- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3865
- نادىر
- 1
- يازما
- 222
ئۆسۈش
62.17%
|
بىر ئادەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولغانغىلا باشقىلاردىن ئۇلۇغ بوپ قالامدىكەن؟ بۇ قانداق مەنتىقە؟ بۇ ئاللاھنىڭ «العدل» دىگەن سۈپىتىگە ئىمان ئېيتقان مۇسۇلماننىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان گەپمۇ؟ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولسا نىمە بوپتۇ؟ بىزمۇ پەيغەمبەرنىڭ (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئەۋلادىغۇ؟ ئەجەبا پەيغەمبىرىمىز «ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئالدىدا تاغاقنىڭ چىشدەە باراۋەر، پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ» دېمىگەنمىدى؟
يەنە كېلىپ ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنىگە ساتقىنلىق قىلىپ، يات دىندىكىلەرنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تازىمقىپ يۈرگەن ئادەم ھەققىدە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش دىگەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولسىلا ئۇلۇغ بولىۋىرەمدۇ؟ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر ئىتقا «ھەي، ئىت! سەن بەك سەت ئىكەنسەن» دىگىنىدە، ئىت ئۇنىڭغا «سەن نەقىشتىن ئاغرىنامسەن؟ ياكى نەققاشتىنمۇ؟» دەپتىكەن. ئەجەبا بىزمۇ «نىمىشقا بىزنىمۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى قىپ يارىتىپ قويمىدىڭ» دەپ ئاللاھقا قاقشايلىمۇ؟
مۇشۇ ناچار، رەزىل ئىديىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن مۇشۇ كۈنگە قالغان مىللەتقۇ بىز ئاخىر؟ |
|