- تىزىملاتقان
- 2012-5-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1668
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
66.8%
|
قېرىندىشىم مۇشۇ تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن كاللىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئىشلىتىپ ئويلاپ باقمىغان ئوخشايسىز ، دىيارىمىزدا قايسى جايدا ، قايسى ئورگاندا مۇسۇلمان ئايال خىزمەت قىلىپ مۇئاش ئالغۇدەك ئىش ئورنى تەسىس قىلىنغان ؟ ئاۋال سىز دەپ ئۆتكەن «مۇسۇلمان ئايال»نىڭ ئۆلچىمىنى بىلىپ بېقىش كېرەك ئىدى ، مۇشۇ تېمىڭىزنى كۆرىۋاتقانلاردىن قانچىلىك ئادەم بۇ ئۆلچەمنى چۈشىنەر ؟
بار ھەمدە چۈشىنىدۇ دەپمۇ تۇرايلى ، لېكىن ئەر بولغۇچى مۇئاش سېنىڭ دەپ كارى بولمىسا ، سىزنىڭچە مۇئاشلىق ئاياللار ئىچىدىن قانچىلىك ئايال شۇ پۇلىغا «قىسقا» ھەم «مودا» كۆينەك سېتىۋالمايدۇ ؟رېستۇرانلاردا قاتار چايلارنى ئوينىمايدۇ ؟ تۈرلۈك رەڭلىك «سۇۋالغۇلارنى»ئېلىپ سۈرىۋالمايدۇ دېيەلەيسىز ؟ ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالسا ئۇنىڭ جاۋاپكارلىقى شۇ ئىقتىسادتا ھەققى بولمىغان ئېرىگە بولامدۇ ياكى قانداق ؟ دۇنياد ھوقۇقسىز مەجبۇرىيەت مەۋجۇت ئەمەس ، دىنىمىزدىمۇ ھەم شۇنداق . مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ تېمىڭىز ھېچكىمگە قىلچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ ، ئەكسىچە بىر تۈركۈم «نادان» ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن يوق جېدەلنى چىقىرىپ تۇرمۇشىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىشىغا ئوت پىلتىسى بولىشى مۇمكىن خالاس .
تېخى ئاخىرىدا ھەممەيلەنگە بەخىت تىلەپسىز ، لېكىن يازغىنىڭىزدىنلا ھەممەيلەنگە ئىناقسىزلىق ئۇرۇقى چاچقىنىڭىز ئېنىق .
بۇ تېمىڭىزنى بەلكىم ئىسلام مەملىكەتلىرىدە مۇنبەرگە يوللىسىڭىز قوللاشقا ئېرىشىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار بۇنداق ئاددىيلا ھالدا شەخىسنىڭ ئارزۇسى بويىچىلا يېزىلغان ئەسەرلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
شۇڭا تېما تەستىقلىغۇچىلارنىڭ بۇنداق پىتنە پەيدا قىلىدىغان تېمىلارنى تەستىقلىماسلىقىنى ، ئەسلىدىلا ئۇيۇشۇپ بولالماي ئاران قالغان بىزلەرنى تېخىمۇ چېچىلاڭغۇ قىلىشقا ئۇل سېلىپ بەرمەسلىكىنى ئىستەيمەن .
مۇنبەر ئەھلىنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ ، خاتا بولسا تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن
|
|