- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5426
- نادىر
- 0
- يازما
- 377
ئۆسۈش
8.52%
|
urkesh يوللىغان ۋاقتى 2013-9-29 10:02
تەپەككۈرىڭىزنىڭ تېزلىغىنى ئېنىق كۆردۈم ئەمما نېمىشق ...
تەپەككۈرۈمنىڭ تېيىزلىغىنى سىز ئەسكەرتمىگەن بولسىڭىز بىلمەي يۈرۈپتىمەن ،تەپەككۈر قىلىش جەھەتتە سىزدىن تەلىم ئالسام بولغىدەك .....
سىزنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ سادىق قوللىغۇچى ۋە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىگىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن .ئۆزكەسپىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى ،شۇڭا سىز بىلەن تاككالىشىپمۇ ئولتۇرمايمەن . بۇ تېمىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىگىنى ئىنىق بىلدىم ،ئۇ ماتېماتىكىنى ئاتلاپ ئۆتۇپ ،ساپ لوگىكا ئارقىكلىق ئۆزىنىڭ «شەكىل نەزىريەسىنى» ئىسپاتلىماقچى .بۇ سىلەرنىڭ «شەكىل نەزىريىسى»نىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزالمىغانلىغىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ يولنى تاللىساڭلار مېڭىش بەك مۇشكۈل بولىدۇ ،ئادەتتىكى بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۇرۇش ئۈچۈنمۇ قانچە تاغار گەپ سېتىشقا توغرا كېتىدىغىنى ئويلاپ كۆرۇڭ .( سىز تىك دېگەن ئۇقۇمنى ماتېماتىكىسىز ساپ مەنىتىقە بىلەن چۈشەندۇرۇپ بىقىڭ ،ئىككى سىزىقنىڭ تىكلىگىنى دەلىللەشتە قانچىلىك گەپ سېتىشقا توغرا كېلىدىكىن؟) . تارخىتىكى قايسى بىر فىزىكا ئالىمى ئاۋال ماتېماتىكا ئۆگەنمىگەن ، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدىكى سەۋەپ نېمە ؟ نېمىشقا فىزىكا پېنى ماتېماتىكىدىن مۇستەسنا ھالدا يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ ؟ سەۋەپ فىزىكا جىسىملارنىڭ ھەركەت قانونىىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ،بۇ قانونيەتلەردىن بىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇلارنىڭ سانلىق مىقتار مۇناسىۋەت ۋە ئورۇن مۇناسىۋەتلىرىنى بىلىش زۆرۇر .سانلىق مىقتار مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئورۇن مۇناسىۋەتلەر دەل ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيىكتى ،شۇڭا ھىچقانداق بىر فىزىكا ماتېماتىكىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ،ئۇلار بىر غولدىن چىققان ئىككى شاخقا ئوخشايدۇ .،شەكىل نەزىريەسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ،شۇڭا مەن سىلەرنىڭ ماتېماتىكىنى فورمىلالا دەپ چۈشۈنىۋالماي(ماتېماتىكىلىق بىلىمى تۆۋەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنداق دەپ قارايدۇ ) ،ئۇنى مۇستەقىل بىر ئىلىم سۈپۈتىدە ياخشاراق ئۆگىنىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمەن . |
|