- تىزىملاتقان
- 2013-1-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 150
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
75%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 23:55
ئەر كىشىنىڭ بىر قېتىملىق چىقارغان ئېسپىرما سۇيۇقلۇقىدا نەچچە ئون مىليوندىن ،نەچچە مىلياردقىچە ئېسپېرما (ئۇرۇق) ھۈجەيرىسى بولىدۇ،ھەر بىر ئەر كىشىنىڭ بەدەن ساپاسى......قاتارلىق نۇرغۇن شەرت-شارائىتلار ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇرۇق سانى ئوخشاش بولمايدۇ، لىكىن بىز نەزىرىيە جەھەتتىن ئەر كىشى ئاجرىتىپ چىقارغان X,Y ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرى تەڭ نىسبەتتە دەپ قارايمىز.
بۇنداق بولغاندا، ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇ بوينىدا، ئايال كىشى ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم ھۇجەيرىسى بىلەن بىرىكىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە ئون مىليوندىن، نەچچە مىلياردقىچە بولغان X,Y ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرى ئۈچۈن تەڭ پۇرسەت بار(يەنى تۇخۇم بىلەن بىرىكىش ئۈچۈن)، بۇ تۇخۇم -ئېسپېرما ھۇجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ،يېڭى بىر زىگوتا(يېڭى ھاياتلىق) ھاسىل قىلىش مىخانىزىمى ھازىرغىچە ئايدىڭ بولغان ئەمەس.
بىز پەقەت ئېستاتىستىكا ئۇسۇلى بويىچە ، تۇغۇلغان بالىنىڭ ئوغۇل-قىزلىقىنى ھېساپلاپ چىقالايمىز.
يەنى ئىنسانلار، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ جىنسىي پەرقى نىسبىتى ئادەتتە 1:1 بولىدۇ دەپ قارايمىز. بۇ نىسبەت نۇرغۇن پەرەز-تەتقىقاتلار نەتىجىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ بىئولوگىيە دەرسلىرىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بار.
*
*
*
*
ئەمدى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە داۋاملىق چوڭقۇرلىساق، ، تۇغۇلغان بالىنىڭ ئوغۇل-قىز بولىشى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ‹‹مۇناسىۋەتسىز››، يەنى ئانىنىڭ تېنىدىكى تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن دادا تېنىدىن كەلگەن تەڭ نىسبەتتىكى X,Y ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىرىكىشىنى ئاتا-ئانا كونترول قىلالمايدۇ.
يەنى X,Y ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى ‹‹ئەڭ تەلەيلىك›› ئېسپېرما ھۈجەيرىسى(يا X ياكى Y) ،تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكىدۇ، بۇنى بىر خىل بەلگىلىك ئېھتىماللىق ئاساسىدىكى تەساددىبى ھادىسە دىسەك بولىدۇ. لىكىن يۇقۇرىدا بايان قىلغاندەك بۇنداق بەلگىلىك ئېھتىماللىق ئاساسىدىكى تەساددىبى ھادىسەنىڭ بەلگىلىك قىممەت ئېلىش دائىرىسى بولىدۇ. ئىنسانلاردا ئەر-ئايال نىسبىتى 1:1 بولىشى ھەرگىزمۇ تەساددبى ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئەمەس. ئەگەر بىر بىر رايون، بىر مىللەت، ياكى بىر ئۆلكە، بىر دۆلەتنىڭ ئومومى نوپوسىنى ئېستاتىستىكا قىلغان ۋاقىتتا بۇ خىل نىسبەت گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.
ئادەتتىكى بىرەر دوختۇرخانىدىكى تۇغۇت خاتىرىسى بىلەن بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇپ تۇغۇلىشى مۇرەككەپ بىئولوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئۇنى كونترول قىلىش ئاتا-ئانىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس.
لىكىن شۇنىڭغا ھەيران بولماي تۇرالمايمىز:
تالاي ئەسىرلەردىن بېرى ئىنسانلاردا ئەر-ئايال نوپۇس سانى ئومومى جەھەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ كەلدى، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نىسبىتىمۇ شۇنداق. بۇنى ئىلىم-پەندە ئېنىق ئىسپاتلاپ چىققىچە، يۇقۇرىدا تورداشلار ئېيىتقاندەك، ‹‹3-خىىل كۈچ،› نىڭ تەسىرىدىن بولغان دىسەك، خاتا بولمايدۇ. چۈنكى بەلگىلىك ئېھتىماللىق ئاساسىدىكى تەساددىبى ھادىسە بەلگىلىك قىممەت ئېلىش دائىرىسىنى ئىنسانلار كونترول قىلالمايدۇ.
|
|