- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1328
- نادىر
- 0
- يازما
- 142
ئۆسۈش
75.43%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 19:41
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 21:58
ئەسسالامئەلەيكوم گۈلەن ئاكا ، ‹‹تۇرغان ئورنىڭنىڭ قانچ ...
سىزنىڭ چەتئەلگە چىقىش توغرىدىكى گەپلىرىڭىزگە قارىتا بىر نەرسىنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. چەتئەللەرگە چىقىش دىگەنلىك چوقۇم تۇرۇپ قىلىش دىگەندىن دىرەك بەرمەيدۇ. گۈلەن ئەپەندىدەك چەتئەلدە ئۆگەنگەنلىرىنى ئىلىپ قايتىپ، خەلىققە سۇنالايدىغانلار قانچە كۆپ چىقسا شۇنچە ياخشى. چەتئەللەرنىڭ مائارىپى ھەقىقەتەن بىزنى ۋەتەندە ئۆگىنەلمەيدىغان، ئۇچرىشىالمايدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك بىلىم، ئىلمىي كۆز قاراش ۋە دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشى، بولۇپمۇ تەبىئىي پەن، ئېنژىنىرلىق پەنلىرى، سودا، مائارىپ قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ساھەلىرىدە كۆپلەپ چەتئەلنىڭ ئىلغار مائارىپدا تەربىيەلەنگەن كىشىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە بىلىمىنى ئامال بار ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە خەلقىمىزگە سۇنالىشى بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزدا زور رول ئوينىغان بولاتتى.
شۇڭا ئۇيغۇر سىتۇدىنتلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشىنى كۈچەپرەك تەشۋىقات قىلىشىمىز، مەدەت بىرىشىمىز، ۋە مۇشۇ يولدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقانلارغا قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇشىمىز ھەم ياردەم قولىنى سۇنالايدىغان ئورگان-تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.
ئەپسۇس، ھازىر چەتئەلدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى نىسبەت بويىچە باشقىلارغا سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاز. بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىۋاتقانلارمۇ ساناقلىقلا. شۇنداق بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، چەتئەللەردە جاپالىق ئوقۇپ قايتقانلارمۇ يوق ئەمەس، لىكىن ئۇلار ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرغۇدەك شارائىتقا ئېرىشەلمىگەن ياكى ئۇلارنىڭ جاپالىق ئوقۇغان ئەمگىكى يىتەرلىك ئېىتراپ قىلىشقا، جەمىئىيەتتە سازاۋەر بولۇشقا تىگىشلىك ئورۇنغا ۋە كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. ئەلۋەتتە بۇ مەسلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى. كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان ئىشلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇن چەتئەلدە تۇرۇپ قالغانلار باشقا نەرسىدىن بەكرەك ئۆزلىرىگە مۇھىم جەھەتلەردىكى ئەركىنلىكنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىشى مۇمكىن. چەتئەلدىن قايتىپ بارغانلارمۇ ئۆز قارىشىدا ئەڭ مۇھىم دەپ بىلگەن ئىشلار ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. شۇڭا بۇنى بىراۋنىڭ مىللەتنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكىگە باغلىۋىلىشنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن. ئىشقىلىپ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلار قانچە كۆپ چىقسا بۇلارنىڭ ئىچىدىن ۋەتەنگە قايتىدىغانلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپرەك بولىدۇ، ھەم ۋەتەنگە قايتىماي تۇرۇپمۇ ئۆزىنى يەنىلا جەمىئىيتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە تونۇپ، بەلگىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. لىكىن ئاخىرىدا قانداق قارار چىقارسۇن بىرەر قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ بىرىشنى ئويلىشىپمۇ باقمىغانلاردا ئۇيغۇرغا مۇھەببەتنىڭ ئاز ئىكەنلىكى ئېنىق.
كىشىلىرىمىز يەنىلا چەتئەلدە ئوقۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى، ئەلۋەتتە چەتئەل دەپ ھەممە دۆلەتلەردە ئوخشاش بولمىسىمۇ، نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرىلاپ ئوقۇش ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى ۋە قۇربان بىرىشلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. دەپ كەلسەم گەپ جىقتەك... قالغان گەپلىرىمنى پات ئارىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا نېسىپ بوپ قالار. |
|