- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3881
- نادىر
- 0
- يازما
- 238
ئۆسۈش
62.7%
|
فۇكاڭ موئاھىدىسىنىڭ مەزمۇنى.
1 - ماددا: شىنجاڭ ئىككى قىسىمغا تەخسىم قىلىنىپ،ئىككى تەرەپ باراۋەر ئىدارا قىلىدۇ،يەنى قۇمول،پىچان،تۇرپان،توقسونلارجەنۇبى شىنجاڭ ھىساۋىدا بۇلۇپ،يەرلىك خەلىقلەر ئىدارا قىلىدۇ. بارىكول قوشۇلۇپ مورى ناھىسىدىن ئىبارات شىمالى شىنجاڭ بۇلۇپ شىڭ ھوكۇمىتى تەرەپ ئىدارە قىلىدۇ، ئەمما يەتتە قۇدۇقنى ئىككى تەرەپ مۇشتىرەك ئىدارە قىلىدۇ.ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پاسىلە ۋە ھودوتلىرى بولسا مىڭگونىڭ 12 - يىلى ھوكۇمەت تەرىپىدىن ناھىلەرگە تەيىن قىلىنغان پاسىللار ھودوت ھىساپلىنىدۇ.
2 - ماددا: جەنۇى شىنجاڭنىڭ ھەربى ۋە مۇلكىيە ئىشلىرى ئۇيغۇرلار ئوزلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. ئەمەلدارلارنى قويۇش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ. تەيىنلەنگەن ئورۇندىن قالدۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىرىنى ۋاقىتلىق ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىگە مەلۇم قىلىش.
3 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭنىڭ باج، كىرىملىرى مەركىزى ھوكۇمەتنىڭ قانۇنى بويىچە ئاۋالقى ئۇسۇلدا بولۇپ،ئۇيغۇرلار قولىدا بولىدۇ. ئەمما ھىسابىتى ئايمو-ئاي ئۇرۇمچىگە مەلۇم قىلىنىپ تۇرۇش شەرتتۇر. باج قەغەزلىرى پۇتۇن شىنجاڭ بويىچە ئوخشاش بولسۇن ئۇچۇن،ئۇرۇمچىدە بىسىپ بىرىلىدۇ. ئەسكىرىيە ۋە مۇلكىيە مەمۇرلارنىڭ مائاشى ۋە ھوكۇمەت چىقىملىرى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتىنىڭ تەستىقى بويىچە مەزكۇر كىرىملەردىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئىشىپ قالغان كىرىم ھوكۇمەت ھەساۋىدا تۇرىدۇ،ناۋادا كىرىملەر كۇپايە قىلىنمىسا ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى تەرىپىدىن تولۇقلاپ بىرىلىدۇ، ئىدارە خادىملىرى ئاۋالقىدىن كەم ياكى زىيادە بولماسلىقى شەرتتۇر ۋە لىكىن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەركىزى ھوكۇمەت ئىدارىسىدە 175 نەپەر مەمۇرلار بولۇپ،ئۇز مەرتىۋىسى بويىچە مائاش بىرىلىدۇ.
4 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ساقلىمايدۇ. مەزكۇردىن زىيادە بولسا ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى
مەسئول بولمايدۇ. دىمەك زىيادىسىگە مائاش بەرمەيدۇ. مەزكور 5 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشىنى بۇگۇندىن ئىتىبارەن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى بىرىدۇ.
5 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭدىكى تىلىگىراپ ،پوشتىخانا،باجخانىلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۇرۇمچىدىكى خارجى نازىر قولىدا بولۇپ.جەنۇبى شىنجاڭدا شوبە ئىدارىلىرى بولىدۇ.
6 - ماددا: جەنۇبى شىنجاڭ ھەمدە شىمالى شىنجاڭدا پوللار بىر خىل بولۇپ،بۇ پوللار مەركىزى ھوكۇمەتنىڭ تەستىقى بويىچە ئۇرۇمچىدە ياكى مەرگەزدە بىسىلىدۇ.
7 - ماددا: زورور لازىم تاپقان تەرەپنىڭ تەلەپ ۋە ئىلتىماسىغا بىنائەن ئىككىچى تەرەپ شەتسىز ئەسكىرىيە ياردەم قىلىدۇ،ئەمما قىلىشقا تىگىشلىك ئەسكىرىيە ياردەم تامام بولغان ھامان ياكى ئىككىچى تەرەپنىڭ روخسىتىگە بىنائەن ،ياردەم ئەسكەرلىرى ئوز تەۋەسىگە چىقىپ كەتمىگى شەرتتۇر.
8 - ماددا : شىنجاڭدىن، ماجۇڭيىڭنى ئارغىبۇلاققا قەدەر ھايداپ چىقىرىش ئۇچۇن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى مەسولدۇر. دىمەك ، جەنۇبى شىنجاڭ ئەسكەرلىرى ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن سوقۇشمايدۇ ۋە لىكىن جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى مۇداپىيە ئۇچۇن ئارغىبۇلاققا ئەسكەر قويىدۇ. ئەگەر ماجۇڭيىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلسا جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمىتى ئوزى چارە كورىدۇ.مۇبادا بۇ توغرىدا ئەسكىرى ياردەملەر زورور لازىم بولغان تەغدىردە 7 - ماددا بويىچە بولىدۇ.
9 - ماددا: شىنجاڭدا سوقۇش تامام بولغان قەدەر جەنۇبى شىنجاڭ ئەسكەرلىرىگە يىتەرلىك ئوق-دورىلارنى ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى يەتكۇزۇپ بىرىدۇ. دەرھال 50 ساندۇق ئوق ھەمدە ئەسكەرلەرنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشى ئۇچۇن 100 مىڭ سەر پول بىرىلىدۇ . ياكى ئوق ۋە ئايلىقلارنى ۋاقتى بىلەن يەتكۇزۇپ تۇرۇش ئۇچۇن ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى مەسئول بولىدۇ. ئەمما مۇلكى ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كىرىملىرىدىن تەمىللىنىپ تۇرىدۇ.
10 - ماددا: بۇ توختام خەت ئۇيغۇر ،خەنزۇ ئىككى تىلدا يىزىلىدۇ،ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلىرىدىن غۇجىنىياز.ھاجى بىلەن شىڭشىسەي ئىمزا قىلماق بارابىرىدە ھوكۇمەتنىڭ تامغىلىرى بىسىلىدۇ ۋە ھەمدە شايىت بولسون ئۇچۇن ئۇرۇمچىدىكى سىۋىتلەر
كونسۇلىغا قول قويدۇرۇش شەرتتۇر. مەزكۇر توختام خەت ئۇچ نوسقا بۇلۇپ، مەركىزى ھوكۇمەت، ئۇرۇمچى ھوكۇمىتى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمەتلىرىنىڭ ھەر بىرىدە بىر پارچىدىن ساقلىنىدۇ. بۇ بىتىم قەغەزلىرى بولسا بۇگۇندىن باشلاپ ئەمەلگە ئىگە . ئەگەر زورور لازىم كەلگەن كەمچىلىكلىرى بولۇپ قالسا ،ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن تۇزۇتۇش زۇروريىتى بولىدۇ.
مەزگۇرگە رازى بولۇپ قول قويغۇچى:شىڭ دۇبەن
جەنۇبى شىنجاڭ ھوكۇمەت باشلىقى غۇجىنىياز.ھاجى.
جۇڭخۇئا مىنگونىڭ 22 - يىلى 6- ئاينىڭ 4 - كۇنىدە فوكاڭ موئاھىدىسى شۇ تەخلىتتە تۇزۇلگەندىن كىيىن، يىڭىلا ئىش بىشىغا چىقىپ ماجۇڭيىڭ ۋە غۇجىنىياز.ھاجىدىن ئىبارەت ئىككى زور كۇچكە دۇچ كىلىۋاتقان ، شۇنداقلا يىڭى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قىلىشقا كوزى يەتمەي ئۇمۇتسىز تۇرىۋاتقان ،شىڭشىسەي ئۇچۇن غايەت زور مۇۋاپىقىيەت بولدى، بۇلۇپمۇ يەرلىك قوزغۇلاڭچىلارنى ماجۇڭيىڭدىن ئاجىرتىپ ئۇزىگە ئىتىپاقداش قىلىۋالغانلىقى ئۇنىڭغا نىسپەتەن زور خوشاللىق ئىدى، شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ توختامدا ئىيتىلغان 50 ساندۇق ئوق بىلەن 100 مىڭ سەر پولنى 4 كۇندىن كىيىن قىزىل خورچا دىگەن يەرگە غۇجىنىياز.ھاجىملارغا تاپشۇرىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن غۇجىنىياز.ھاجى جەنۇبى شىنجاڭ مۇداپىيە باش قۇماندانى نامى بىلەن يوغان تىرەك ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭغا يۇرۇپ كەتتى.
غۇجىنىياز.ھاجى تاغ يولى بىلەن توقسۇنغا كىلىپ توقسوننىڭ ئىلاللىق يىزىسىدا بىر قانچە كۇن تۇردى. شۇ كۇنلەردە زىنىچۇئەنزىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ماجۇڭيىڭ تۇرپانغا كەلگەن ئىدى.
داۋامى بار |
|