- تىزىملاتقان
- 2012-7-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 374
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
87%
|
karayamgur يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 16:00
تاتۇڭا ما ئىشلارنى ياخشى قىلىپسىز ، ھەممىمىز شۇنداق كى ...
ئاتتىلا مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ «مېنىڭ بىرلا قوشنام بار ،ئۇ كۈندە بىشىمغا چىقىپ ئوينىسا ، تاسادىبى ئاغرىپ قالسا قانداق قىلىمەن ؟ » بۇ سۇئالنى مەندىن سوراپسىز،
قالتىس سۇئال بوپتۇ . بۇ سۇئالغا سىز بىر جاۋاب بېرىپ بېقىڭ !
ئاللى بۇرۇن بىشىمغا چىقىپ ئوينايدىغان بوپ قالغان قوشنام ، ئاغرىپ قالسىمۇ ماڭا ھەيۋە قىلالغىدەك سۈر - ھەيۋىسىنى قالدۇرۇپ قۇيار!
ئەگەر ئاجىز بولمىسام ئۇ قوشنام مېنى بوزەك قىلاتتىمۇ؟
ئەگەر ئالىم خالىقنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مۇشۇ يەردە ئىنكاس يېزىۋاتقان مىللى غورورى بىلەن باھا بېرىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىدىكىدەك جەريان بولغان بولسىدى ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا بىز ئوقۇغان ئالىي مەكتەپلەر ، بىز كۆرگەن كىتابلار بولسىدى ئۇمۇ بەلكىم بۇ يەردە سۆز ۋە مەسخىرە ئوبېيكتى بوپ قالمايتتى. ( لېكىن ئۇنىڭ سۆز ئوبېكتى بولسىمۇ بولالغىنىغا قايىلمان ) ھەممىدىن يامان بولغان يېرى ئۇ باي بولماي نامرات بولسا ، پۇل تاپمىسا كىمگە پايدا؟ ئۆزىڭىزنىڭ مىللى بازارلار ھەققىدىكى يازمىڭىزغا بىر قاراپ بېقىڭ!
يەنى كېلىپ . تىللاپ نىمەقىلىمىز ئۇنى ....
تارىختىن بويانقى ھەممە «خەيرى - ساخاۋەت » لەرنى ئالىم خالىقنىڭ سەۋەنلىكى دەپ چۈشنەمدۇق؟ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى خەيرى - ساخاۋەتكە ئارتىپ تەھلىل قىلساق بۇ راسلا قالماشمايدۇ. ئادەمنىڭ شەخسىيىتىگە تىگىپ تىللاشلارچۇ. ئاللاھ ئىگەم ھۆكۈم كەسكىچىلىك بىز بەندىلەر ئالدىراپ ئۇنىڭ ئىمانىغىچە ، مىللىتىگىچە ھەممە نەرسىسىگىچە كىسىم كىسپ بوپتۇق! خەيرى ... مۇشۇنداق تىللاپ ، تىلغاپ، ئىش ھەل قىلىش ، شەخسى ھېسىياتىمىزنى بىرەر كىملەرگە تەدبىقلاپ تەھلىل قىلىشتەك پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىز پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ ،تەغدىرىمىزگە چىرماق سەپلا تۇردىغان چېغى....
مەنمۇ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلماي ،ئادەمنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭ روھىغا ئازار بەرمەسلىك بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئۆزىمىزدىن تانمايدىغان ،ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن خۇشاللىق تاپىدىغان بولسىكەن دېگەن ئىدىيە مەندە بەك كۈچلۈك بولغاچقا بۇ مەسلىنىمۇ ئۆزۈمنىڭ قارشى ۋە ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىمدىن مۇشۇندااقراق تەھلىل قىلدىم... ئادەمنىڭ روھى ئۆز قەۋمىدىن سۇ ئىچمىسە ،كەڭچىلىككە ئېرىشەلمىسە، كەچۈرۈمگە ئېرشەلمىسە ئۇ ئادەمنىڭ قانداق تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن مېساللار بار بىزدە ...
بىز دەۋاتقان سۆزنى ھەممىلا ئادەم توغرا دىيىشى ناتايىن. بۇ سۆزلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئادەملەر بىردەمدە ئۇنتۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن .لېكىن روھى ئازار يىگەن ئادەم باشقىلارنىڭ تىللىغىنىدەك ،تەھلىل قىلغىنىدەك ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرشىدۇ. بۇ تىللىسەڭ تاپارسەن بىلەن ئوخشاش. شۇڭا بىر ئادەمنى ساتقىن ، بىر ئادەمنى نائەھلى بىر ئادەمنى يەنى بىر ئاللى قانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن بۇرۇن مەن ئۇ ئادەم ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردىم؟ نىمە قىلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بېرىمەن ؟ مەن ئۇنىڭغا نىمە قىلىپ بېرىشىم كېرەك؟ دېگەن نۇقتىدىن كۆپرەك ئويلاپ باقايلى!
ھەممىڭلارغا كۆپ رەخمەت! ھە نىمە بولسا تىللاشماي ياخشى سۆزلەرنى قىلىپسىلەر! خەيرى سالامەت بولۇڭلار! دەرسىمنى تەكرار قىلاي! |
|