بىز پەلسەپەدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئەخمەتجان قاسىم پەلسەپە – سىستېمىلاشقان، نەزەرىيەلەشكەن دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئىجادىيەت قۇدرىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ مەنبەسى. كىشىلەر رەڭگارەڭ، ئۆزگىرىشچان، چەك – چېگرىسى ۋە باش – ئاخىرى بولمىغان پايانسىز كائىناتقا، پانىي ئالەمگە كېلىش ۋە باقىيغا رېھلەت قىلىش، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، ھىجران ۋە ۋىسال، غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان تولىمۇ چەكلىك ھاياتقا يۈزلەنگىنىدە، دائىم كائىنات سىرلىرىنى ئېچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى تېپىشماقلارنى يېشىشنى ئويلايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەلسەپەنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەدىب جۇ خېجۈن «تۇرمۇشتىكى پەلسەپە» دېگەن ئەسىردە: «پەلسەپە ھاياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يەنى بىزنى ئەسلىدىنلا ئۆزىمىزگە تەئەللۇق سوئاللار ئىچىگە قايتۇرىدۇ. دىققىتىمىزنى ئاشۇ كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرگە تارتىدۇ. گەرچە سوئاللارنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ» دېگەنىدى. ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشى پەلسەپەدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەمما كۆپلىگەن ئادەملەر بۇنى ئاڭقىرالماي ياشايدۇ. بىر ئادەم مەيلى ماتېرىيالىزىملىق پەلسەپە ياكى ئىدېئالىزملىق پەلسەپەگە ئىگە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا مۇئەييەن بىر پەلسەپە چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما، كۆپلىگەن ئادەملەر پەلسەپەنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارايدۇ. بەزى ئادەملەر ماتېرىيالىزىم ۋە ئىدېئالىزمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئەنە شۇلارنىڭ بىرىنى بويلاپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. يەنە بەزىلەر پىراگماتىزىمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. گەرچە ئۇ كىشى ئۆزىنى پىراگماتىزىمچى دەپ قارىمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن تىپىك پىراگماتىزىمچىنىڭ ئەسىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىنلا دۇنيا، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ھەققىدىكى بىلىشلىرىنى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن مىللەت بولۇپ، پەلسەپە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە ئۇيغۇرلاردىن چىققان پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار پەلسەپەگە نامرات ئەمەس. يۇلتۇزلاردەك چاقناپ تۇرغان ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە خەزىنىسىدۇر. بۆگۈنكى كۈندە بۇ خەزىنە يېرىم ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغان ھالەتتە تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرىگە نوقۇل ماقال – تەمسىل نوقتىسىدىن قارايدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ئەمما، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقنىڭ پەلسەپىۋى مىراسى سۈپىتىدە قاراپ، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدىغانلار؛ ئەنە شۇ ماقال – تەمسىللەرنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇمىي سانىدىن قارىغاندا، پەلسەپەنى چۈشىنىدىغان، چۈشىنىشكە ئۇرىنىدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، پەلسەپەنى بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەر تۇلىمۇ ئاز. شۇڭا، كۈنىمىزدە پەلسەپە ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدىكى «ئۇنتۇلغان زونا» بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى باشقا ئەل ۋە قوۋملاردا پەلسەپەنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىققان، ئۆز ئالدىغا پەلسەپىۋى سىستېما ياراتقان، ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆزى تەۋە ئەل ۋە قوۋمنى ھىدايەت ۋە نۇسرەتكە باشلايدىغان گىگانت پەيلاسوپلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق پەيلاسوپلار نىسبەتەن ئاز بولدى. ئۇيغۇر قوۋمىنى پەلسەپە ئارقىلىق ئويۇشتۇرۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە بىرلىككە كەلتۈرگۈچىلەر تېخىمۇ ئاز بولدى ياكى بولمىدى. ئۇيغۇرلار پەلسەپەگە نامرات ئەمەس، ئەمما پەيلاسوپلارغا نامرات. ئۇيغۇرلاردىكى پەيلاسوپ نامراتلىقى ئۇيغۇر ئىلىم – پېنىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى چەكلەپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە روھىغا بەرھەم بەردى. پەلسەپەنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا، سەپسەتىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشتىن خالىي بولالمىدى. ئۇلاردا ئۆزىگە خاس دۇنيا ۋە قىممەت قاراشنىڭ بولماسلىقى؛ ئەڭ ئەقەللىي پەلسەپىۋى بىلىشنىڭ كەملىكى تۈپەيلى، ھە دېگەندە ئازغۇن ئىدىيەلەرىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ تۇردى. پەلسەپەگە ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنىڭ رولىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ سەپسەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ھەيران قېلىشنىڭ ئورنى يوق. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر قوۋمى پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۇنى چۈشىنىشلىك رەۋشتە ئاۋامغا يەتكۈزىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەرگە موھتاج بولماقتا. ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئىچىدە قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياشىغان كوماراجىۋا، ئەل فارابى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋايىلار ئۆزىگە خاس پەلسەپە سىستېمىسى يارىتىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىدىئولوگىيەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما، كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان، پەلسەپىۋى مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان ئىزباسارلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلمىدى. نەتىجىدە پەيلاسوپلار ۋە پەلسەپىۋى تەلىماتلارنىڭ ئۈزۈكچىلىكى كېلىپ چىقتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ پەلسەپەدىن ھېچقاچان ئايرىلمىغانلىقىنى، ئەمما يېقىنقى دەۋرلەردە پەيلاسوپلار ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيمىز. پەلسەپە ئادەملەرگە موھتاج ئەمەس، بەلكى ئادەملەر پەلسەپەگە موھتاج. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پەلسەپەنى چۈشىنىدىغان، چۈشەنمەيدىغانلارغا چۈشەندۈرىدىغان بىر بۆلۈك پەيلاسوپلارنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. دۇنيادا پەلسەپەنى ئۆز تۇرمۇشىدىن قوغلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ياشايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. كىشى پەلسەپەنى خاھى ياقتۇرسۇن، خاھى ياقتۇرمىسۇن پەلسەپە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. پەقەت ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارىغان، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانمىغانلا يېرى بار. ئىلىم – پەننىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان پەلسەپەنى بىلمەسلىك ۋە ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلمەسلىك ئاقىللارغا ھەسرەت، نادانلارغا مۇسىبەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىنسانىيەت ئالىمى ئوتتۇرىسىدا گارمونىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، بەزىدە ئۇلار ئوتتۇرسىدا بىرلىشىش بولسا، بەزىدە ئايرىلىش بولىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت تارىختىن بىرى ياشاپ ئۆتكەن يىتۈك پەيلاسوپلارنىڭ ئەزەلدىن نەزەرىدىن چەتتە قالغان ئەمەس. ئىنسانلار پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىن مۇستەسنا ھالدىمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمما ياخشى ياشىيالمايدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ماددىي بولغىنىش ۋە مەنىۋى كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، ئاۋامنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئەقلىي جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. پەيلاسوپلار ئۆز قوۋمىگە جان ۋە قان ئاتا قىلغۇچى، ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەقىدە – ئېتىقادىنى پاكلىغۇچى، بۈگۈنىگە يول، كەلگۈسىگە ئۇل سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كىشىلەر توغرا بولغان دۇنيا ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە بولىدۇ. پەيلاسوپلار يىراقنى كۆرەر نەزەرگە ئىگە بولۇپ، ئاۋام كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بايقىمىغاننى بايقايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھېچقانداق بىر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئۇلارنىڭ ئۆتكۈز نەزىرى ۋە زېرەك ئەقلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پەيلاسوپلار پەلسەپەنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاۋام ئۈچۈن تەتقىق قىلىدۇ. ئاۋامنىڭ ھايات يولىنى يورىتىش، ئەقىل بولىقىنى ئېچىش، تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ، ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئاۋامنى ھەقىقەتنىڭ نۇرانە مەنزىلىگە باشلاپ، سەپسەتىلەرنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاپ، ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش، روھىي جەھەتتىن تاۋلاشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ياندىن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئەمەس، قاتناشقۇچى، پىكىر يۈرگۈزگۈچى ۋە ھەل قىلغۇچى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار پەلسەپىۋى تەلىماتلار دېڭىزىغا شۇڭغۇپ، دۇر – سەدەپلەرنى سۈزۈپ چىقىپ، ئۆز خەلقىگە تەقدىم ئىتىدۇ. ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، سەپسەتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. قىسقىسى، ئۇلار پەيلاسوپ ئاتىلىش، تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىش ياكى دۇنيا مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز خەلقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىدىكى بەخت – سائادىتى ۋە شان – شەرىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇچى كىشىلەردۇر. پەيلاسوپلار ئالەمدىن ئۆتسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى مىراسلىرى ئىنسانىيەتنى گۆدەكلىكتىن پىشىپ يېتىلىشكە، ئالەم ۋە ئادەم ھەققىدىكى ئەقلىي بىلىشكە يېتەكلەيدۇ. تارىختا ئۆتكەن بەزى پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرى نوقۇل شەخىسنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ ياشاش مىزانى بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىدېئولوگىيە مەنبەسى بولغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن: يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن شاھانە ئەسىردە تىلغا ئالغان دۆلەت قۇرۇش تەلىماتلىرى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن سوقرات، ئەپلاتۇن ۋە ئارسىتوتىللارنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرى يۇناندىكى ئافىنا ۋە سىپارتا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئافىنادا قوللۇق تۈزۈمدىكى دېمۇكىراتىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان. نەتىجىدە ئافىنا غەرب دېمۇكىراتىيەسىنىڭ بۈشۈكى بولۇپ قالغان. بۆگۈنكى غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيىسى دەل ئافىنا شەھەر دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەھسۇلى. بۇنى يۇنان پەيلاسوپلارنىڭ ئىنسان ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. تارىخ يېقىنقى زامانغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرىدىكى پەيلاسوپلار يۇنان ۋە رىم پەلسەپىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. ئۇلار پەلسەپەنىڭ تەتقىقات دائىرسىنى كېڭەيتىپ، نوقۇل ئىنسان ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىنسانىيەت، جەمئىيەت ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب تېپىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇردى. مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ لوك ۋە يومنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتى ئەنگىلىيەدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشقا ئاساس سالدى. فىرانسىيەنىڭ ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى ۋولتېر، روسسۇ، مۇنتىسكىيۇ ۋە دىدرو قاتارلىقلار ئەسەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان خرىستىئان ئىلاھىيەتچىلىكىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى تەلىماتلىرى 1789- يىلىدىكى «فرانسىيە زور ئىنقىلابى»نىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. «فرانسىيە زور ئىنقىلابى» جەريانىدا، فىرانسىيەدىكى فېئۇدال مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، 1792- يىلى فرانسىيە 1- جۇمھۇرىيىتى قورۇلدى. پادىشاھ لۇئى ⅩⅥ( 16 ) كاللا كېسىش مەيدانىغا ئېلىپ چېقىلىشتىن بۇرۇن، زىنداندا ئاقارتىش مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇغان. ئاندىن ئۇ «فىرانسىيەنى ۋەيران قىلغىنى ۋولتېر ئىكەن» دېگەن سۆزنى قىلغان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىمۇ فرانسىيە ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى مۇنتىسكيۇنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تەلىماتى» بويىچە ئورنىتىلغان. مەمۇرى ھوقۇقنى زوڭتۇڭنىڭ يۈرگۈزۈشى، پارلامىنىت قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ۋە ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۈرگۈزۈشى ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ، ئۆزئارا نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇستەبىتلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەرگە ئۆلگە تىكلەپ بەرگەن. پەلسەپە تۇرمۇشتىن كەلگەن، ئاخىرى ئۇنىڭ قايتىدىغان ۋە تەدبىقلىنىدىغان جايى ھەم تۇرمۇش. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىنى نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە بىلىش بىلەن تەمىن ئىتىپ، ئىلىم – پەننىڭ ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئەدىب جاڭ كەيشۈن مۇنداق دېگەن: «ئىنسانىيەتنىڭ كەشپىيات مۇساپىسىدە ھامان پەلسەپەنىڭ كۆلەڭگۈسى ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار مۇشەققەتلىك تاللاشقا دۇچ كەلگەن چاغدا، پەلسەپە دائىم ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيىتىنى ئاقىلانە تەكلىپ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. پەلسەپە ئىلىم – پەننى يېتەكلەيدۇ، ئىلىم – پەن تېخنىكىنى يارىتىدۇ، تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ». 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلاردىن ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى ۋە يۈسۈپ ھۆسەيىن قەقنۇس قاتارلىقلار ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن چىقىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا پەلسەپە سىستېمىسى ياراتقان بولسا، بەزىلىرى خەلقىمىزنى چەتئەللەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمما، بىر پۈتۈن مىللەتكە نىسبەتەن بۇلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا پەلسەپە ھەققىدىكى يۈزەكىي چۈشەنچە باسقۇچىدا قېلىۋەردى. پەلسەپە ھەققىدە ھېچقانداق ئىدراكىي چۈشەنچە ۋە ئەقلىي بىلىشكە ئىگە بولمىغان بەزى كىشىلەر پەلسەپەنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتىنى چۈشەنمىدى. شۇنداقلىقىغا باقماي ئۆزلىرىنى پەلسەپەدىن بىھاجەت ھېسابلاشتى. ئۇلار پەلسەپەنى ئىزدەپ – سوراپ ئۆگىنىش ئورنىغا، ئۇنىڭدىن قېچىپ ھارمىدى. پەلسەپە ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتكىنى يوق، ھالبۇكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن پەلسەپەنى تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىكى يېتەكچى ئورنى ۋە رولىغا سەل قارىدى. شۇ سەۋەبتىن پەلسەپەدىن نەپ ئېلىش ئورنىغا گەپ ئالدى. دۇنيادىكى پەلسەپەگە ئەھمىيەت بەرگەن، پەلسەپەنى كىشىلىك تۇرمۇش مىزانى ۋە ھايات دەستۇرى قىلغان قوۋملار بىلەن بولغان ئارىلىقى تەدرىجى يىراقلاشتى. بۇ كۆرۈنۈشتە ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقتەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىدىيە، ھەرىكەت، تەپەككۇر ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتىكى پەرق ئىدى. پەلسەپىۋى تەپەككۇر ۋە ئەقلىي بىلىشتىن ياتلاشقان مىڭىلەر كۆپ ھاللاردا يېڭىلىقتىن كۆرە، كونىلىققا مايىل، بۈگۈندىن كورە تۆنۈگۈنگە قايىل ئىدى. كۆنۈككەن تەپەككۇر ۋە ئادەت كۈچى ئىجادچانلىقنى بۇغۇپ، بارىغا شۇكرى قىلدىغان، يوقنىڭ دېرىكىنى قىلمايدىغان، بۈگۈن ھەققىدە ئويلىنىش، ئەتە ھەققىدە ئىزدىنىشتىن مەھرۇم قالدۇردى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەلسەپە ئوقۇمۇشلۇقلار تەرىپىدىن ئاۋامنى پەزىلەت ۋە ئادىمىيىلىك جەھەتتىن تەربىيەلەيدىغان ئىتىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قارالغان بولسا، ئاۋام تەرىپىدىن يا ئۇققىلى، يا تۇتقىلى بولمايدىغان مەۋھۇم ئىلىم سۈپىتىدە قارالدى. شۇ سەۋەبتىن پەلسەپەنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە، مۇئەييەن پەلسەپە بويىچە ھاياتقا مۇئامىلە قىلىدىغانلار، پەلسەپەنى تۇرمۇشقا تەدبىقلايدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولدى. ئەمما، شۇ سەۋەبتىن زىيان تارتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولدى. بۇنى قانداقتۇر پەيلاسوپلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن كۆرە، ئاۋامنىڭ پەلسەپەگە بولغان ئېتىبارسىزلىقىدىن، پەلسەپەنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن، دەپ بىلىش كېرەك. كىشىلەر پەلسەپەنى ئۆز تۇرمۇشىدىن سىقىپ چىقىرۋەتكەن ئەھۋالدا، پەلسەپەنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ، كىشىلەر پەلسەپەنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەلسەپەگە تولىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، ئەكسىچە بىز ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتتۇق. ناۋادا بىزمۇ پەلسەپەگە ئەھمىيەت بەردۇق دېگەندە، جاھاندارچىلىق پەلسەپەسىگە ئەھمىيەت بەردۇق. ئەمما، بۇ خىل پەلسەپەدىن ھېچبىر ئۇلۇغۋار مەقسەت ۋە ئالىيجاناب پەزىلەت ھاسىل قىلالمىدۇق. ئۆگەنگەن پەلسەپەنى تىرىكچىلىكنىڭ دەسمايىسى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ تىل تۇمارىغا ئايلاندۇرىۋالدۇق. ئۇنىڭدىن پەقەت جاھاندارچىلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلىرى ۋە مۇناسىۋەت قائىدىلىرىنى ئۆگەندۇق. ئەمما، كىشىنى ئەقلىي كامالەت ۋە مەنىۋى سائادەتكە يېتەكلەيدىغان، ئۆزلۈكنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەختىنى كۆزلەيدىغان روھنى ئۆگەنمىدۇق. شۇ سەۋەبتىن مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئەمەل – مەنسەپنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، ئادىمىيلىك پەزىلەت ۋە ئىنساب – دىيانەتتىن يىراقلاشتۇق. دېمەك، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندە، مۇقەررەر ھالدا مەلۇم بىر خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئوي – پىكىرلىرىنى شۇ ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنە شۇنداق پەلسەپىۋى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرىدىغان توپنىڭ بولۇشىغا موھتاج. ئۇيغۇرلارغا پەلسەپە كېرەك، ئەۋلادلارنى ئەجدادى ھەققىدە بىلىشكە ئىگە قىلىدىغان، ئەجداد ئەنئەنىسىنى ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان، ئەۋلادلارنىڭ ھايات يولىنى يورىتىپ، نۇرانە كېلەچەككە باشلايدىغان پەلسەپە تېخىمۇ كېرەك. بۇ ئەۋلادلارنىڭ پەلسەپەدىن ياتلىشىش، يىراقلىشىش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش نەتىجىسىدە رۇياپقا چىقمايدۇ. بەلكى پەلسەپەنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش، پەلسەپەنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاڭلىق رەۋشتە قوبۇل قىلىش، مۇنەۋۋەر پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپە مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىي ھاياتىغا تەتبىقلاش نەتىجىسىدە رۇياپقا چىقىدۇ. ئەسەر مەنبەسى: «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ نىڭ 2013-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى.
|