تەكلىماكاننىڭ غەربى جەنۇبىغا سەپەر
نەچچە ۋاقىتتىن بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن يۇرتلارغا بېرىش ئاخىرى نىسىپ بولدى ، قومۇلدىن يولغا چىقىپ لوپنۇرچوللىكىنى كېسىپ ئوتىدىغان يول بىلەنچاقىلىققا قاراپ يول ئالدۇق ، يول كورلا چېگىرىسىغىچە شۇنداق ياخشىكەن ،
.مانا بۇ شۇ يولنىڭ يانفۇندا تارتىلغان رەسىمى ، ساياھەتكە چىققاندا ئاپىرات ئېلىشنى ئۇنتۇمايدىغان ئادىتىمبولغاچقا ئېسىل ئاپىراتىن بىرنى ، ئېنىقلىغى يۇقىرى كارتىسىمان كىچىك ئاپىراتتىن بىرنىئېلىۋالغان ئىدىم ، بىراق ئېسىل ئاپىراتقا سالغان كارتىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلمىگەچكە ئېسىلئاپىراتتا رەسىمگە تازا تارتىپتىمەن بىراق مىڭ ئەپسۇز شۇنداق ئېسىل رەسىملەربار ئىدى ، ھەممىسى يوق بولۇپتۇ . ئىچىم بەك ئېچىشتى ، شۇنداقتىمۇ كىچىكئاپىراتتا تارتقان رەسىملەر بولسىمۇ باركەن ، ھېلىمۇ بۇ يوللارنى دوسلارچەمبىرىكىگە يوللايمەن دەپ يانفۇنۇمدا تارتىۋاپتىكەنمەن ، دەشت باياۋانغا نىسبەتەن بۇ يوللارنى ياخشىدىيىشكە بولاتتى .
بۇ يولدا ماڭسىڭىز كۆز يەتكۈسىز چەكسىزكەتكەن سايلىقلاردىن بۇ زىمىننىڭ كەڭلىكىنى ھىس قىلىدىكەنسىز . ئارىلاپ - ئارىلاپئالتۇن كان ، مىس كان ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل كانلار ھەمدە ھەربىيلەركونتۇرۇللىقىدىكى رايونلار ئۇچىراپ قالىدىكەن . بىرەر بىر يۈك ماشىنىلىرى ئۆتۈپقالمىسا لوپنۇرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۇز زاۋۇتىغا ( مەن شۇنداق چۈشەندىم ) بارغىچە بىرەر يۇرت ۋە يېشىللىق ئۇچىرىمايدىكەن، تۇز زاۋۇتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يول بارغانچە ناچارلىشىشقا باشلايدىكەن تاكىئىچكىرىدىن چاقىلىققا بارىدىغان يولغا بارغىچە يول شېغىللىق يولكەن ، ئىچكىرىدىن چىققان يول شۇنداق ياخشى بولۇپماشىنىڭىزنى تۇيمايلا 180 دە ھەيدىۋېتىدىكەنسىز . قومۇلدىن چاقىلىققىچە 700 نەچچەكىلومېتىر كېلىدىكەن . يول بويى ئېسىل ئاپىراتتا رەسىم تارتىپ ماڭدىم لېكىن كارتىنىڭ چاتاقلىقىنىزادىلا بىلمەپتىمەن ، تارتىپ بولغان رەسىملەرنى قايتا كۆرۈپ بېقىشمۇ ئېسىمگەكەلمەپتۇ بولمىسا بالدۇرلا سېزەتتىم سۇرەتلەرنىڭ تارتىلمىغىنىنى . چاقىلىق كىچىك ناھىيە بولغىنىبىلەن شۇنداق رەتلىك ۋە پاكىز ناھىيەكەن .چاقىلىقتا تاماق يەۋېلىپ چەرچەنگە قاراپ ماڭدۇق يوللار شۇنداق ياخشىكەن .
يولدا ماشىنىلارمۇ شۇنداق ئاز ، ئاندا – ساندائۇچۇراپ قالىدىكەن .
چەرچەننىڭ يانفۇندا تارتىلغان مۇشۇ بىر پارچە رەسىمى باركەن ھېلىمۇ . چەرچەن ناھىيىسىگە كىرسەكقۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ قالغاندەك بولدۇق چۈنكى يوللارنى كوچىلارنى بۇزۇپ قايتاياساۋېتىپتۇ . چەرچەن چاقىلىققا قارىغاندا چوڭراق ناھىيە ئىكەن . بۇ يۇرتتا بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى نىيىگە قاراپ ماڭدۇق .ئەمدى يوللاردا دەريالار ، بوستانلىقلار ئۇچىراپ تۇردى ، يولنىڭ ئەھۋالى شۇنداقياخشى ، بۈگۈردىن كېلىدىغان قۇملۇق تاشيولى مۇشۇ نىيە ناھىيىسىگە تۇتىشىدىكەن .
نىيە ناھىيىسىدىن ئۆتۈپ كېرىيە ناھىيىسىگە كەلدۇق ،
بۇ ھەيكەلدىن كېرىيە خەلقىنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن . كېرىيەدىن ئۆتۇپ يەنە نۇرغۇن يېزا قىشلاقلار ، سازلىقلار ،چۆللۈكلەر ، توغراقلىقلار ۋە دەريالاردىن ئۆتۈپ كۆمىچى داڭلىق گۇلاخمىغا كەلدۇق ، بىراق ھېيىتتىن كېيىنكى ۋاقىتلار بولغاچقا كۆمەچ چىقىرىدىغان ئاشخانىلارتېخى تىجارەت باشلىماپتۇ . شۇڭا گۇلاخمىنىڭ كۆمىچىنى يىيەلمىدۇق .
مەن قۇرغاق چۆل يۇرتلارمىكىن دەپتىمەن بوستانلىقلار بەك كۆپكەن .قومۇشلۇقلار ئىنتايىن كۆپكەن . ئۆزەم ماشىنا ھەيدەپ ماڭغاچقا بەزى گۈزەل مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىشقا ئامالسىز قالدىم، تارتقان بولساممۇ بىكار تارتاتتىمكەن . چىرا ناھىيىسىدە توختىمايلا لوپناھىيىسىگە قاراپ ماڭدۇق .... لوپ ناھىيىسى خوتەن شەھىرىگەيىگىرمە كىلومېتىر كېلىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ بىرسىكەن . بىزنىڭ ساياھىتىمىز مۇشۇ ناھىيىدىن باشلاپ رەسمى باشلىنىدۇ ...... خوتەن ھەقىقەتەن ئۆز يۇرتكەن ، خوتەن خەلقى ئەمگەكچان ، ئاق كۆڭۈل ، ئەقىللىق ، قول – ھۈنەرۋەنچىلىككە بايۋە مېھماندوست خەلقكەن . بۇنداق تەرىپلىسەم بەك ئاددى بولۇپ قالىدىكەن ، يەنىلا دۇنيادا بىرلا خوتەن بار دىگەن كىتاپتىكىدەك ، ئىگىلىك تەمىر قىلىشتا تۆھپىكار ، مەدىنىيەت – مەرىپەتنى گۈللەندۇرۇشتە كەشىپكار، مەنىۋى ئوزۇقلۇق يارىتىشتا سەنئەتكار ، يۇرت – ماكانىنى قوغداشتا پىداكار دەپتەرىپلىسەم ياخشى بولغىدەك . لېكىنخوتەنلىكلەرنى بۇنداقلا تەرىپلەش بىلەن ئۇلارنى ھەقىقى تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدىكەن . خوتەن ھەقىقەتەن ئۆز يۇرتكەن ..........
لوپ ناھىيىلىك بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپ .
لوپ ناھىيە بازىرىدىن قىسمەن كۆرۈنۈشلەر .
لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق بوغراقۇم مەنزىرە رايونى.
شادىمان بالىلار ، قېنى كىم يامان .............
لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاچچىق يېزىسىغا قاراپ ساياھەتكە ماڭدۇق ، يېزايوللىرى ...
ئاچچىق يېزىسى ۋە شۇ يەردىكى ئارامگاھ . بۇيەرنىڭ ھاۋاسى بەك سالقىن ۋە ساپكەن .
دوستۇم ئوينۇتۇپ كېلەي دەپ مۇشۇ ئارامگاھقا ئېلىپ كەلگەن ئىدى . كاۋاپ پۇشۇرىدىغان چاغدادوستۇمغا كۆمۈر قېنى دىسەم كۈلۈپ كېتىپ ــــ ھەي دوستۇم كاۋاپنى كۆمۈردەئەمەس ئوتۇننىڭ چوغىدا پۇشۇرىمىز . دىگەنتى مايتاغدىكى كاۋاپدانلار ئېسىمگە كەلدى ھەممىسىدە كۆمۈر ئىشلىتىدۇ ......
كاۋاپ ھەقىقەتەن تەملىك ۋە مەزىلىك پىشىپتۇ ،ئوتۇندا پۇشۇرسا شۇنداق پىشىدىغان ئوخشايدۇ ......
لوپ ناھىيىسىدىكى قارا كۆل ، بۇ بەك چوڭ كۆلكەن .
يۇرۇڭقاش دەرياسى خوتەندىكى ئىككى چوڭ دەريانىڭ بىرى بولغان يەنى قاش تېشى كۆپ چىقىدىغان دەريايۇرۇڭقاش دەرياسى .....
بۇ دەريانىڭ سۈيى بەك ئۇلۇغ بولۇپ ئۆركەشلەپئېقىپ تۇرىدىكەن .
بۇ دەريانىڭ سۈيى خاسىيەتلىك بولۇپ دائىم ئىچىپبەرسە ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا پەيدا بولىدىغان تاشنى يوقىتىدىكەن . دۇغلىشىپ كەتكەن چوگۈندە قايناتسا چۆگۈندىكىدۇغلارنى پاكىز يوقىتىۋېتىدىكەن ، يەنە تېخى بوتۇلكىغا ئېلىپ قويسا باشقا سۇلاردەكئاسانلىقچە ئىسسىپ كەتمەيدىكەن مۇزدەك تۇرىدىكەن .....
قارقاش دەرياسى ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرىغا بېرىش ئۈچۈن قارىقاشدەرياسىنى بويلاپ ماڭىدىكەنمىز ،
بۇ دەريا چىرايلىقمىكەن ؟ ئېسىل ئاپىراتتا خېلى تارتقانتىم ھەي !!!! كارتا ، كارتا ..... ھېلىمۇ ئىككى ئاپىرات ئېلىۋاپتىكەنمەن .... ... بولمىسا بۇ رەسىملەرمۇ يوقتى ....
ھەيۋەتلىك تاغلار ، ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرىغا ئازلا قالغان يەردە بىرچازا باركەن شۇ چازىغا قاراۋاتقان قاراۋۇل بىزنى كىرگۈزمىدى ، بىز يىراقتىن كەلگەنلىكىمىزنى بىر كۆرىۋېلىشئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى دىسەكمۇ ئۇنىمىدى ، نەدىنمۇ تاپقاندۇ مۇشۇنداق ئۆز خىزمىتىگە پىششىق ھەم سادىق ياللانمىلارنى................
ئۈزۈم بارىڭى ، ئىشچان خوتەن خەلقى شۇ باراڭلارغىمۇ ئېرىنمەستىن نەقىشچىقىرىپ سىپتا ياسايدىكەن .
ھىچقانداق يېرىدە ئۇلاق يوق مۇشۇنداق ئۇزۇن ھەيۋەتلىك شوتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىز بارمۇ ؟
قاشتېشى كولانغان جايلار ، قاشتېشى ئاللاھنىڭ خوتەن خەلقىگە بەرگەن نىمىتى ئىكەن . خوتەن قاشتېشى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ، قاتتىقلىقى ، سىلىق ۋە پاقىراقلىقى ،مالىكولىلىرىنىڭ زىچلىقى .... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر.... ئابدۇرېيىم ئوتكۈرنىڭ قاشتېشىغامەدىھىيە دىگەن ئەسىرىنى قانچە قېتىم ئوقۇپ ۋە يادلىغىنىم ئېنىق ئېسىمدە يوق ....
ئەمدى خوتەن شەھىرىدىكى ساياھىتىمىز باشلاندى ، داۋامىنى داۋاملىق يوللايمەن . |