- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 100
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
50%
|
داڭلىق يازغۇچىلار چوقۇم مۇنبەر كۆرىدۇ . لېكىن تورغا ماقالە دىگەنلەرنى ئانچە يېزىپ كەتمەيدۇ ، نىمە ئۈچۈنلىكىنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن . بىزدە كاپىر دەيدىغان خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممسىنىڭ بىلوگى بار ،ئوقۇرمەنلىرى بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ .
ئوتتۇرمەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار كۇكۇدا پاراڭلىشىدۇ كۇكۇ شىركىتىنى باي قىلىدۇ ، ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن توردا قەرت ئوينايدۇ ، بىر قىسىملىرى مۇنازىرە كۆرىدۇ .بەزىدە ئىنكاس يازىدۇ ، تېما يازىدىغانلار بەك ئاز .
ئايال ئوقۇتقۇچىلار بولسا كىيىم ئىزدەيدۇ .
دىمەك ياخشى تېما يازىدىغانلار ناھايىتى ئاز . ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە نەچچە كۈگىچە ئوبدان تېما كۆرنمەيدۇ . چۈنكى يازىدىغانلار بەك ئاز بۇ بىر نەچچە ئون مىليونلىق قەۋىم ئۈچۈن بىر پاجىئە .بىز بىلىم ئېلىۋاتقان نەچچە ئون تۈمەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بار . ئۇلار ئوتتۇر مەكتەپتە يېزىقچىلىق ئىلمىدە تەربىيلەنگەن ،ئەگەر يازايچۇ دىسە چوقۇم يازالايدۇ ، لېكىن يەنىلا يازىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك . مېنىڭچە ھۇرۇنلۇق سەۋەپ بۇلۇشى مۇمكىن . ئەگەر مىللەتنى تەربىيلەيلى دىسەك چوقۇم يازايلىى . مەسىىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر ھەپتىدە بىر پارچە ماقالە يازسا بىر ھەپتىدىلا بىزدە نەچچە ئون تۈمەن ماقالە بۇلۇپ بىلىم دېڭىز شەكىللىنىدۇ . ماقالىنىڭ مەزمونى جەھەتتىن ھەممىىز ئۆز كەسپىمىزدە ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى يازساق بولىدۇ . ئالايلۇق قانۇن كەسپىدە ئوقۇغانلار بىر ئەنزىنى تەھلىل قىلىپ ئۆز كۆز قارىشىنى يازسا بولىدۇ ،ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغانلار مەلۇم بىر ئىقتىساد ھادىسىنى تەھلىل قىلپ يازسا بولىدۇ ئەگەر پەقەتلا يازالمىساق ئۆزگە تىللاردىن تەرجىمە قىلساق بولىدۇ . مىللەتنى ،ئانا تىلىنى شۇئار توۋلاپ ،ئۆزئارا قاخشاپ قۇتقازغىلى بولمايدۇ ،ئەمىلى ھەركەت كېرەك ،تورغا قانۇنغا خىلاپ بولمىسلا يازساق بولىدۇ . مۇنەۋۋەر تېما يازغۇچىلار بىزنىڭ ماختىشىمىزنى كېرەك قىلمايدۇ .بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىزدىنىشمىز كېرەك ،يېزىشىمىز كېرەك . ئۇيغۇر تېلى سەپتىن چۈشۈپ قېىلىۋاتىدۇ دەپ ئۆكۈنمەي تەبى پەنگە ئائىت ماقالىلارنى جىق يازايلى،،شۇندىلا ئۇيغۇر تىلى مەۋجوت بۇلۇپ تۇرالايدۇ . |
|