- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11410
- نادىر
- 0
- يازما
- 594
ئۆسۈش
3.53%
|
بىلگەجان : كوپيىيىش ھۇجەيرىلىرى يېتىلىش جەريانىدا سان كېمەيتىپ بولۇنۇش ئېلىپ بارىدۇ . بۇ جەرياندا ئىسپىرما ۋە تۇخۇم ھۇجەيرىلىرىدىكى خرومۇسۇملاردا سان كېمەيتىپ بولۇنۇش ئېلىپ بېرىلىپ ، يېتىلگەن ئىسپىرما ھۇجەيرىسى ۋە تۇخۇم ھۇجەيرىسىدىكى خرومۇسۇملارنىڭ سانى يېرىمى كاملاپ ، 23تالدىن خروموسومغا ئىگە كوپىيىش ھۇجەيرىلىرى يېتىلىپ چىقىدۇ . بىز تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىولوگىيە كىتابىدا شۇنداق سۆزلەيتتۇق،ئون يىل ئاۋۋال .ھازىر دەرسلىك كىتابلاردا قانداق مەزمۇنلار بار مەن بۇنى بىلمەيمەن . چۈنكى مەن ھازىر تولۇق ئوتتۇرىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى كۆرۇپ باقمىدىم . شۇ يىللاردا شۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بولۇپ ،دائىم ئويلاپ قالاتتىم : ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۇجەيرىسىدىكى خروموسوملار ئاتا ھەم ئانا تەرەپتىن كەلگەن بولۇپ ، كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بەلگىلەرمۇ ھەم ئاتا ھەم ئانا تەرەپكە ئورتاق بولىدۇ ، لېكىن نىمىشقا ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ، مەسىلەن ئىنسانلارنى مىسالغا ئالساق ، نېىمىشقا ئاتىلىق ئىرسىيەت شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ ،ئەۋلادلار كوپىنچە ئاتا تەرەپنىڭ بەلگىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىكەن . بىر ئائىلىدە ئالتە بالا بار دىسەك ،بۇ ئالتە بالىنىڭ ئىچىدە بەش بالا ئاساسەن ئاتا تەرەپنى تارتقان بولىدىكەن ، بىرەر بالىدا ئانا تەرەپنىڭ بەلگىلىرى ئىپادىلىنىپ قالىدىكەن . خەلق ئىچىدىمۇ دائىم ئاتىلىق ئىرسىيەتنىڭ كۈچلۈكلىگىكە قايىل بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز .ئەجەبا ئاتا تەرەپنىڭ كوپىنچە بەلگىلىرى ئاشكارا گېن تەرىپىدىن ، ئانا تەرەپنىڭ بەلگىلىرى يوشۇرۇن گېن تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىپ تۇرامدۇ ؟بۇمۇ ناتايىن ،ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ ؟
بىلگەجان مېنىڭ سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشقۇدەك بىلىمىم بولمىسىمۇ پەقەتلا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئويلاپ يۇرگەن بۇ مەسىلىنى سىزدىن سوراپ باققۇم كەلدى ،خالاس . مەن بۇلارنى كۆزىتىشكە ئاساسەن دېگەن بولساممۇ ،لېكىن بۇنى ھەقىقەت دەپ قارايمەن . بولمىسا سىزمۇ ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىزكەن ، ھەرقايسى ئائىلىلەردە ئاتىسىغا ئوخشايدىغان بالىلار جىقمۇ ياكى ئانىسىغا ئوخشايدىغان بالىلار جىقمۇ ؟ |
|