- تىزىملاتقان
- 2012-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1314
- نادىر
- 0
- يازما
- 143
ئۆسۈش
73.43%
|
kugulhan يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 15:12
تېرورچى دىگەن گەپنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ،ھازىرغىچە پەقەت ...
شىر، يولۋاس، بۆرە، تۈلكە، ئېشەكلەرياشايدىغان بىر ماكاندا قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ كەتكەنىكەن. بۇ جانۋارلار بىر يەرگە يىغلىپ بۇ قۇرغاقچىلىق بالاسىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلشىپتۇ.بىرەرسىمىز ئېغىرراق گۇناھ قىلغاچقا تەڭرى بىزنى جازالىغان گەپ دېيشىپتۇ ئۇلار .
ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرنى نۆۋەت بىلەن دەپ باقماقچى بولشۇپتۇ . مەن بىرنىڭ كالسىنى يەپ سالغاندىم دەپتۇ شىر.
شۇمۇ گۇناھ بولامدۇ دېيشىپتۇ ھەممە ئالمان- تالمان. مەن بىرنىڭ ئېشگىنى يەپ سالغاندىم دەپتۇ يولۋاس.
ئۇ گۇناھ بولامتې دېيشىپتۇ ھەممە ئالمان- تالمان. مەن بىر تۇل خوتۇننىڭ ئۆچكىسنى يەپ تاشلاپتېمەن دەپتۇ بۆرە. ئۇ گۇناھ ئەمەسقۇ دېيشىپتۇ ھەممە بىردەك .مەن كەنىتنىڭ چېتدىكى بىر دېھقاننىڭ توخۇسىنى يەپ قويۇپتىكەنمەن دەپتۇ تۈلكە. ئۇ قانچىلىك ئىشتې دېيشىپتۇ كۆپچىلىك.
نۆۋەت ئېشەككە كەلگەندە ھەممىسى نېمە دەيدىكىن دەپ قاراپ تۇرۇپتۇ. ئىگەم مېنى مىنىپ بىر يەرگە كېتۋاتقاندا بىر تونۇشى ئۇچراپ قالدى، ئىچىم پۇشۇپ ئالدىمدېكى بىر تال خوخنى يېگەندىم دەپتۇ ئېشەك.
يەر جاھاننىڭ قۇرۇپ كېتشى سېنىڭ كاساپىتىڭدىن ئىكەن دەپتۇ شىر. شۇ ئەمەسمۇ دېيشىپتۇ باشقىلار ، ئارقىدىنلا ئېشەك خامتالاش قىلنىپتۇ. |
|