كىچىك يول بىلەن كىچە-كۇندۇزلەپ يۇرۇپ قارا شەھەردىكى ما پولۇك بىلەن بىرلىشىپ، غۇجىنىياز باشلىق چەنتۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ قۇراللىرىنى ئىلىپ دەرھال ئۇچۇر بىرىڭلار . ئەگەر سوسلۇق قىلىپ غۇجىنىياز باشلىق بىرەر چەنتۇ ئەسكىرى ئالتە شەھەر تەرەپكە ئوتكۇزىۋەتسەڭلار ئىغىر جازا بىرىمەن دەپ چۇشۇرۇلگەن ھوكۇم.
دىۋىزىيە كوماندىرى ماجۇڭيىڭ. مىڭگونىڭ 22 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۇنى. (بۇ خەت چوققا سوقۇشىدا ئوق تىگىپ ئولگەن
خەن پولۇكنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن تىپىلىپ غۇجانىتاز.ھاجىمنىڭ قولىغا چۇشكەن).
غۇجىنىياز.ھاجى فۇكاڭ تاغلىرىدىن مىڭىپ توقسون ئىلاللىقتا تۇرىۋاتقان كۇنلەردە ،مەزكۇر بۇيرۇقنى داۋانچىڭدىكى ئەسكەرلىرىگە ئەۋەتىپ ،غۇجىنىياز.ھاجىلارنى توقسوندا قۇرالسىزلاندۇرۇشقا قەست قىلغان ماجۇڭيىڭ،يەنە بىر تەرەپتىن تۇرپاندىن ئايلىنىپ قازى.ئابدىراقمان مەخسوملارنى ۋەكىل قىلىپ توقسونغا ئەۋەتىپ غۇجىنىياز.ھاجى بىلەن سوكپەت ئوتكۇزۇشتەك ھىلىگەرلىكنىمۇ قىلغان ئىدى ،بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان غۇجىنىياز.ھاجى ئابلىتىپ قازىلار بىلەن قىلىۋاتقان سوكپىتىنى بۇزۇپلا قارا شەھەر تەرەپكە ماڭىدۇ. خەن پولۇك ئولارنى قوغلاپ تاغ ئىچى بىلەن كىچە-كۇندۇزلەپ مىڭىپ قارا شەھەرگە ئالدىن يىتىپ،ئۇ يەردىكى يەنە بىر پولۇك ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇششاقتال،چوققۇلاردا غۇجىنىياز.ھاقى قىسىملىرىنى تۇسۇپ ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئىككى قىتىملىق ئۇرۇشمۇ قاتتىق بۇلۇپ،نەتىجە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى مەغلۇپ بولۇپ چىكىنىدۇ. خەن پولۇك كاماندىرى ئەنە شۇ چوققىدىكى سوقۇشتا ئوق تىگىپ ئولىدۇ.
غۇجىنىياز.ھاجى قارا شەھەرگە كىلىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ماجۇڭيىڭ تۇرپاندىن ئابدۇراخمان مەخسوم، ئىمىن بايلارنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ماجۇڭيىڭ ئەۋەتكەن خەتنى ئىلىپ كەلگەنىدى ،خەتنىڭ ئەينەن كۇچۇرمىشى توۋەندىكىچە:
36 - دىۋىزىيە مەكىمىسىدىن . 119 - نومۇر.
غۇجىنىياز.ھاجى مەخمۇت بايلارغا مەلوم بولسونكى توقسونغا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرىمىز ئابلىتىپ قازى سىزلەر بىلەن ئوبدان سوزلەشمەي قايتىپ كىلىپتۇ، شونىڭ ئۇچۇن ئابدىراخمان ۋە ئىمىنلەرنى تەكرار ئەۋەتتىم. بۇلار سىزلەر بىلەن قانداق توختام قىلسا
قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ھالبۇكى بىرلىشىپ دوشمەننى يوق قىلىش لازىم. ھىچ بىر گەپنىڭ تايىنى يوقلا ئوتتۇرىمىزدا كوڭۇلسىزلىك ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولىشى ئىتىبارى يوقتۇر، بىزلەرنى پارچىلىماق ئۇچۇن دوشمەننىڭ سوزلىرىگە قۇلاق سىلىش ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىقتۇر. قۇرال تۇغۇرلۇق بىر ئاز كوڭلىڭىزلارغا كەلدى، شۇڭا چەنتۇ ئەسكەرلەر ئۇچۇن 3000 تال مىلتىق ، 300 ساندوق ئوق تەيىن قىلىپ قويدوم، مەزكۇرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئوزرە.ھەممىمىز بىرلىشىپ ئىش قىلايلى.
دىۋىزىيە كاماندىرى ماجۇڭيىڭ.مىڭگونىڭ 22 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۇنى.
بۇخەتكە بىنائەن غۇجانىياز.ھاجى بىر پارچە خەت يىزىپ ۋەكىللەردىن تۇرپانغا ئەۋەتتى. خەتنىڭ ئەسلى نۇسقىسى توۋەندىكىچە:
جەبوبى شىنجاڭ ھوكۇمەت مەكىمىسىدىن. 116 - نومۇر قارا شەھەردىن.
ماجۇڭيىڭغا مەلۇم بولسىۇنكى،ۋەكىللەر ئارقىلىق ئەۋەتكەن خىتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ پۇتۇن مەزمۇنىدىن ۋاقىت بولدۇم،ۋەكىلىڭىز ئابلىتىپ قازى ئاخۇنوم سىزلەر بىلەن ئوبدان سوزلەزمەي توقسوندىن قايتىپ كەلدى، شۇنىڭ ئۇچۇن تەكرار ۋەكىل ئەۋەتتىم دەپسىز. سىز ماجۇڭيىڭ بىلەن ئىتىپاقلاشماق ئۇچۇن كەلگەن ۋەكىلىڭىز ئابلىمىت قازى ئاخۇن بىلەن سوزلىشىۋاتقان مەزگىلدە بىزلەرنى تۇتۇش ئۇچۇن ئەۋەتكەم 3 پولۇك ئەسكەرلىرىڭىز ئەتىراپىمىزنى قورشاپ تۇتماقچى بولغاندا، قىلىشىۋاتقان سوزلىرىمىزنى تاشلاپ يولىمىزغا مىڭىشقا مەزبۇر بولدۇق. شۇنى ھەم ئىزھار قىلماقچىمىزكى،بىزلەر ئوز يولىمىزغا ماڭغان ئىكەنمىز سىزنىڭ ئەسكەرلىرىڭىز قوغلۇشۇپ كىلىپ ئاتقان پىلىمۇت ۋە مىلتىق ئوقلىرىغا قارشى بىر تال ئوق ئاتماي يولىمىزغا داۋام قىلدۇق ،دىمەك سىز سوكپەتنى قۇرال قىلىپ بىزنى تۇتۇش مەخسىتىڭىزنى ھاسىل قىلماقچى بولدىڭىز،بۇ توغرىدا ئاۋارە بولماڭ ،چۇنكى ۋەتەن، مىللەت ئىگىسى بولغان ئىنقىلاپچىلار بىلەن بىرلەشمەك ۋە ئىتىپاق بولماق خىيالىڭىز بولسا ئىدى توۋەندىكى ۋەكشىلىكلەرنى
ئەلۋەتتە قىلمىغان بولاتتىڭىز.؟دىمەك مورى شەھەرىدە كورۇشكەندە قىلغان زورلۇق - يوغانچىلىقىڭىز نىمىلەرنى ئىسپات ئىتىدۇ. يەنە بىزلەرنى كوزىڭىز كورمىدى ، ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلمىدىڭىزغۇ. سىزلەر بولسىڭىزلەر يۇرت ۋە مىللەت ئىگىسى ، ئىككى يىلدىن بىرى مۇستەبىت ھوكۇمەتكە قارشى قان كىچىپ جاپاچەكتىڭىزلەر، سىزلەرنىڭمۇ گەپ-سوزىڭىز،پىكىر-خىيالىڭىزلار بارمۇ؟ دەپ بىر كەلىمە سوز قىلىشقا پۇرسەت بەرمەي،توغرىدىن- توغرا ئۇرۇمچىنىڭ جاڭجۇنلىق مەنسىپىدە ئلتۇرماقچى بولدىڭىز . قولغا كەلمىگەن شىنجاڭنىڭ جاڭجۇنلىقىنى تالىشىپ ئولتۇرۇش،ھازىرچە ھاجەتسىزئىدى. چۇنكى مورى بىلەن گوچىڭنى ئىلىش بىلەن ھولۇقوپ تىنىڭىز تىرىڭىزغا پاتماي ئۇزىڭىزنى بىلمەي قالدىڭىز، شۇ چاغدىلا پۇتۇن مەخسەتلىرىڭىز تامامەن ئاشكارىلانغانتى. ئىككىنچى،جىمىساردا 3 كىچى- كۇندۇز سوقۇش قىلىش جەريانىدا 21 ئادەمنى قۇربان بىرىش بەدىلىگە قولغا كەلتۇرۇلگەن توپ.پىلىمۇت ،مىلتىق، ئوق ۋە ئاتلارنى زورلۇق بىلەن قۇۋۇتىڭىزگە ئىشىنىپ ئىلىپ كەتتىڭىز. بۇ بولسا ئوچۇق بۇلاڭچىلىق ئەمەسمو؟3 مۇمكىن قەدەر سىز ماجۇڭيىڭ بىلەن چىرايلىق تۇرماق ۋە ئوزئارا چىنىشمەك خىيالى بىلەن توقسوننىڭ سۇ بىشى دىگەن
يىرىدە ئىمىن ئەپەندى باشچىلىقدا 60 ئەسكەرنى سىز تەرەپتىن كەلگەن خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلمەك ئۇچۇن قالدۇرۇپ كەلگەنىدۇق. ئۇلارنى ھەممىمىز بىر مۇسولمان . پالان پۇشتان دىگەندەك ھىلىلار بىلەن تۇتۇپ 60 ئەسكىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مىلتىق بىلەن ئىتىپ،قىلىچ بىلەن چىپىپ ئولتۇردىڭلار ،4 - سىز پىچان ناھىسىدىن داۋانچىڭدىكى خەن پولۇك ۋە ما پولۇكقا ئەۋەتكەن 107 - نومۇرلۇق ھوكۇم خىتىڭىز ئەلۋەتتە ئىسىڭىزدە باردۇ. ئەگەر خاتىرىڭىزدىن چىقىپ قالغان بولسا ئۇ خەتنى ئوبدان ئويلاپ مۇلاھىزە قىلىپ كورىسىز،ئۇ ھوكۇم خىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىدىن ياخشىلىقنىڭ ئەسىرى يوق. بەلكى بىزلەرنى تۇتۇپ ئولتۇرۇشدىن باشقا مەخسەت كورۇنمەيدۇ.
داۋامى بار
|
|