- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6286
- نادىر
- 0
- يازما
- 251
ئۆسۈش
25.72%
|
ماجۇڭيىڭنى قوغلاش باناسى بىلەن شىڭ دۇبەن ھوكۇمىتى ئوزىنىڭ كۇچلىك 4 پولۇك ئەسكىرىنى جەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا ئوتكۇزۇپ،قەشقەر يىڭى شەھەردە سىلىڭبۇ تەسىس قىلىپ،سىلىڭلىققا لۇبىڭنى ،مۇئاۋان سىلىڭلىققا مەھمۇت، دىۋىزيە كوماندارىنى تەيىن قىلدى. شىڭ دۇبەننىڭ 4 پولۇك ئەسكىرىدىن بىر پولۇك ،يەكەندە،بىر پولۇك قەشقەر يىڭى شەھەردە، بىر پولۇك پەيزىۋاتتا، يەنە بىر پولۇك (ئاق ئورۇسلاردىن تەشكىللەنگەن) مارال بىشىدا تۇرىدۇ. غۇجىنىياز.ھاجى قوشۇنلىرىنى توپلاپ 6 - دىۋىزىيە نامىدا 4 پولۇك قىلىپ تەشكىللەپ مەھمۇت مۇھىدى قوشۇمچە دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ، 6 - دىۋىزىيە تارمىقىدىكى 4 پولۇك ئەسكەرنىڭ بىر پولكى ،يەكەندە ، بىر پولكى يىڭىساردا، قالغان ئىككى پولكى قەشقەر شەھەرىدە تۇرىدۇ. مۇشۇ قىتىمقى رەتكە سىلىشتائوسمان دىۋىزىيە باشچىلىقىدىكى قىرغىز قىسىملىرى بىلەن سىتىۋالدىجان باشچىلىقىدىكى ئوزبەك پولكىنى قۇرالسىزلاندۇرۇپ ئوسمان ئىلىنى قولغا ئىلىپ تۇگەتتى.تۇمۇر دىۋىزىيەدىن قىپقالغان ھەمدەم بەك ھاجى ،ئەمەتجان بىركادا، ماپىز بىركادا، توختى بىركادا، قاتارلىق كىشىلەرنىمۇ بىكارچە قىلىۋەتتى . مۇنداق رەتكە سىلىش ئاساسىدا شىڭ دۇبەننىڭ جەنۇپتىكى ئاساسى كۇچى بىلەن غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئەمىلى كۇچى تەڭپۇڭلىشىپ قالدى . بۇنىڭدىن تاشقىرى سىۋىت ئىتىپاقىدىن ياردەمگە كەلگەن "ئالتايىسكا" لارمۇ كۇچا، ئاقسۇ،ئۇچتۇرپان،مارالبىشى قاتارلىق جايلاردا بار ئىدى . ئەگەر شىڭ دۇبەننىڭ ئەسكىرى كۇچى بىلەن ياردەمگە كەلگەن سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ قۇشۇنلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ بىر كۇچ قىلىپ ھىساپلىغاندا ، غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئەمىلى كۇچى كىچىككىنە بىر گۇرۇھ بولۇپ كۇرۇنەتتى . ھەربى جەھەتتە مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، شىڭشىسەي ھوكۇمىتى غۇجىنىياز.ھاجىنى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىگە مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەكلىپ قىلىپ،جەنۇپتىكى قوزغۇلاڭچى كۇشلەرنىڭ تىنىنى بىشىدىن ئاجىرتىۋەتمەكچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غۇجىنىياز.ھاجىنىڭ ئىلگىركى " باش قۇماندان" دىگەن نامى ۋە ھوقۇقلىرى ئۇزىچە ئەمەلدىن قالغاندەك بولدى.
فۇكاڭ مۇئادىسنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مەھموت موھىدى بىر قەدەر قاتتىق تۇرۇپ پىكىرلەشتى ، ئۇنىڭ ھەققانى پىكىرلىرىنى گەرچە شىڭ ھوكۇمىتى ئۇچۇق-ئاشكارە رەت قىلمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئىتىبارسىز قالدۇرۇپ ،ئىچكى جەھەتتە ئاستىرىتتىن قاتتىق قارشى تۇردى، سىلىق يۇمشاق پوزىتسىيە قوللىنىش ئارقىسىدا ھىلە- مىكىرلەر ئىشلىتىپ ماھمۇت دىۋىزىيە كۇچىنى ئاجىزلىتىش ، ئىمكان قەدەر ئۇنى يىتىم قالدۇرۇشقا كىرىشتى ، مەھموت دىۋىزىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئادەملىرىنى سىۋىت ئىتىپاقى غا قىسقا مۇددەتلەك ئوقۇشقا ئەۋەتىش ، ئۇرۇمچىدە ئىچىلغان ھەربى تەلىم-تەربىيە كورۇسلىرىغا تەكلىپ قىلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭدىن ئاجىرتىش، مەھمۇت دىۋىزىيەگە قارشى تۇرۇشقا كىرىشتى . يەنە بىرمۇنچە مۇھىن ئادەملەرنى ۋىلايەت، ناھىلەرگە خىزمەتلەرگە تەيىنلەش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئاجىراتتى ، يەنە بىرتەرەپتىن ئورنىدىن قوزغاپ قاپقانغا چۇشۇرۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالدى . مۇشۇنداق خەۋىپ ئاستىدا مەھمۇت دىۋىزىيە ئەڭ ئاخىرىدا دىۋىزىيە شىتاۋىنى مارالبىشىغا يوتكەپ شىڭشىسەي ھوكۇمىتى بىلەن فۇكاڭ مۇئادىس توغرىسىدا ئاخىرقى نوۋەتتە سوزلىشىپ كورمەكچى، ئەگەر ھەقىقى ئىجىرا قىلىنمىسا قۇراللىق قارشى چىقماقچى بولدى . ئەمما بۇ پىلانغا كوپلىگەن پولكونۇپلار، مەسلىھەتچى قۇربان شەئىدى قاتارلىق كىشىلەر ئاساسلىق قىلىپ قوشۇلماي قويدى ، شۇڭا مەھمۇت.موھىدى ئەڭ ئاخىرقى قاراردا ئوز پىلانىنى ئوزگەرتىپ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە مەزبۇر بولدى.
داۋامى بار. |
|