قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4018|ئىنكاس: 200

29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 959
توردىكى ۋاقتى: 453
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 03:23:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
                                                                    29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبى


      مەن قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ شەكىل نەزىريىسى ۋە ئۇنىڭدىكى 29- تىئورما ھەققىدىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ، بۇ نەزىريىگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم، ھەم دائىم مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئىلگىرى بۇنداق ئېغىشنىڭ ۋاككىئومدا ئېغىشىغا گۇمانى قاراشتا بولغان، چۈنكى مەن جىسىمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلغاندا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىش تەرەپكە ئاغىدىغالىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولساممۇ، ئەمما بۇنىڭدا ھاۋانىڭ تەسىرى بار، دەيدىغان قاراشنى قۇۋۋەتلەش تەرەپدارىدا ئىدىم.  لىكىن ئۇ نىمە ئۈچۈن ئاغىدۇ؟- ئۇنىڭ نىمە ئۇچۇن ئاغىدىغىنىنى ئويلىماي دىسەممۇ كاللامدىن چىقىرۋېتەلمىدىم . بۇ ئىش كاللامغا كىرىپلا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن خىيالىمنىڭ ئىختىيارىغا قويىۋەتتىم. ئاخىرى 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۇنىڭ  ۋاككىئومدىمۇ ئاغىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم ۋە ئۇنىڭغا  مۇتلەق ئىشەندىم.
          بۇنىڭدا مەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ، سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان دېسكىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۇرۇپ ئۆتەي. دېسكا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا،  ئايلىنىش يۆلىنىشىگە ئوڭ تاناسىپ ھالدا ئاغىدۇ. سەۋەبى دېسكا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا، دېسكا چەمبىرىكىنىڭ  ئىچكى تەرىپى، يەنى ئايلىنىش يونىلىشىگە ئوڭ تاناسىپ  ئېغىش ھاسىل بولغاندىكى ياينىڭ ئىچكى تەرىپى، نىسبى مۇقىم ھالەتكە ئۆتۇپ، دېسكا چەمبىرىكىنىڭ سىرتقى  تەرىپى نىسپى تېزلىكنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇخىل ھەركەت شەكلى ئۇدا داۋاملىشىپ ئاخىرىدا بۇلۇڭلۇق ھەركەتنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرلىتىپ، باشتا بىرقەدەر نىسبى بولغان تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن تېزلا بۇلۇڭلۇق ھەركىتى ئارتىپ، بېكخامنىڭ توپىنىڭ باشتا بىرقەدەر تۇز سىزىق بويىچە مېڭىپ ئاخىرىدا بىراقلا ئېغىپ كەتكىنىدەك ھالەتنى شەكىللەندۇرىدۇ.   ئۇنداقتا ‹‹نىمە ئۈچۈن دېسكا ئايلىنىش يونىلىشىگە ئوڭ تاناسىپ  ئېغىش ھاسىل بولغاندىكى ياينىڭ ئىچكى تەرىپى  نىسبى مۇقىم ھالەتكە ئۆتۇپ قالىدۇ؟›› دىگەن سۇئال كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى توۋەندىكى رېسىمدا چۈشەنددۈرۈلگەندەك، جىسىم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ تۈز سىزىقلىق ھەركەت ئىنىرتسىيىسىگە ئىرىشكەندىن كىيىن، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بىر تەرىپى، ئەسلى ئىلگىرلەۋاتقان ئىنىرتسىيىگە ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ۋە شۇ ئوڭ تاناسىپ بولغان ئورۇننىڭ سۇرئىتى ئارتىش ھالىتىدە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يەنەبىر تەرىپى ئەسلى ئىلگىرلەۋاتقان ئىنىرتسىيە كۈچىگە نىسبەتەن قارشى يونىلىشتە بولغاچقا، ئەسلىدىكى ئىنىرتسىيە كۈچى بىلەن قارشى يونىلىشتىكى كۈچ ئۆز ئارا يىيىشىپ كىتىپ، ئوڭ تاناسىپ بولغان تەرەپ داۋاملىق ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىدىغان، قارشى يونىلىشتىكى تەرەپ، كۈچنىڭ خورىشى سەۋەبىدىن نىسبى مۇقىملىققا ئوتۇشكە ئىنتىلىدىغان شارائىت شەكىللىنىپ، جىسىمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلغاندا، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىگە ئوڭ تاناسىپ ھالدا ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
       رەسىمنىڭ چۈشەدۇرىشىدە ئاخىرىدا قېپقالىدىغان ئىنىرتسىيىلىك كۈچ ھېچقانداق خوراش يۈز بەرمىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمىلىيەتتە قانچىلىك خورايدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بۇنى ئىنچىكە ھېساپلاش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. بۇنى ھېسپلاش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنى ھېساپلاشنى خالىغان ماتىماتىكلارغا قالدۇرغىنىم تۈزۈك.
          دىمەك ئېنىقكى بۇنداق ئېغىش ۋاككىئومدىمۇ مۇتلەق يۈز بېرىدۇ. شۇڭا قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ 29- تىئورمىچە ئېغىشىنى توغرا دەپ قارايمەن.
سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىگى تۇپەيلى خاتالىقلاردىن خالى بولالماسلىقىم تەبىئى. كوپچىلىكنىڭ ياردەم پىكرىدە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.



7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5216
توردىكى ۋاقتى: 562
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 03:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ، ۋاكۇئۇمدىكى ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ تۇزسىزىقلىق ھەرىكەت داۋامىدا ماسسا مەركىزىدە تەۋرىنىش يۇز بىرىدۇ ، بىر دولقۇن دائىرىسدە ئاغىدۇ ئەلۋەتتە . تىمىڭىزغا رەھمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 08:27  

رەھمەت تېمىڭىزغا ئۇيغۇن ئەپەندىم،ئوبرازلىق چۈشەندۆرۆش بولۇپتۇ.بۇنداق ئېغىش ۋاكىئومدا يۆز بەرمەيدۇ،دىيىلسە،ھەرقانداق جىسىم،ھاياتلىق مەۋجۆت بولمىغان بولاتتى.بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ھەر دەقىقىدە مۇشۇنداق ئېغىش يۇز بېرىپ تۇرىدۇ،شۇڭا بىز مەۋجۆت،ئەگرىلىك تەبىئەتنىڭ ئۆگەي بالىسى ئەمەس،ئەكسىچە بۇ بىر قانۇنىيەت.مىكرۇدۇنيادىكى ھەركەت ئەگرىلىكلىرىنى بىرنوللى قانونى ،ماگنوس ئىففىكىتى قاتارلىقلار بىلەن ئەسلا چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە تېخىمۇ مىكرۇ قاتلاملاردىكى ئەگرىلىكلەرنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچتىن باشقا ھەرقانداق ئۇز ئارا تەسىر ئىدىيىسى بىلەن چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ.ھەركەتنىڭ بۇنداق ئەگرىلىكى ماددا ئۇزىدە ئەزەلدىن بار بولغان،سىتىخىيىلىك خۇسۇسىيەت.بۇنىڭ سەۋەبىنى بولسا تېمىڭىزدا دەپ ئولتۇرۇپسىز مانا.بۇنداق ئېغىشنىڭ تېگى تەكتى ھەتتا نىيۇ تون تىلغا ئالغان«تۇنجى تۆرىتكە»گە بېرىپ توختايدۇ.مۇئەييەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەپ كېتىۋاتقان ،ھەم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان سېستىمنىڭ نەق يېرىمىنىڭ ھەركەت يۆنىلىشى،كىتىپ بارغان نىشاننىڭ ئەكسى تەرىپىگە بولىدۇ،سېستىما دەل مۇشۇ تەرەپكە ئاغىدۇ.بۇنداق ئېغىشنى مەيدانغا كەلتۆرگەن تۇنجى سەۋەپ (مەسىلەن بىكھامنىڭ تېپىكى)مۇستەسنا قىلىنسا ،قالغان جەريانلار پۆتۆنلەي ئىنىرتسىيىلىك ئېغىش جەريانى بولۇپ قالىدۇ.ھاۋانىڭ يۆنىلىشلىرىدىن بۇنداق ئېغىشقا ھاۋانىڭ قارشىلىق قىلىدىغانلىغىنى،ئەسلا بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەپچىسى بولالمايدىغانلىغىنى كۇرۇپ ئالغىلى بولىدۇ.بۇرۇن سىزغان بىر رەسىمىدىڭىزدىمۇ بۇ ئىدىيە ئەكىس ئەتكەن،"ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش"تىكى رەسىم ۋە ئىزاھ مانا:

*

سۆرەتلەرنى سىزىپ بەرگۆچى ئۇيغۇن ئەپەندى


بۇ سۆرەتتە،ئىككى يېرىم شارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ نىشانغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغانلىغى،ئوڭنىڭ نىشانغا قارشى يۆنىلىشتە،سۇلنىڭ ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالايمىز.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 08:40  
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 03:57
تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ، ۋاكۇئۇمدىكى ئايلىنىۋاتقان جى ...

مۇھاكىمە ئەپەندىم، ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان،ئۇزگەۋدىسى ئىچىدە ئۈزلۆكسىز ماددى رىياللىق ھېساپلىنىدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭمۇ "ماسسامەركىزى"بۇلامدۇ؟.ياكى بۇنداق زەررىچىلەرنىڭمۇ ماسسا مەركىزىدە تەۋرىنىش يۆز بىرىدۇ،دەپ قاراشقا بولامدۇ؟.

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5216
توردىكى ۋاقتى: 562
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكا ۋە فىزىكا نوقتىسىدىن ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە بولمىغان،ئۇزگەۋدىسى ئىچىدە ئۈزلۆكسىز ماددى رىياللىق ھېساپلىنىدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەرنىڭمۇ "ماسسامەركىزى"بۇلىدۇ ۋە بۇنداق زەررىچىلەرنىڭمۇ ماسسا مەركىزىدە ھەركەتكە ئەگىشىپ تەۋرىنىش يۆز بىرىدۇ،دەپ قاراشقا بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ سەۋەبى

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 03:57
تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ، ۋاكۇئۇمدىكى ئايلىنىۋاتقان جى ...

مۇھاكىمە ئەپەندى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز?

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 5216
توردىكى ۋاقتى: 562
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 08:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدۇ، ھازىرچە ئايرىم چۇشەنچە بىرەي.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 09:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-13 09:32  
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2013-9-13 08:50
ماتىماتىكا ۋە فىزىكا نوقتىسىدىن ئىچكى تۆزۆلۆشكە ئىگە  ...

بۇ ،بىر چۈشەندۆرۈش ئۇسۇلى مەسىلىسىمۇ،يەنى چۈشەندۆرۆش ئېتىياجىدىن بىز سوبىكتىپ ھالدا تاللىۋالغان قورالمۇ ياكى ھەققەتەن ھەقىقى مەنىدىكى ئاسساسى زەررىچىلەردە ئەنە شۇنداق بىر ئەمىلى مەركەز بار دەپ قارىلامدۇ؟.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )