قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق:يەر شارىنىڭ دولقۇنىسىمان ھەركىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 22:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:

ھازىر 29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىرىشتى ۋە تەجىربە ئاساسلىرى بايقالدى.مەن ئەمدى 29-تىئورمىغا جىددى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ قارايمەن.شۇڭا مەن شىنجاڭ ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرىستېتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فىزىكا ئىنىستېتوتلىرى،فىزىكا ئىلمى جەمىيەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا جىددى قاراپ،29-تىئورمىنىڭ  توغرا ياكى خاتالىغىنى تەجىربە نۇقتىسىدىن تەكشۆرۈپ-دەلىلەپ كۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمەن.دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش،يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۇلەت قۇرۇش غايىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.مىنىڭ ئەقەللى تەلىۋىم ۋە سىلەرنىڭ بۇ تەلەپنى قوللىشىڭلار،مۇشۇ غايە يولىدىكى بىر ئاددى قەدەم بولۇپ قالغۇسى دىگەن ئۈمىتتىمەن.

3014.12.10


ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:


تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ شەرھى:


ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.

مىنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغانلىرىم:

بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار  تەڭلىمىدە  بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

قارىغاندا مەن نىيوتۇننىڭ پېقىرىغۇچ(نۇر)ھەققىدىكى بايانلىرىغا ماگنۇسنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى كۇرسەتكۈچىنى قىستۇرۇپ قويۇپتىمەن.قىلغىنىم مۇشۇنچىلىكلا ئىش ئېكەن!.

___________________________

توردىكى ئىسمى tanha307بولغان تورداش 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى يېزىپ چىققان.كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۇتكۈزۆپ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

tanha307

tanha307


مەنبەدە تولۇقى بار:

./thread-27298-1-1.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )