- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 145
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
72.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulphar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-1 18:50
ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ ناھيىمىزدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ كىيمىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولۇپ پۇل يىغدى، بۇ پۇلنىڭ 30 پىرسەنتىنى ھۆكۈمەت، 30 پىرسەنتىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئالدى، قالغان 40 پىرسەنتىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىگە ئالغان بۇلۇپ 320 يۈەن پۇل تاپشۇردى، يۇقۇرنىڭ دىيشىچە بۇ كىيىم 800 نەچچە يۈەنلىك كىيىم ئىكەن، ئۇزۇن ئۇزن ئۆتمەي يولداشلىرىمىز كىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بويىنى ئۆلچەپ كېىتپ قالدى، بىرەر ئايدىن كېيىن ئۇ كىيىملەر كەلدى، ئوقۇتقۇچىلار قارىسا رەختىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار ھەم كۆپ قىسىم كىيىملەر ئىنتايىن ئۆلچەمسىز بۇلۇپ چىقتى، بۇنداق كىيىملەرنى بازاردا 100 يۈەنگىمۇ ئالمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار نارازى بۇلۇپ، كيىمنى قايتۇرۇپ بىرىمىز، پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دەپ مەكتەپ مۇدىرىغا دىگەن بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرى بۇ يۇقۇرنىڭ ئىشى مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن، گىپىڭلارنى يۇقۇرغا دەڭلار دەپ قۇلىغىنى يۇپۇرۇپ تۇرۋالدى. بۇ يىل شۇ بويىچە يازلىق كىيىم تارقىتىپ بىرىمىز دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئوقۇتقۇچىلار كىيىم پۇلىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى لىكىن مەكتەپ مۇدىرى كيىمنى ئېلىڭلار ياكى ئالماڭلار بەرىبىر 30 پىرسەنت ئىش ئۈنۈم مائاشىڭلاردىن تۇتۇپ قېلىندۇ دىدى، شۇڭا ھازىر ئوقۇتقۇچىلار ئاچچىغىنى ئىچىگە يۈتۈپ پىغان بۇلۇپ يۈرمەكتە، ئاڭلاشلاردىن قارىغاندا 30 پىرسەنت ئىش ئۈنۈم مائاشىنى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ۋە دوختۇرخانلادىن تۇتۇدىكەن، مائارىپ ئىدارىسى ۋە باشقا ئىدارە ئورگانلاردىن بۇنداق پۇل تۇتۇلمايدىكەن، ئۇلار ئۇ پۇللارنى تۇلۇق ئالدىكەن، ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار بۇ نىمە دىگەن تەڭسىزلىك، بۇنداق تەڭسىزلىك قاچانمۇ تۈگەر!!!!!! |
|