بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nahxibandiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-18 11:01
ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ ھوقوققا لايىق شەرتلىرى
1-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادى.
2-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى ئىران شاھلىرىنى قىز تەرەپ ئەۋلادى.
3-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى سالجۇقىيلار ئىپرىيىسىنىڭ قىز تەرەپ ئەۋلادى .
4-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى قاراخانىلار خان ئەۋلادىدىن.
مانا مۇشۇ شەرتلەرنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ ھەققى سەلتەنەتكە لايىق ساھىپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇ.
شەرھى ----
1-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئانىمىزنىڭ پۇشتىدىن تارالغان.يەنى بۇنەسەپ بويىچە 27- ئەۋلاتتۇر بۇنىڭ سىلسىلى بۇرۇن تورلارغا بېرلگەن.
2-ئىران شاھلىرىنىڭ ئەۋلادى--ھەزرىتى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا، يەنى مىلادى 637-يىلى ‹‹قادىسىيە ئۇرۇشى››دا ئىران پەتىھ قىلىنىپ، ئىران پادىشاھى يەزىد جىرانىڭ ئۈچ مەلىكىسى ئەسەرگە ئېلىنىپ،ھەزرىتى ئابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلىغا بىرى،بىرى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنۇھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرگە،بىرى ھەزرىتى ئەلى رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىمام ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق قىلنغان.ئىمام ھۆسەيىنگە ياتلىق بولغان مەلىكنىڭ ئىسمى شەھرى بانۇ بولۇپ،ئىسلام تارىخىدا ناھايىتى مەشھۇردۇر ،ئۇنىڭ ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن قىلغان نۇرغۇن دىئولوگى بار.بۇ مەلىكىلەردىن ناھايىتى مەشھۇر ئالىملار دۇنياغا كەلگەن.بۇ ئالىملار تابىئىنلارنى مەشھۇر رەھبەرلىرىدىن بولغان.ھەزرىتى ئابەكرى سىدىقنىڭ ئوغلى مۇھەممەدكە ياتلىق بولغان مەلىكىدىن قاسىم ئىبنى مۇھەممەد،ھەزرىتى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرگە ياتلىق بولغان مەلىكىدىن تۇغۇلغان سالىم ئىبنى ئابدۇللا،ھەزرىتى ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولغان مەلىكە شەھرى بانۇدىن تۇغۇلغان زاينۇل ئابىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئىدى.زەينۇل ئابىدىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شىئە ئىماملىرىنىڭ بوۋىسىدۇر.ئاپپاق خوجام دەل مۇشۇ زاتنىڭ ئەۋلادىدۇر.بۇ جەھەتتىن ئاپپاق خوجام ئىران شاھلىرىنىڭ شاھزادىسىدۇر.
3-مىلادى 1016-يىلى تۈرۈكلەر توغرۇلخانىڭ يېتەكچىلىكىدە،غەرىپتە تۈركيەدىن تارتىپ ،شەرىقتە قەشقەر چېگىرلىرىگىچە بولغان پىپايان زىمىندا بۈيۈك سالجۇق ئىمرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى.1118-يىلى ئەخمەد سەنجەرى(مۇئازىدىن)دەۋرىگە كىرگەندە، ھەتتا قەشقەرتەۋەسىگىچە ئىچكىرلەپ كىردى ،قەشقەردە سۇلتان سەنجەر مازىرى دىگەن مازار بار.دەل بۇ سۇلتاننىڭ تۇققانلىرىدىن سۇلتان مۇئازىدىن دىگەن كىشى ،ئۆز كەنىتكە خان ئىدى.ئۇنىڭ خانىشى ۋە سۇلتان سەنجارنىڭ خانىشىمۇ قارىخانىلارنىڭ مەلىكىلىرىدن ئىدى.بولۇپمۇ ئىلىك خان سۇلتان ئىلىك مۇائازىدىننىڭ قىزى فەرۇخ جامال پەيغەمبەر ئەلەيسىلامنىڭ 17- نەبىرسى سەئىد كامالدىنغا ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن، مىلادىن 1110-دىن كېيىنكى يىللارغا توغرا كېلىدۇ،بورھان قېلىچىدىن ئىسىملىك پەرزەت دۇنياغا كەلگەن .بورھان قېلىچدىن دەل ئاپپاق خوجامنىڭ تۈرۈكلەشكەن بوۋىسىدۇر.ھەم سالجۇقى شاھزادىسىدۇ.
بورھان قېلىچىدىننىڭ ئانىسى دادا تەرەپ سالجۇقىلار مەلىكىسى ،ئانا تەرەپ قارخانىلار مەلىكىسىدۇر.بورھان قېلىچىدىن سۇلتان ئىلىك مۇئازىدىن كېيىن ئۆزكەنتنى مەركەز قىلغان ئىلىك خانلىققا مۇستەقىل ئىلىكخان بولۇپ ئۆتكەن.قارخانىلارنىڭ ۋە سالجۇقىلارنىڭ قانۇنلۇق ئىلىكخانىدۇر.
4-ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ ئانىسى زىلەيخا بېگىم قارخانىلار پادىشاھى ھەسەن بۇغراخانىڭ ئەۋلادىدۇر.قارخانىلار خان جەمەتىنىڭ ئەۋلاتلىرى يەركەن سەئەدىيە زامانىدا كېرىيە،قارقاش ۋە قۇمۇل تەرەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇپ سۈرگۈن قىلىنغان.شۇ چاغدا زىلەيخا بېگىمنىڭ دادىسى مىر سەئىدجەلىلىنىڭ بوۋىلىرى قۇمۇلغا سۈرگۈن قىلىنىپ كېلىنگەن.دىمەك ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ ئانىسى زىلەيخا بېگىم قارخانىلار مەلىكىسىدۇر.
بۇ پاكىت تارىخى كىتاپلاردا قانچە رەت تىلغا ئېلىنغان ،پوللاتتەك پاكىت .ئۆچمەنلىك بىلەن بۇلارغا كۆز يۇمۇپ كازاپلەرچە سۆزلەش نامەرتلىكتۇر...ھەم ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس.بۇ تارىخى مەسئوليەتسىزلىكتۇر.شەرپلىك كىشلەرنى پەسلەشتۈرۈش ماھىيەتتە ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈشتۇر.ھەر ئىشتا ئىنساپ قىلىش كېرەك.كوپ كىتاپ ئوقۇڭلار!!!
يازغۇچى:ئابدۇللا تۇرسۇن تۇرپان شەھرىدىن (سوپى)
|