- تىزىملاتقان
- 2012-7-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 368
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
84%
|
تاتۇڭا ما ئىشلارنى ياخشى قىلىپسىز ، ھەممىمىز شۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىمىز كېرەك. ئىلىم چىگرا ، مىللەت ، رايۇن ئايرىلمايدىغان بايلىق بولغىنىغا ئوخشاشلا ، ياخشىلىقمۇ چىگرا ئايرىمايدۇ، مىللەت رايۇن ئايرىمايدۇ. ئۆچلىكىڭىز كېلىپ چىشلىرىڭىز قېرىشىپ كەتسىمۇ بەزىدە ھىجاراپ قويىسىز، « باشقىلار بىزگە ئۇنداق قىلمىسا » دەپ قىيداپ باشقىلارغا ئوخشاش دىنسىز بوۋالماقچىما؟ ھەممىدىن قىزىقى ئۆزىمىز تىللاپ جۇلدىقىنى چىقىرۋەتكەن مەلۇم نەرسە باشقىلار تەرپىدىن قەدىرلىنەمدۇ؟ خۇددى « قوش تىل » يولغا قۇيۇلىشتىن بۇرۇن توردا مائارىپىمىزنى تازا تىللاپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ يول ئاچقاندەك. مەنمۇ سىزمۇ ھېچكىم ئالىم خالىققا ۋەكىللىك قىلالمايمىز. ئۇنى ھۆكىمەت بىزگە ۋەكىل قىلىپ ئوتتۇرغا چىقاردى. بولسا تالاش تارتىشنىڭ ئورنىغا كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سىز «نىقاپلىق تىياتىر» نى چۈشەنگۈدەك بولغاندا بۈگۈنكى تالاش- تارتىشىمىزنىڭ ئۆزىمىزنى چۈشۈرۈش، زىيان يەتكۈزىشتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز. قارىسام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندەك قىلىسىز . تەۋسىيەيىم ؛« قۇرئان كېرىم» نىڭ تەرجىمىسىنى يىنىشلاپ ئوقۇپ چىقىڭ. ئۇندىن باشقا سودىغا دائىر كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇڭ . بىر ناماز ئۈتەپ تۇتۇلۇپ قالغان ئوقۇغۇچۇمنى قۇتۇلدۇرۋېلىش ئۈچۈن خېلى زىيارەت چەكتىم... شۇ چاغدىمۇ سىز دىمەكچى بولغان « قونچاق » قېرىنداشلىرىمىز ئىشنى ئۇلغايتىپ تاس قالدى مېنى تۇتۇپ بەرگىلى. جاھان مۇشۇنچىلىك . شۇڭا دەيمەن ، بىزدىكى ھەر بىر ياخشى ئىش كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن ئۇ كۆپىيىشى كېرەك . ھەمكارلىق ،قوللاش يىلتىز تارتىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىمىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئۆزىمىزنىڭ ھەركىتى ۋە سۆزلىرىنىڭ ئاقىۋۋېتىنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز زۆرۈريەت! بىزنىڭ قوللاشقا ئېھتىياجلىقىمىزنى ئۈرۈمچى كوچۇلىرىدىكى تىللەمچىلەردىن ، كىسەلخانىدا پۇل تۆلىيەلمەي كوچىغا چىقىۋالغان بىمارلاردىن سوراپ بېقىڭ. شۇڭا بىز ھالال ئىشلەش نىشانىغا ئېھتىياجلىق. كىملەندۈردۇرئۈمىد كۈتۈپ، بىرەرىنىڭ بىزگە خەيرى - ساخاۋەت قىلىپ قۇتقۇزىشىنى كۈتۈش ئەخمىقانىلىك... بالىلىرىمىز سودا توغۇرسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ئەمىليىتىگە تەدبىقلىغۇدەك ئوقۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئەھۋال ھېلىقىندەك. شۇڭا ئۈمىدسىزلىنىش ئىچىدە ئىچكىرگە بېرىپ « بىر يولداشنىڭ بىر مومىنى بېرىشى » بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ،ئەمدىلەتىن ئازراق كۆكلەۋاتقان ئالىمغا مۇكەممەل ئادەم بولۇپ ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۋېلىش تەلىۋىنى قۇيۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭمۇ «قۇتقازغۇچى » بولۇش مەسئولىيىتىمىز ۋە مەجبۇريىتىمىز بارلىقىنى ،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامغا قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىر ئويلىشىپ قويساق! |
|