- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4389
- نادىر
- 6
- يازما
- 131
ئۆسۈش
79.63%
|
قۇربان ۋەلى ئەپەندى يېتىلگەن تارىخ ، ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىسى، بۇرۇن ئاپتونۇم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدە ئىشلىگەن، «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازغان، كېيىن ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەن، يۇرتى چەرچەنمۇ ياكى چارقىلىقمۇ ھازىر ئېنىق ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئاشۇ كىتابىدا بار ئىدى. بۇ كىشى رايونىمىز ۋە باشقا جايلاردىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار بىلەن ھەرخىل تىللاردىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا رايونىمىز ۋە مىللىتىمىز تارىخىغا ئائىت ناھايىتى پاكىتلىق بىر قىسىم ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ زور تەسىر قوزغىغان. بەلكىم بۇ كىشىنىڭ «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابتىكى ھەربىر ماقالىنىڭ بىر كىتابقا تەڭ كەلگۈدەك جېنى بار، قىسقىسى ئاز ھەم ساز يازىدىغان تەتقىقاتچى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كىشى بەدۆلەت، خوجىلار توغرىسىدا رومانلارنى يازغان ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى بىلەن قۇرداش ھەم دوسىتلاردىن ئىكەن. |
|