- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 84
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
28%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nahxa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-13 11:59
تىما ئىگىسى قېرىندىشىمغا:
سىزنىڭ مەخسىدىڭىزنى چۈشەندىم. سىز ئۈزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتى ئۈچۈن سۆۆزلەپتىكەنسىز. بۇنى مەن قوللايمەن. بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان ۋە ئۇقۇتقۇچىنى چۈشۈنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىسىنىڭ ئارزۇسى شۇنداق. لېكىن بىز نۇرغۇن مۇددىئا مەخسەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز ئەمما قوللانغان ئۇسۇلۇمىز مۇۋاپىق بولمىسا نەتىجە كۈڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. سىز توردا يۇقارقى تىمىنى يوللاپ تور ئەھلىگە بايان قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپسىز. توغىرا بۇلۇپتۇ. . چۈنكى توردىكى ئىنكاسلارنى كۆرگەنسىز. ئىنكاسلار ئەركىن چەكلىمىسىز ئوتتۇرغا قۇيۇلۇدۇ. نۇرغۇن ئىنكاسلارسىزگە زور ئىلھام ۋە مەدەت بىرىدۇ سىزگە توغىرا يولنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلار سىزنى يولۋاستەك قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا ئاسماننىڭ قەھرىگە چىقىرۋىتەلەيدۇ. لېكىن ھەقىقى ياردەم بىرەلمەيدۇ. سىزنىڭ تىمىڭىز ۋە ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ بىلىملىك، غۇرۇلۇق ۋىجدان ئىگىسى ئىكەنلىگىڭىزنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
تەكلىۋىم:
1. مەكتەپ مۇدىرى بىلەن 3 قېتىم سۆزلىشىپ بۇلۇپسىز ئۈنىمى بولماپتۇ. ئەمدى سىز مەكتەپ مۇدىرىنى باشقۇرالايدىغان ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەتكە ئەھۋال ئىنكاس قىلىڭ. بۇ ئۇسۇل سىزگە ۋە بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارغا ياردەم بىرەلەيدىغان توغىرا سىياسەت ۋە ھۆججەت چىقىرىپ بىرەلەيدۇ
2. سىزمۇ مەكتەپ مۇدىرى بۇلالىغىدەك بىر ئادەم سىزمۇ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ ئولتۇرماي مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ باشقا مەكتەپ مۇدىرى قىلالمىغاننى سىز قىلىڭ! (ئۆمىرىڭىزدە بىر قېتىم خۇشامەت قىلىپ بېقىڭ ئۇلۇق ئاللا كەچۈرگەي)
3. سىز بىلىم ئىىگىسى. ئىشلارنى ئەتىراپلىق ئويلىيالايسىز. مەن ئۇقۇتقۇچى بولغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان 5-4 مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرگە ئىشلەپ كەلدىم ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش. مەنمۇ شۇلارنىڭ ئالدىدا خەپ! دىگەن ئىدىم...
4.بىلىپ قېلىڭ. ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنىنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مۇستەققىل ئىجىرا قىلىدىغان ياكى ئىجىرا قىلمايدىغان ھۇقۇقى بولمايدۇ. بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەتلەر، جەمىيەت، ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچى ھەم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ،
5. سىز تىمىڭىزدا بارلىق ئىشلارنى مەكتەپ مۇدىرىدىن كۈرۈپسىز. لېكىن ئىنكاسىڭىزدا مەكتەپ مۇدىرىنى ئەسكى دىمىدىم دەپ ئەسلى تىمىڭىزنى ئىنكار قىلىپسىز. ماڭا ئويلۇنۇش پۇرسىتى بەرگەندەك ئۈزىڭىزمۇ ياخشىراق ئويلۇنۇپ بېقىڭ. ھازار جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى كەچۈرۈڭ! (ھازار) بۇلۇپ قاپتۇ.(ھازىر) دەپ تۈزۈتۈپ ئۇقۇيارسىز |
|