ئۇيغۇرنىڭ بىر بايلىقى كەتتى مۇھەممەدجان راشىدىن يالغان دېسەك راست بولۇپ چىقتى، ھېسام ئاكا كۆز يۇمغىنىڭىز. بۇ دۇنيادا تۈنۈگۈنكى تۈن، ئەڭ ئاخىرقى بىر قونغىنىڭىز. بۈگۈن مانا سىز يەرلەنگەن كۈن، يىغلاپ تۇردى ئېلى ئاسمىنى. كەلكۈن بولۇپ ئالدى ئىلكىگە، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياش مېنى. تۈن تەڭ بولدى شۇ كېچە مانا، تولغىنىمەن يۈرەك باغرىم قان. جۇدالىقنىڭ بۇ ئازابىدا، چىقمايدىكەن ھېلىمۇ بۇ جان. سۇغاق يەرگە تەگدى باغرىڭىز، مېنىڭمۇ تەڭ بولدۇم تەگكەندەك. بولۇپ قالدىم ئەجەل مېنىڭمۇ، شاخلىرىمنى كېلىپ ئەگكەندەك.
9 v( P7 l+ _5 S3 B0 V
! v v, Y4 W; u, @& ^+ o( ]سىز كەتتىڭىز سىز بىلەن بىللە، ئۇيغۇرنىڭ بىر بايلىقى كەتتى. چېچەنلەرنىڭ جاھان تاڭ قالغان، بايراقدارى بايرىقى كەتتى.
" J$ a5 o7 _1 K- Y% ~2 F
# i8 `; c9 v5 A) N5 yئاۋات ئىدى سىز بىلەن ئېلى، بولۇپ قالدى سىز كېتىپ چۆلدەك. بولۇپ قالدى بىزنىڭ كۆڭۈللەر، نويابىردا سولاشقان گۈلدەك. دەرد - ئەلەمنىڭ دورىسى ئىدى، سىز بار يەردە چاقچاقلىرىڭىز. قەلبلەرنى نۇرلاندۇراتتى، چاقچاقلاردىن چاقماقلىرىڭىز. قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭىز، ئىككى ئالەم ئۇنتۇلماسلارنىڭ. دوستلىرىڭىز دەيدۇ جەننەتتە، بىرى كەپتۇ قەدىناسلارنىڭ.
5 ? z4 C6 N% \2 c/ p
# l5 r5 Q, y: \: lئاز كېلەركەن سىزدەكلەر ئەمما، كېتىدىكەن ئارماندا قويۇپ. تويۇلاركەن ئۆتۈپ كەتكەندەك، بۇ دۇنيادىن ئىككى كۈن قونۇپ. ئاسان ئىشمۇ ئەلنى بىر ئۆمۈر، ئاداققىچە كۈلدۈرۈپ ئۆتمەك. ياشاش دېگەن ئەسلى مۇنداق دەپ، ھاياتلارغا بىلدۈرۈپ ئۆتمەك. سۆزمەنلىكتە تۆھپىڭىز تولا، نۇرغۇن شاگىرت قالدۇرۇپ كەتكەن. رەھمەد سىزگە بىزنى شادلىققا، چاڭقىغاندا قاندۇرۇپ كەتكەن. سىز كەتتىڭىز كەتتى كەلمەسكە، ئاۋاتلىقلار سىز بار چاغدىكى. سىزنى يوق دەپ كېتەرمۇ ئۇچۇپ، كاككۇك بۇلبۇل يازدا باغدىكى. تاغقا چىقساق ھېسام قېنى دەپ، تاغلار بىزدىن سوراپ قالارمۇ. ئەجەبلەنسە دەريا ئورمانلار، قۇشلار بىزنى ئوراپ قالارمۇ. ئايرىلىشقا قەلبى قىيالماي، يىغلاپ قالدى سىز ئۆسكەن شەھەر. قالدى قاقشاپ قۇرداشلىرىڭىز، كەتتىغۇ دەپ بىزدىن بىر گۆھەر. ھېسام روھى ئېلى روھى دەپ، ئېيتىلمىغان ئەسلى بىكارغا. سىزدىن جۇدا يىغلىغان شەھەر، قالدى ۋارىس ئاشۇ شۇئارغا. سىزگە ئۇستاز، قانمىدى جاھان، كۆرمىگەنلەر قالدى ئارماندا. شۇنداق ئىكەن ئەجەل تەڭرىدىن، ئەزرائىلغا چۈشكەن پەرماندا. مەرسىيەدە قەلىمىم ئۇستاز، يازماقتىمەن چىلاپ يېشىمغا. بىر ياخشىنىڭ ئارمانلىرى بۇ، جۇدالىق ھەم كەلگەن بېشىمغا. |