- تىزىملاتقان
- 2013-3-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3502
- نادىر
- 0
- يازما
- 460
ئۆسۈش
57.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 17:46
ئەقىل بىر چىراق ! ئۆز سۆزىنىڭ ئىتىبارغا ئېلىنماسلىقى بىلەن باشقىلارغا تىل سېلىپ ،ھەرخىل نام قويۇپ، كۆڭلىگە ئازار بىرىش بىر چىدىماسلىق ! ئەقىلسىزلىق....نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس!
ئىلىم ئېلىش، ئۇنى ئۆز ئەمىيلىتىدە ئىشلىتىش، ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگىنىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۈگەنگىنىنى ئەملىيتىدە كۆرسىتىشمۇ ئەمەل قىلمىساق بولمايدىغان مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن .
ھىسسىياتقا بىرلىش ئادەمنى ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ خالاس!
باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش ، ئەخلاقسىزلىق ،تېىخى يىتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
ئۆز ئىددىيسىنى، ئىلمىيلىك بىلەن ئەمەس ،لەقەم بىلەن يامان سۆزلەر بىلەن باشقىلارغا تېڭىش نادانلىق خالاس!
پەن بىلەن - دىن بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ! بۇنىڭدا ھىچ ئىختىلاپ يوق.
( قۇرئان ) ،بولسا ئىنسانلارنى ئىلىم ئۈگىنىشكە چاقىرغان، گۈزەل ئەدەپ- ئەخلاقنىڭ ماكانى.
ھەرگىزمۇ ئىبادەت قىلىش بىلەنلا، ھەممە ھەققى ئادا تاپمايدۇ،
ئىبادەت قىلىمىزيۇ ،بەزىلىرىمىز، مەنمۇ مۇسۇلمان دەيدىكەنىمىزيۇ ،ئەمما گۈزەل سۆزلەرنى قىلشمۇ بىر مۇسۇلماندا كەم بولسا بولمايدىغان ئادەت ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنى ئاران تۇرۇدىكەنمىز چىقېۋالغىلى، بۇ ئىنتايىن يامان ئادەت .
موللىلىرىمىز ھەر جۈمە كۈنى شۇنچە بىزدىكى ئىللەتلەر توغرىلىق دەلىل- ئىسپات بىلەن تەلىم بەرسە ئاڭلايمىزيۇ، سىرىتقا چىقىپلا ئۆزىمىزنىڭ بىلەگەن سەنىمىگە دەسسەيمىز، ( ئازساندىكىلەر) دىيەلمەيمەن ، بەلكىم كۆپچىلىكىمىز شۇنداق ، ئۆز ئەملىيتىمىزدە شۇلارنىڭ دىگىنىنى قىلالىغان بولساق ، ئازىراق، شۇ جۈمە خۇتبىسدىكى موللاملارنىڭ تەلىپى ئەملىيتىمىزدە كۆرۈلگەن بولسا، بۇنچە رەھىمسىز، بۇنچە ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ، مەسئۇلىيەتسىز ، شەپقەتسىز بولۇپ قالماس ئىدۇق.
خۇلاسە- ھەممىنى موللىلارغا ئارتىپ قويمايلى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ،ئىسلام دىنىنى ساغلام يەتكۈزۈش،. ئۇلار تىرشىۋاتىدۇ! ( ئاز بىرقىسىم قوساق باقتىلارنى) ھىساپقا ئالمىغاندا.
زىيالىلار نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ مائارىپچىلار نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ ھەرقايسى كەسىپتىكىلەر ، ئالىملار ، يازغۇچى، ئەدىپلەر ، قانۇن ، ئەمەلدار..... ھەممىنىڭ ئۆز كەسپى ھەم ۋەزىپىسى بار .
بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى ھەم بەلگىلەنگەن.
مۇشۇلارنىڭ ئارىسدا ، ھەقىقى ئۈنسىز ئىشلەپ ئۆز بوينىدىكى ۋەزىپىسنى ئورۇنداشقا تىرشىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدەخەلىققە نەپ بىرىشتە، موللىلارلا يۇقىرى پىرسەنتنى ئىگەللەيدۇ.
شىنجاڭدا 20مىڭدىن ئارتۇق مەسجىت باركەن ، دىمەك 20مىڭ ئىمام بار، 20مىڭ مەزىن بار، بىزنىڭ نوپۇسىمىزغا سېلىشتۇرغاندە شۇنچە ئاز. بىراق خىزمەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىە قىلساق، كىشلەرگە تەسىر قىلىشى، توغرا يولغا يىتەكلىشىنىڭ ئۈنىمى ھەممە ساھەنى بىسىپ چۈشىدۇ!
باشقا كەسىپتىكىلەرمۇ تىرشىۋاتىدۇ ، بىراق ھەممە ساھەدە ، چىرىكلىك ، مەنسەپپەرەسلىك ، خۇشەمەتچىلىك يامراپ ، خەلىققە ھەقىقى نەپ يەتكۈزۈشتىن خېلىلا يىراق!
توغرا بولغان، يىتەكچى ئىسلام دىنىمىزنى قوغداش ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش پەقەت شۇئار بولۇپ قالماستىن ، بەلكى سۆز - ھەركىتىمىزدە ئىپادە تېپىشى زۆرۈر. تور دۇنياسىدىمۇ شۇنداق بولىشى كېرەك. بەلكى بىر- بىرىمىزنى كۆرەلمىسەكمۇ ....
رەسۇلىللا سەللەلاھى ۋەسسەلەم - ئاللاھ! گۈزەل سۆزقىلىشنى ، گۈزەل يۈرۈشۈڭلارنى( ھايا بىلەن ) ھەممىدىن بەك ياقتۇرىدۇ . دىيگەن.
ھەمىمىز قېرىنداش! بىر-بىرىمىزگە ئالدىراپ تىل سالمايلى، شەيتان قوشۇنىغا ئەزا بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ئالدىراپ پەتىۋا بەرمەيلى،چۈنكى ، دىنغا پەتىۋا بىرىشكە سىز - بىزلەرنىڭ سالايىتىمىز توشمايدۇ!
چۈنكى،ئىسلام دىنىغا پەتىۋا بىرىش ئۈچۈن ، مەلۇم ئىسلام ئالىي بىلم يۇرتىنى پۈتتۈرۈپ بولغان بولشىمىز، ئاندىن پەتىۋا كومتىتىغا تاللاپ قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، 3 يىل ئەتىراپىدا يەنە پەتىۋا ئىلمىدا بىلم ئاشۇرغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەقىقى پەتىۋا كومتىتىغا ئەزا بوللايسىز، شۇندىمۇ يەنە، سىز ھەممىگە ئورتاق پەتىۋا بىرىش سالايىتىگە ئېرىشەلمەيسىز ، چۈنكى ئىسلام دىنىمىزنىڭ ھەرقايسى شاخ چە مەسلىلىرىگە قارىتا مەسلەن( ناماز، شەرىئەت، ئۆرۈپ-ئادەت ...) دىگەندەك ئايرىم- ئايرىم بۆلۈملەردە خىزمەت قىلىپ، شۇ ساھەدىكى پەتىۋاغا دەلى كەلتۈرۈش خىزمىتى قىلىسىز دىگەن گەپ.
مانا مۇشۇنداق تۇرۇپ بەزىلىرىمىز ئازغىنە بىلمىگە تەمەننا قويۇپ ھەممە ساھەدىكى ، قەيەردىن سۆز چىقسا شۇنىڭغا، ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا بىرىشى تۈپتىن خاتا !
ھەم پەتىۋا بىرىشمۇ دەلىل- بىلەن كەلتۈرۈلگەندە ئاندىن ،ھەقىقى پەتىۋا بەرگەن ، ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان بولىمىز.
ناۋادا ،باشقىلاردىن ئاڭلىغان پەتىۋا بولسا ،سىز باشقلارغا دىسىڭىز ، ناۋادا خاتا ھەدىس بولۇپ ، باشقىلار شۇ يەتكۈزگىنىڭىز بويىنچە ئىش تۇتسا ، پۈتۈن گۇناھ سىزنىڭ زىممىڭىزگە ئارتىلىدۇ، شۇ كىشى ھەقىقى توغرا ھەدىسنى ئىشتىپ بىلگەنگە قەدەر، شۇ كىشىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىمۇ سىزگە يىزىلىپ ماڭىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولالىسىڭىز توغرا بولسا يەتكۈزگەيسىز، بولمىسا سۈكۈت ياكى داۋاملىق بىلمىگەن بىلىمنى ئىزلەپ ئۈگىنىشىمىز لازىم.
شۇڭا ، ئىسلام دىنىدا ( پەتىۋا ) بىرىش سالاھىيىتى بولمىغانلارنىڭ، پەتىۋا بىرىشى قاتتىق چەكلەنگەن.
شۇڭا ، ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولۇپ ، ئىلمىي ، دەلىل- ئىسپات بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلايلى! ئۆز ئىددىيىمىزنى باشقىلارغا تېڭىپ، كۆڭۈل ئاغرىتىش مۇ، دىنىمىزدا چەكلەنگەن.
قارشى پوزىتسىيدە بولۇش نورمال ئەۋال . تىمىدىن بىراقلا چەتنەپ ئېغىز كۈرشى قىلىش بىر ، بىلىمسىزلىك ، نادانلىق ، ناچار ئادەت.
ھەركىم ئۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سالاھىيتىگە ئىگە. شۇڭا قارشى پىكىر بىرىلسە ، دەلىل بىلەن سەۋىرچانلىق بىلەن ،قايىل قىلىپ توغرا يولغا باشلاپ قويۇش ھەر بىر مۇسۇلمانمەن دىگۈچىنىڭ مەسئۇلىيتى ! ئاللاھ! ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىغىن !
، |
|