- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3567
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
52.23%
|
تۈنۆگۈن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتقۇچىلار ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن قىسقا يىغىن ئېچىپ ، 10 نەچچە تۈرلۈك بىر ئۇقتۇرۇشنامىنى ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزدى . ( مەن ئىشخانىدا مەلۇم ئىشلار بىلەن بولۇپ قېلىپ كىيىن قېلىپ تولۇق ئاڭلىيالمىدىم )
ئاڭلىغان تەرەپلىرىم :__ مائارىپ ئىدارىسى يەنە يىغىن ئېچىپ شەنبە - يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشنىڭ ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالغانلىقى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ، دەم ئېلىش كۈنىدە كىلىپ سىياسىي ئۆگىنىش قىلىش ( مارالبىشىدىكى 23 - ئۈمىد ( ئاپرىلنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ) ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن سىياسىي ئۆگىنىش قىلغۇدەكمىز ) ۋە كەسپى رەسمىيەتلىرىمىزنى تولۇقلاش ئىشلىرىنى قىلىغۇدەكمىز .
ئاجايىپ ئىش ھە ! بىزدە ، « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ » دىگەن گەپ بار .
مىنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى ئەمەس . مۇشۇ قارارنى چىقارغان ئەپەندىنىڭ ئالدىغا بېرىپ :
__ سىز « يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى بېرىڭ ! » دىسە ئۇنى غىڭ قىلمايلا تۆلىۋىتەمسىز ؟ دىسە ، ئۇ :
__ ئەلۋەتتە تۆلەۋىرىمەن ! __ دىمەس ھەقاچان ؟!
بىز ئوقۇتقۇچىلار قايسىبىر قىلىپ قويغان گۇناھىمىزغا 5 كۈن جاپالىق ئىشلەپ ، مىڭىمىز چارچاپ ، ئەمدى بىر ئارام كۈنى كەلگەندە دۆلەت قانۇندا بەلگىلىگەن دەم ئېلىش كۈنىمىز مۇشۇنداقلا بىكار قىلىنسا ، بۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان ئورۇن ياكى مەسئۇل خادىم يوقمۇ ؟!
ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ خىزمەت بىسىمىمىز ئازمۇ ؟
مىنىڭ بۇنداق دىيىشىم ھەرگىزمۇ سىياسىي ئۆگىنىش توغرا ئەمەس ! كەسپى رەسمىيەتنى ئىشلىمەيمىز ! _ دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ . ھەممە ئىش ئۆز يولىدا ، ئۆز لايىقىدا بولغىنى ياخشى .چۈنكى بىزمۇ ئوخشاشلا جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى ئەمەسمۇ ؟! بىزنىڭ قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنىدىن بەھىر ئېلىش ھوقوقىمىز يوقمۇ ؟ تەتىل تېخى تەتىلدەك بولمىسا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىز تېخى ! سەككىز سائەت تولۇق ئىشلەپ يەنە كەسپى باقاۋۇلدەك ( ئامانلىق ساقلىغۇچىدەك ) مەكتەپنى ساقلىساق ، بۇ ئۇزۇن كېچىلەردە كۆزلەر ئۇيقۇغا كەتسە ، نەق شۇ چاغدا يۇقۇرىدىن تەكشۈرۈش كەلسە ئۇنىڭغا تېخى جەرىمانە تۆلىسەك ؟!
بەزى يېزا - بازاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئامانلىق ئۆيىدىن پەقەت بىرسىلا بار بولۇپ ، ئاستى - ئۈستى كارىۋاتتا مەكتەپتىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلارمۇ ، ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىللە تۇرىدىكەن . ( بەزى مەكتەپلەردە 24 سائەت تولۇق تۇرىدۇ . بۇ ئىشلارنىڭ ئىسپاتى ئەلۋەتتە بار ) .
بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيى يوقمۇ ؟ ئايالى ، ئەرلىرى يوقمۇ ؟ ئۇششاق بالىلىرى يوقمۇ ؟ كېسەلچان ئاتا - ئانىلىرى يوقمىدۇ ؟ !
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى ھەر ساھە پۇقرالاردەك قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن بەكمۇ _ بەكمۇ ئۈمىد قىلىمىز !
|
|