بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-23 18:12
ئەمەلدار كېسەل بولسا پۇخرا دۇرايەمدۇ؟ ۋاڭ شۇئەن دولان تەرجىمىسى
جۇ يوڭخۇا ئەپەندى « فىلياتون گېزىتى » نىڭ 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۇنىدىكى خەلق تۇرمۇشى سەھىپىسىدە « ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بولىش » ھەققىدە ماقالا ئىلان قىلىدۇ، جۇ ئەپەندى ماقالىسىدە « ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بۇلىش توغرىسىدىكى ماتىرالنى نىمە ئۇچۇن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىدۇ؟ ھۆكۇمەت ئىشىدا ئوقۇغۇچى پاك بۇلىش كىرەكمۇ ياكى ئەمەلدارلار پاك بۇلىش كىرەكمۇ؟ » دەپ سۇئال قويىدۇ. جۇ ئەپەندى يەنە « ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بولىش » توغرىسىدىكى ماتىرىيالنى ئوقۇغۇچىلارغا بەرمىسە كىمگە بىرىدۇ؟ئەمەلدارلارغىمۇ! بىزنىڭ ئەملدارلىرىمىز خەلق ئۇچۇن ھارتىم-تالدىم دىمەي، چۇشتىن بۇرىن ماشىنىدا ئايلانسا، چۇشتە زىياپەت شىرەسىنى ئايلىنىپ، كەچتە ساھىپجامالنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ بەكچارچايدىغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ بۇنداق ماتىرىيالنى كۆرگىلى نەدىكى ۋاختى! ھازىرقى جەمىيەتتە ھەممە ئىشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتىدىغان تۇرساق،ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بۇلىشنىمۇ بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كىرەكدە! بالىلاردىن باشلاپ تۇتسا ئۇنىمى تىز كۇرىلىدۇدە! مانىبۇ ھازىرقى زاماندىكى جوڭگودىكى پاكلىق قورۇلىشى، مانىبۇ جوڭگۇچە ئالاھىيدىلىككە ئىگە بولغان ‹ ئەمەلدار كىسەل بولسا پۇخرا دۇرا يەيدىغان › جوڭگۇچە بىمەنىلىك » دەپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دىمىسىمۇ ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بولىشتا ئالدىبىلەن ئەمەلدارلار پاك بولىش كىرەك،چۇنكى ھەرخىل ھوقۇقنىڭ ھەممىسى ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا، مەسىلەن كادىرلار ھوقۇقى، مالىيەھوقۇقى ۋە ئىشبىجىرىش ھوقۇقى دىگەندەك. پۇخرالارنىڭ نىمە ھوقۇقى بار؟ ئالايلۇق بىرقېتىم مەكتەپ رەھبەرلىكى مىنى پاكلىق ۋەدىسى يېزىشقا بۇيرىدى، مەندەك بىرئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى ھۆكۇمەت ئىشىدا پاك بولىمەندەپ قانداق ۋەدە بىرىمەن؟ ياكىمەندە ھېچقانداق ھوقۇق بولمىسا، ھەتتا بىرەرتال قېرىنداشنىمۇ باشقىلارغا بىرىش ھوقۇقىم بولمىسا نىمىگە ۋەدە بىرىمەن؟ بۇخۇددى ساق ئادەم كىسەل ئۇچىن دورايىگەندەك بىمەنە ئىشقۇ؟ مۇئاشتىن باشقا تەمىناتى بولمىغان گاداي ئوقۇتقۇچىلاردا ۋە سەبى ئوقۇغۇچىلاردا نىمە گۇناھ! جۇئەپەندىنىڭ دىمەكچى بولغىنى، ئەمەلدارلار چىرىكلەشسە، ئوقۇغۇچىلارنى پاك بولىشقاتەكىتلەشتەك بىمەنىلىكنى قامچىلىماقچى. بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەلدارلار بۇخىل ئۇسۇل بىلەن جەمىيەتتىكى چىرىكلىكنى تۇگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ئەلىۋەتتە بىلىدۇ، ئەمىسە نىمىشقا بۇنداق بىمەنىلىكنى قىلىدۇ؟ پۇخرالارنى ئالداپ يوقۇرىغا كۆز-كۆز قىلىش ئۇچۇن، ئاۋامنى ئالداپ يوقۇرىغا « پاكلىق قورۇلىش قالتىسچىڭ تۇتۇلدىيەي، ئەستايىدىل ئېلىپبېرىلدىيەي، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغاكەلدىيەي، ھەتتا يەسلىدىكى بالىلارغىچە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپباردۇقيەي.... » دىگەندەك بىرقاتار قورۇق گەپلەر بىلەن دوكلاتنى قاتۇرىپ يېزىپ يوقۇرنى ئالدايدۇ. ئەمىلىيەتتەبىر جەمىيەتكە نىسبەتەن ئەمەلدارلار خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن خىزمەت ئۇنىمى ۋە ھۆكۇمەتنىڭ پاكلىقىنى تۇتۇش ئەلۋەتتە ئىنتاھايىن مۇھىم، لىكىن يوقۇرقى بىمەنىلىكتىن جەمىيەتنىڭ قايسى باسقۇچقا بېرىپقالغاننى كۆرەلەيمىز ئەلۋەتتە. ( ئەسكەرتىش:بۇ شېئىر ئەسلى يوقۇرقى فىلياتۇندا يوق، مەن يېزىغا چۇشكەندە ئۇيغۇر دىھقانلاردىن ئاڭلىغان، بۇ فىلياتۇن بىلەن ماسكەلگەچكە قۇشۇپقويدىم، توغرا چۇشىنىڭ )
|