بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qekin-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-1 23:37
باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ قىممەت قارشىمنى ئۆزگەرتىپ تۇردىغان لېيى خاملاردىن ئەمەسمەن. بولۇپمۇ ئىتقاد مەسىلىسىدە قىلچە سۈلھى-سالاھغا كەلمەيمەن، بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق بولشى كېرەك. ئەمما ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ قىممەت قارشىنىڭ قايسى ئىجتىمائىي پىكىر ئېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان ، ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئۆزى ئەگەشكەن دىننىڭ ئەھكاملىرىغا ماس كىلىدىغان -كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ھەمىشە باشقىلارنى ئۆزىنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەپ ئادەتلەنگەن بىر تۈركۈم ئادەملەر بار. ئۇلار دانىشمەن ئاتىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا : « ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى تىقىلسا قايتا ئۆتمەيدىغان كۆۋرۈك» تىن ئېشەكچىلىك بولالماي قايتا- قايتا ئۆتۈپ توپلىغان «مول تۇرمۇش سەرگۈزەشت» لىرىنى باشقىلارغا نەسىھەت شەكلىدە يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلاپ بىچارە قۇلاقلىرىمىزنى قۇلاق بولغانغا تويغۇزىۋىتىدۇ. ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى ئۇلار تاللىغان نەسىھەت ئوبىكىتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزىدىن كىچىك قۇلىقى يۇمشاقلار . مانا مەن تاكى بۇگۈنگىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پەندى-نەسىھىتىنى ئىشىتتىم . ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئالىم سۇپەت ئاتىلىرىمىزمۇ بار . بايا تىلغا ئالغاندەك كىشىلەرمۇ بار. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن ئۆزلىرى ئېيىتقاندەك سۈپەتلەرنى كەمدىن كەم ئۇچراتتىم ياكى ئۇچراتمىدىم. قارىغاندا كونىلارنىڭ : « موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما » دېگىنىمۇ راس ئوخشايدۇ دېدىم. ئەمما بۇنىڭدىن راس ئوخشايدۇ دەپلا ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىشنى راۋا كۆرمىدىم. بۇ ئەلۋەتتە بىزنىڭ يەپ- ئىچىش، كېلىپ -كېتىش سۇرۇنلىرىمىزدىكى «موللىلىرىمىز»نى سۇندۇرۇش، ئوقۇمۇشلۇقلارنى مەسخىرىگە ئېلىش ئۈچۈن دىيىلىۋاتقان ھەزىل چاقچاقلىرىمىزنىڭ ئورنىدا ئەمەس، ئەسلى كىنايە مەنىسى ئەكىس ئىتىپ تۇردىغان پەلسەپىۋى يەكۈن سۇپتىدە بىزنىڭ مۇھاكىمە نوقتىمىزغا ئۆتۈشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن دەپ قاراپ كۆپچىلىكنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىغا تاشلىدىم.
بىز زادى قانداق ئادەملەرگە ئەگىشىۋاتىمىز؟
مەلۇم بىر جۈمە كۈنى دىيارىمىزدىكى مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىمامى « ۋەتەنپەرۋەرلىك» ھەققىدە خېلى كۆپ ۋەز ئېيىتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا، شۇنچە كۈچىسەممۇ يەنىلا ماركىسىزىمنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك تەسىر بەردى. نە قىلاي مەنلا ئەمەس ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭمۇ ئىچى پۇشتىمۇ قانداق ئورنىدا قىمىرلاپ كىتىشتى. يەنە تېخى مەن زىيالى دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ باشقىلارغا گەپ بەرمەيدىغان بىر قىسىم قورساقنىڭ ، ئەمەل- مەنسەپنىڭ كويىدا ھالال نىكاھلاپ ئالغان ئايالىنىڭ يوتقان-كۆرپىسىنى باشلىقىنڭ ئۆيىگە سالىدىغان ماڭقۇرۇتلار ئوچۇق-ئاشكارە دىنىمىزنى ماركىسىزىمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغاننى ئاز دەپ ساددا خەلقىمىزنىڭ ھاجەتمەن قوللىرىغا بىرلگەن كىچىككىنە ماددىي بويۇمنىڭ ئارقىساغا يوشۇرۇپ نۇمۇسسىزلارچە تەشەببۇس قىلىشتى. بارا-بارا ئۇلارنىڭ كۈتىكىنى كىلىشكە باشلىدى ، چۈنكى : « ئۆردەككە سۇ يۇقمىغان بىلەن پۇتى ھۆل بولىدۇ» ئەمەسمۇ ! ئويلاڭكى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۇنداق « ماركىسىزىملىق دىن قارىشى» نى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟ ماركىسنىڭ دىن قارشى مەكتەپ يۈزى كۆرگەن ھەممە ئۇيغۇرغا ئايانغۇ ! ( بۇ يەردە باشلانغۇچتىن تارتىپ چەتئەلدە ئوقۇغانلار كۆزدە تۇتۇلمايدۇ) ئۇنىڭغا سۈلھى-سالاغىمۇ يول يوق. ئۇ «سۆزمەنلەر»نىڭ ھالىغا ۋاي دەيمەن- يۇ، يەنىلا ئىچىم پۇشىدۇ. چۈنكى كۆپ سانلىق خەلقىمىزنىڭ ئىخلاسى ۋە تەقۋاسى بىر ئاللاھقا خاس بولغىنى بىلەن تولىمۇ ساددا ھەم ئۆزىنىڭ ئىتىقادنى ئىممونىتلاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرمىگەن. پەقەت نەچچە ئۇششاق سۈرىلەرنى بىلىدۇ خالاس. بۇ ھال ساددا خەلقىمىزنى ئازدۇردىغان ئازغۇنلارغا يول ئېچىپ بەرمەكتە.
خەلقىمىزدە :« ئىمام يەل قويۇپ بەرسە ، جامائەت تىزەكلەپتۇ» دەيدىغان گەپ بار. بىزنىڭ باشچىلىرىمىزنىڭ زادى دىلىدا نېمە بار ؟ تىلىدىكىسى نېمىگە ھېساب؟ بىزدىكى دىل بىرلىكىنىڭ بولماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ مەسئۇلىيتى كىمدە؟ « قۇرئان كەرىم» بىر ، «قۇرئان كەرىم» گە ئىمان كەلتۈردىغان بۇ كىشىلەرنىڭ زددى نېمىشقا دىلى بىردەك ئەمەس؟
تېخى يېقىندىلا مەلۇم بىر كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك مەلۇم بىر « ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» تەرپىدىن :« ئۇ مۇسۇلمان ئەمەس » دېگەن باھاغا ئېرشىپتۇ. ئۇ «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» ئۇ جىنايەتچىگە باھا بىرىشتە دىنىمىز ئىسلامنىڭ تىنىچلىقنى سۆيىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئاساس قىپتۇ. بوپتۇ ئۇ تىنىچلىقنى بۇزغان مۇقۇملۇققا تەسەر يەتكۈزگەن بولسا قانۇن تەرپىدىن جازالاندى، ئەمما دەھرىي ھاكىميەتنىڭ قانۇنى ئۇ جىنايەتچىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالامدۇ؟
قانداق يىتەكلەشنى بىلمىگەن كىشىلەرگە قانداق ئەگىشىمىز؟
«قانۇن بىزنى قوغدايدۇ. » دەيدۇ بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز. توغرا قانۇن ئۇلارنى قوغدايدۇ، چۈنكى قانۇن ئەڭ ئالدى بىلەن ھۆكۈمران سىنپنىڭ مەنپەتىنى ئەكىس ئەتتۈردۇ ئەمەسمۇ؟
ئەمسە مەندەك پۇقرانى كىم قوغدايدۇ؟ كىمگە ئەگىشىشىم كېرەك ؟
باشتىلا ئېيىتقانمەن ئۆزۈمىنى باشقىلارنىڭ تارازىسىدا ئۆلچەشنى خالىمايمەن. بىزنىڭ ماڭىدىغان يولىمىز بىرلا. ئىتىقاد سۈلھى- سالاھ قوبۇل قىلمايدۇ.
ئاخىرىدا بىر دانىشمەننىڭ سۆزىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي:
«ئۆتمەس ئاتىنىڭ سۆزى
يېمە دەپ تۇرۇپ ھالۋىنى
بالىدىن بۇرۇن يېۋېلىپ ئۆزى.»
-ئىزىقۇت
|