- تىزىملاتقان
- 2013-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 837
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
67.4%
|
مەن ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش،سېلىشتۇرما تەتقىقىتات ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزدە ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تەۋپىق ، ل.مۇتەللىپتەك ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشتىنىمۇ ئايانمايدىغان زىيالىيدىن مۇشۇ زاماندا بىرسىمۇ يوقكەن! شۇڭا نىيىتىگە ھارام ئارىلىشىپ قالمىغان ساپ نىيەتلىك يول باشچىلار بولمىغاچقىلا بىزنىڭ ئەشۇنداق كىچىككىنە ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ئىگىسى چىقمايدىكەن.
ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئوتىدا كۈيىدىغان ، ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشتىنمۇ ئايانمايدىغان زىيالىيلارنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمەسلىك ؛ ئۇلارنىڭ پاجىئەسىگە سەۋەب بولىۋاتقان ئاسىي-مۇناپىقلارنى يەر بېلەن يەكسان قىلىپ،ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە يىتىم قالدۇرۇشنى ھەتتا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغىمۇ ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەسلىكنى بىلمەسلىك ؛ ئەلنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالايدىغان ،ھەق يولىداجېنىنى سېلىپ بېرىشتىنمۇ ئايانمايدىغان زىيالىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېشىغا ھەتتا بىر پۈتۈن قەۋىمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەت دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھېماتىغا ئېلىش،ئاسراش،كۆيۈنۈشنى بىلمەسلىك ئەكسىچىەئۇلارنى مەسخىرە قىلىش،خۇددى قارىسى يۇقۇپ قالىدىغاندەك قېچىش،يىتىم قويۇش دەل ئەشۇنداق ھەققانىيەتتىن قورقىدىغان ساقتا زىيالىيلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى ھەتتا ساقتا پەلسەپە سېتىپ، ساقتا كىتاب يېزىپ ئاۋامنى ئالداش بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.شۇڭا مۇشۇنداق مۇھىتتا « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>> غا قۇلاق سالىدىغان زىيالىيدىن بىرسىنىڭمۇ چىقماسلىقى تەبىئىي.شۇنداق تۇرۇپ قەلىمى بېلەن قەلبى ئوخشىمايدىغان ئەشۇنداق جانباقتى نان كۈچۈكلىرىنى نېمىشقا ھۆرمەتلەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ساقتىلىق بېلەن تولغان ئەسەرلىرىنى نېمىشقا تالىشىپ يۈرۈپ سېتىۋالىمىز؟ئۇلار بېلەن تونۇشىۋېلىشنى، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى، ئۇلار بېلەن بىللە رەسىملەرگە چۈشىۋېلىشنى نومۇس بىلمەستىن بەلكى نېمىدەپ شەرەپ بىلىمىز؟
(بوز قىر ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسى) |
|