- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3567
- نادىر
- 0
- يازما
- 221
ئۆسۈش
52.23%
|
تېخى بۈگۈن ( 2013.5.20 ) بىزنىڭ بۇ مەكتەپكە « ئاپتونوم رايۇننىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى كىلىدۇ » دىگەن گەپ بىلەن ئەتتىگەندە 1 - سائەتلىك دەرسنى قالدۇرۇپ ئوقۇتقۇچى - ئوقوغۇچىلار بىلەن ئوموميۈزلۇك چوڭ تازىلىق قىلىندى . سىنىپ مۇدىرلىرى نەچچە ۋاقتىن بېرى كۆرۈپمۇ باقمىغان « ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئېلىش جەدۋىلى » نى ( نەچچە ئايلىققۇ دەيمەن ) بىر سائەتتە تولدۇرۇپ بولۇش تەلەپ قىلىندى ( ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قول قويىدىغان جەدۋەل ) . چۈشتىن كىيىنكى 1- سائەتلىك دەرس يەنە قالدۇرۇلۇپ يەنە چوڭ تازىلىق قىلىندى . ئارقا تەرەپتىكى كونا ئوقۇتۇش ئۆيلىرىدىكى 9 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىي بىنادىكى 9- يىللىقلارغا ، 4 - قەۋەتتىكى 7 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى 1- 2- 3- قەۋەتتىكى ئوقۇغۇچىسى كەم سىنىپلارغا تولۇقلاندى ھەم دەل ۋاقتىدا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا « يېڭى ئسىم » قويۇپ ئۈلگۈردى .
ئۇندىن باشقا شەكىلۋازلىق دىگەن تالاي - تالاي ...
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇق پۇلى 3.00 يۈەنمىش ، ئەمما مىنىڭچە ئۇلار بەرگەن يىمەكلىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ، ئاساسەن تولۇق يەتكۈزۈلگىنى بىلەن ئۇنىڭ قىممىتى 1.80 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشى مومكىن . ( بىر دانە تۇخۇم ، بىر خالتا سۈت ، بىر تال « ئابلاجان توقىچى » )
ئالدىقى ماۋسۇمدا يۇقۇرىدىن كەلگەن خەنزۇ كادىر مىنىڭ سىنىپىمنى تىلغا ئېلىپ ( ئەمەلىيەتتە ھازىر بۇ سىنىپىم تارتىپ ئېلىندى ) سىنىپ مۇدىرى كىرسۇن ! دەپ مىنى چاقىرتىپتۇ . ئۇلار چاقىرتقان ئىشخانىغا كىلەي دىگەندە مەكتەپ مۇدىرى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ :
__ ئەگەر باشلىقلار مەكتەپتە قالايمىقان ھەق ئالىدىغان ئىشلار بارمۇ ، كېچىكىپ كەلگەنلەردىن جەرىمانە ئالىدىغان ئىش بارمۇ ؟ دەپ سوراپ قالسا ، __ ياق ! ئۇنداق ئىش يوق ! دەيمىز جۇما ! قانداق گەپ بولسا كىيىن ھەل قىلساق بولىدا ! .__ دىدى . مەن كۈلۈپ تۇرۇپ :
__ نىمىشقا ؟! __ دىدىم ، ئۇ « زات »داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى ، چۈنكى ئۇنداق ئىشلار مەكتەپتە بار ئىدى . ئارىلىقتا مىنى ئالدىراتتى ، مەن كىرىپ كەتتىم . ئۇ كادىرمۇ ئۇ توغرىسىدا سورىماي ، سىنىپنىڭ ئاھۋالىنى سورىدى .
ئىشقىلىپ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ، ھەر تۈرلۈك ئىسراپچىلىقلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ .... |
|