قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1791|ئىنكاس: 31

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئانا بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

1214

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئانا بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز!
جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
يېقىندا دوستلۇرۇم پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى تەبرىكلەپ ماڭا تېلفۇن ئۇرغاندا "ئوغۇللۇق بولدۇڭمۇ؟ مۇبارەك بولسۇن" دىيىشتى. ھەتتا بەزىلىرى ئايالىمنىڭ  "ئوغۇل تۇغالمىغانلىقىنى" چاقچاق ھېسابىدا مەسخىرە قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. دوستلۇرۇمنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەن  بۇنىڭدىن ئككى مەسىلىنى كۆرىۋالدىم. بۇنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى قىز پەرزەنتلىك بولۇشتىنمۇ بەكرەك شەرەپ دەپ بىلگەنلىكى، يەنە بىرى بولسا، ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، ھەم بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيتىمىزدە خېلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بىزنىڭ تارىختىن بۇيان مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مىللىي ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بولسۇن ئوغۇل پەرزەنتنى چوڭ كۆرۈپ قىز پەرزەنتنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىمىز يوق ئىدى. بەلكىم بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققان بىر يېڭى كىسەل بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تېما يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن كۆپىيىش بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرى ياكى سۇئاللىرى بولسا ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن. تۆۋەندە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:

ئاۋۋال ئىككى كەلىمە ھېكايە ئاڭلايسىلەر. غەرب دۇنياسىدا چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىق ھەممەيلەن دىگۈدەك بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ ئاتا تەرەپتىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇشىدىن كۆرە بىر تارىخى شەخىس ۋە ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى (1547-VIII (1491 تارىختىكى داڭلىق پادىشاھلارنىڭ بىرى، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئەنگىليە باش چېركاۋىنىڭ رېم كاتولىگ چىركاۋىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىكى رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ 6 قېتىم ئۆيلەنگەنلىكى ۋە بۇ تويلارنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتتە ئاياغلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ توغرىدا تۆۋەندىكى قوشاق تارقالغان:
King Henry the Eighth,to six wives he was wedded.One died, one survived,two divorced, two beheaded.
بۇ قوشاقنىڭ مەزمۇنى پادىشاھ ھېنرى سەككىزنىڭ 6 قېتىم توي قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى بىلەن ئاجراشقانلىقى، يەنە ئىككىسىنى قەتلى قىلغانلىقى، بىرىنىڭ تۇغۇتتا ئۆزى ئۆلۈپ،ئالتىنچىسىنىڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كىيىن ھايات قالغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەمەلىي ۋەقە بولۇپ، پادىشاھ ھېنرى 8 بۇ ئاياللاردىن ئاجرىشىش ياكى ئۆلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئوغۇل تۇغمىغانلىقى، بۇزۇقچىلىق قىلغانلىغى ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسىدە بولمىغانلىغى ئىدى. دەل قىز تۇغدى دەپ ئاجراشقاندىن كىيىن ئالغان ئاياللىرىمۇ توختىماي قىز تۇغقان. پەقەت تۇغۇتتا ئۆلگەن ئايالى جەيىن سەيمۇردىن بولغان بىردىنبىر ئوغلى ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان. ھېنرى 8 نىڭ ئاياللىرىنى ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ئەيىپلەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقا ئاياللىرىنىڭمۇ توختىماي قىز تۇغقانلىقى كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم بالىنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇشى بەلكىم ئايال كىشىگە مۇناسىۋەتىسىز بولۇشى مۇمكىن دىگەن دەسلەپكى قاراشنى پەيدا قىلغان. ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى:

جېنىسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى  ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زېگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز.  جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جېنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جېنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن  بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جېنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار.
مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يىتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جېنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جېنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جېنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جېنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جېنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ توغرىدا بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاش جېنىسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ تۆرەلمە يىتىلگەندىلا بەلگىلىنىپ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە بەزىبىر ئىسپاتلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشى قارىمۇ-قارشىلىققا تولغان. بۇ بىز ھازىرچە بۇ تىمىدا قىزىقىدىغان مەسلە بولمىغاچقا ئارتۇق توختالمايمەن.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدا ئانىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە تەسىرى يوق، بەلكى ئاتا تەرەپتىن "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار تېخى بالىنىڭ جېنسىنى تەبئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىلگەن تۆرەلمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


ئاپتۇر: بىلگەجان (2013-يىلى قەھرىتان، ئامرىكا)


0

تېما

0

دوست

51

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17380
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، ئاۋالقى ماقالىڭىز ئۆچۈپ كېتىپتۇ، سىزدىن مەسلىھەت سورىغۇم بارتى
ئېلخەت ئارقىلىق ياكى كوت كوت ئارقىلىق ئالاقە قىلغان بولساق
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

51

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17380
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوت كوت:1336396574
تېلىفون: 13319986577

باھا سۆز

quglan  تۇغرا بۇنى ئاللا ئۇزى بىلىدۇ،  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان

0

تېما

25

دوست

9777

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8579
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2244
تۆھپە : 1476
توردىكى ۋاقتى: 584
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئاللاھ ئۆزى بەلگىلەيدۇ...

باھا سۆز

bilgejan  ئاللاھ بەلگىلەيدىغىننى تالاش-تارتىش قىپتۇ دەپ چۈشەنگەن بولسىڭىز...ھەي...، گەپ چۈشەندۈرۈش بەك تەسكەن.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:11
ataata  توغرا  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
a.kaxkiriy  100% ھەق گەپ.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
polat315  ئەر بەلگىلەيدۇ ئەمەس ،ئاللا بەلگىلەيدۇ،ناھايىتى توغرا دېدىڭلا.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

197

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17229
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم.. گەرچە تېخى بالام بولمىسمۇ . قىز بولسۇن  ئوغۇل بولسۇن ھەر ئىككىلىسى خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ئىسىل نىمەتلىرى ،ئۇلارنى ئوخشاش كۆزدە كۆرۈش كېرەك.   

باھا سۆز

bilgejan  توغرا دەيسىز. قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش ئېغىر گۇناھ شۇنداقلا ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىك.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:08

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17949
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 19:56  

........
قۇرئان كەرىمدە
<< تۆكۈلگەن مەنىدىن ئەركەك -چېشى ئىككى جىنسنى ياراتتۇق>> دېگەن ، نەجىم سۈرىسى 45-46- ئايەتلەردىكى << مەنىدىكى ئەركەك-چېشى >> دەل پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق دېگەن تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان قاراشتۇر.
يەنە ھەدىس شەرىفتە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ << ئەر-ئايال تۆشەكتە بىللە بولغاندا مۇزەككەر (ئەرلىك ئۇرۇق) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر مۇئەننەس ( ئاياللىق ئۇرۇق ) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا ئانىسىغا ئوخشايدۇ. -سەھىھۇل بۇخارى.
بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىنىڭ تولۇق بايانى تۆۋەندىكى تېمىدا. پايدىلانغۇچىلار كۆرۈپ باققاي!
http://www.80halta.com/article/59.htm

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7518

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   50.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1194
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز ياكى ئوغول بۇلۇشنى ئاللا بەلگىلەيدۇ ئەمما جەميتىمزدە بىرقىسم ئەرلىرىمز ئايالنىڭ ئوغۇل تۇغمغانلغنى ئايالدىن كۆردۇ بۇ ئۇچغا چققان يولسزلىق ھەم ئىمانسزلقنىڭ بەلگسى   قىز بولسۇن ئوغول بولسۇن ياخشى تەربيەلمسە بىكار    ئەمما بالنىڭ ئاپسغا ياكى  دادىسغا ئوخشاپ قلش ئەرئايال ئوتتورسىدىكى ئش  بۇنى توغرا چۈشەنگەيسلەر  

1

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2511
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مىنىڭ كەسپىم  بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە  توپلىغان تەجىربىلىرىمنى  قىززىققۇچىلارنىڭ  پايدىلنىشىغا سۇنغۇم كەلدى .  مەن توي قىلىشنىڭ ئالدىدا بىر ماتىرال كورۇپ ،توي قىلغاندىن كىيىن ،تۇرمۇشتا  شۇ  پۇرمىلا  غا ئەمەل قىلدىم . ھەم بۇنى دوسلۇرۇمغا  تەۋىسىيە قىلدىم  . بۇنىڭ ئونىمى  كورۇلدى ، يەنى پورمىلاغا ئىشەنگەنلەرنىڭ  ھەممىسىنىڭ بىر ئوغۇل بىرقىز  بولدى ، ھەتتا كوپ قىسمىنىڭ چوڭى قىز  كىچىگىي  ئوغۇل بولدى . بىزئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق ، بەك ئەقىللق ھۇشيار ئادەملەرنىڭ قىزى كوپ ئوغلى ئاز  ، ئەكسىچە دوترەك  ھەم يۇۋاش قورساقتىن  باشقا غېمى يوق ئادەملەرنىڭ ئوغلى كوپ -قىزى ئاز  بۇلىدىغانلىقىنى  ھەيرانلق ئىچىدە بايقايمىز .  شۇڭا سەۋەپ قىلسا  بۇنداق مەسىلىنىمۇ ھەل  قىلغىلى بۇلىدۇ . بۇنىڭمۇ ئامالى بارلىقنن
ى  بىلىپ قالساقلا بولىدى (تەپسىلاتى قىسقارتىلدى )

باھا سۆز

bilgejan  قالتىسكەنسىز؟!!  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:05
baburkhan  پىقىرنىڭمۇ بىر ئوغۇل بىر قىزىم بار  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:02
بانكىر  پوق يىگەن فىدا.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
mexrap  تۈلكە قىز -يەنى ھىيلە مىكىر- بۆرە ئەر-يەنى-ھەق،ھەم باتۇرلۇق دېمەكتۇر  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
mexrap  تۇغۇت خەۋرىدىن كىييىن چوڭلارنىڭ تۈلكىمۇ بۆرىمۇ؟ دەپ سورايدىغىنىنى بىلەرسىز!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1667

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15411
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 436
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىىشىنى،ئىنسان بىلىپ بولالمايدۇ؟بۇنى بىلگۇچى پەقەت ۋە پەقەت ياراتقۇچى ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1780

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 297
تۆھپە : 343
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھيىتى ياخشى ئىلمى ئاساس بىلەن چۈشەندۇرۇپ بېرىپسىز رەھمەت سىزگە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-23 11:47 , Processed in 0.065353 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش