قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tayanqimbar

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

2171

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 638
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-17 15:10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YAVUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-17 15:23  
sandal يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 14:03
قاسىم سىدىقنىڭ «چاشقان» «دوس» نامىلىق شېئىرلىرىنى بىل ...




دوست
بەزىلەر مالۇ-دۇنيارىمغا دوست،
پۇل-پىچەك،يانچۇقتىكى بارىمغا دوست.
مەن پەقەت ئاپئاق كۆۇۈلنىڭ دوستىمەن،
خۇمسىلارھەتتاكى يارىمغا دوست.

زەپمۇ شېرىن سۆزلىرى قۇۋ تۈلكىدەك،
كۈلسە يالغان ،قاملىشار راست كۈلكىدەك،
مەن نادانغا كۆڭلىدە ئۆچ ئۆلگىدەك،
ئەسلىدە،دەردۇ-بالايىمغا دوست.

قىنىلىپ كەتمەننى چاپسام،بىرسى يوق،
پاتسا ھارۋام تەستە تارتسا بىرسىيوق
.كېچىلەپ توغاننى ئەتسەم بىرسى يوق
دائىما شۇنداق تەييارىمغا دوست.


ساختا، شىرىن سۆزلىرى باش ئاينىتار
ئارقامدىن غەيۋەتتىن قازانلار قاينىتار،
قوللىرىنى شىلتىشىپ مۇش ئوينىتار،
كەلسە گەر دەردۇ-بالايىمغا دوست



ئۇشبۇ دوستتىن پايدا كۆرمەس ھىچ كىشى،
نامى دوستتۇر ئەسلا دۈشمەن قىلمىشى،
يوللىرىمغا ئورا كولاشتۇر ئىشى،
ئەسلىدە قايغۇ-دىشۋارىمغا دوست.

  
















































































































































































































































































































































































































































































0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 21:40:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 22:15  




نادانلار ئالتۇننى كېسەك قىلىدۇ،
مېھرىگىيانى خەشەك قىلىدۇ.
رەببىمىز باھاسىز پەرزەنىت بەرسە،
ئۇقۇتماي ئۇزىدەك ئېشەك قىلىدۇ.

                                                                                    __ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن.

قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 21:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 22:14  

قەشقەر لىرىكىسى








قاسىم سىدىق



ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر كەبىسى،

خىزىردەك مويسىپىت بۈزرۈكۋار شەھەر.

ئۈمىت يەلكەنلىرىم يەتكۈزدى ساڭا،

گۈزەل ساھىلىڭغا تاشلىدىم لەڭگەر.

ئانامنىڭ كۆكسىدىن ئۇرغۇغان ئوغۇز،

گۈپۈلدەپ پۇرىدى دەسلەپكى دەمدە.

تويۇندۇم سېنىڭ پاك ئوغۇزلىرىڭغا،

پەرھاتتەك كۈچ-قۇۋۋەت سەزدىم ئۆزۈمدە.

ھايال قالماستىن ئارىلىشىپ كەتتىم،

ۋىسال ئىزدەۋاتقان ئوغلانلىرىڭغا.

تاڭلىرى باغاشلاپ قۇياشلىرىڭنى،

تۈنلىرى يېپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا.

تۈنلىرى يىپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا،

ئىشقىڭغا سادىق يىگىتلەر بىلەن.

ياقتۇرۇپ قالدىم «مەردۇت»لىرىڭنى،

كېلىشەلمىدىم «زاھىت»لار بىلەن.



ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر كەبىسى،

ياق

سەن كەبە ئەمەس

سەن بىر مۇئەررىخ.

سەنلا بار كۆمۈلمەس ئەجدادى ئۇيغۇر،

سەنلا بار كۆمۈلمەس بۇ چۈچۈك تارىخ.

تاشبوران قىلسىمۇ بەدنىيەت قىسمەت،

قوياشتەك نۇرلۇقسەن، تاغدەك ساكىنسەن.

سەن كۆپنى كۆردۆڭ،

چېنىقتىڭ

پىشتىڭ،

قىلىچ ئالدىدىمۇ جەسۈر،تەمكىن سەن.

نەزىرىڭگە قاراپ چىدالماس تۆھمەت،

سەن ئۈچۈن قەدىرلىك جاندىمۇ نۇمۇس.

بولغىچە نۇمۇسسىز ئاسراندى بالا،

بولۇشنى خالايسەن نومۇسلۇق مەھبۇس.

ئاز بەدەل بەرمىدىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن،

لېكىن قوغداپ قالدىڭ ھاي-ھاي تېرەكنى.

سېنىڭ قىسمەتلىرىڭ

سېنىڭ ئاھلىرىڭ،

ئەجەپ ئۆرتەيدىغۇ شائىر يۈرەكنى.



ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

سەندە بار ئىپتىخار،سەندە بار خورلۇق.

سەندە بار مۇھەببەت،سەندە بار نەپرەت،

سەندە بار ئاددىلىق ھەمدە ئۇلۇغلۇق.

سەندە بار غاپىللىق ھەمدە مەھكۇملۇق،

لېكىن روھىڭدا يوق ھەرگىزمۇ قۇللۇق!.

سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىسەن بىر پەس،

قانداق قىلاركىن قېنى دەپ زورلۇق.

لېكىن تولغىنىدا سۈكۈتنىڭ چېكى،

تۇتىسەن دۈشمەنگە ئۆلۈمدىن يوللۇق.

پاك قەلب،

تەبەسسۇم،

سېخىيلىك-مەرتلىك،

سەن ئۈچۈن مۇقەددەس ئەنئەنە- مىراس.

ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مىھماننى كۈتۈش،

ئەزەل-ئەزەلدىن ئۇيغۇرغىلا خاس.

بۇزەكلىك دەپ بىلسە كىمكى بۇ ئىشنى،

«بوزەكلەر»دىن مۇشىت يېمىگىمۇ راسىت!



ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

ۋۇجۇدۇڭ يارالغان ھالال نان بىلەن.

ھەرگىزمۇ قۇرمايسەن بەزمە-سەلتەنەت،

قولۇڭغا تىغ ئېلىپ تۆككەن قان بىلەن.

باتۇرلۇق دېمەيسەن قاراقچىلىقنى،

چاقمايسەن بىراۋنىڭ دەرۋازىسىنى.

تىرىكىنى ئېشەك قىپ ھارۋىغا قېتىپ،

سازايى قىلمايسەن جىنازىسىنى.

نۇمۇسسىز ئەمەسسەن ئەي ئۇلۇغ قامۇس،

بىلىسەن شەلپەردەك قىزىرىشنى سەن.

ئۆلۈمدىن ئېغىرراق كۆرىسەن مەڭگۈ،

بىراۋغا چاپلىشىپ بېزىرىشنى سەن.

سۆيىسەن تىنىچلىقنى،ئاسايىشلىقنى،

ھەرگىز خالىمايسەن جەڭنى-نىزانى.

بالىغا تىغ بېرىپ ئاتىغا سىلىپ،

چىللاپلا يۈرمەيسەن بالا- قازانى.


ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

مىڭ قوياش نۇرى بار ۋاراقلىرىڭدا.

ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خۇلقى مۇجەسسەم،

ئېغىشماي كۆتۈرگەن بايراقلىرىڭدا.



ئەي ئۇلۇغ ئاستانە

ساماۋى شەھەر،

بۈگۈنكى چىھرىڭدە شاتلىق جۇلاسى.

لېكىن قوينۇڭدا ئالار –ئالماي دەم،

بولۇپ قالدىم مەن سەپەر شەيداسى.

بۈگۈنۈڭ ھەققىدە يازدى كۆپ نەزمە،

شائىر ئاتالغانلار

شېرىن سۇخەنلەر.

«ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ»،

يازمايمەن بۇ باپتا شۇڭا غەزەللەر.



كەتتىم مەن خىيالى سەپەرلىرىمگە،

كېلەچىكىڭنى سوراقلاپ-ئىزدەپ.

ساماۋى شەھەردىن قاناتلار ئېلىپ ،

ئۇچتۇممەن ساماۋى مەنزىلنى كۆزلەپ.



ئاھ،يەتتىم كۆزلىگەن مەنزىلگە تەستە،

تامام تەل بولۇپتۇ بۇ جايغا ئەجدات.

جەننەتتەك بىر باغدا سۆھبەت قۇرۇپتۇ،

يىراق زامانلارنى ئاستا قىلىپ ياد.

كۆك بۆرە تۇرۇپتۇ قارانچۇق بولۇپ،

بۇ ئەنجۆمەنگە ،بۇ جەمئى نۇرغا.

بوۋام ئوغۇز ئولتۇرۇپتۇ ساقىلىن سىلاپ،

(يولۇقتۇم گوياكى بۇندا خىزىرغا).

مەھمۇت ئولتۇرۇپتۇ گىگانىت تاغدەك،

تۇرك بالىلىرىنى يېنىغا يىغىپ.

ئەنە يۈسۈپ،گومنام،

ئەنە نەۋايى،

تۇرۇپتۇ چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ.

كۆك بۆرىنىڭ كۈللى ئىپى-ئەۋلادى،

بولۇپتۇ مۇبارەك ئەنجۆمەنگە جەم.

تۈمەنمىڭ خىجىللىق ئىلكىدە ھەي...

ھەي....

شاھانە سورۇنغا تاشلىدىم قەدەم.




ئوغۇز ئوغلانلىرىنى ئالسا يەلكىگە،

مەھمۇد«دىۋانى»نى سۇندى مەركىگە.

نۇزوك قېنى بىلەن بۇياپ شەپەقنى،

سادىر ھۆرلۈك ئىزدەپ چۈشتى بەيگىگە.

ھەممەيلەن بېزىدى ئۆشبۇ سورۇننى،

ۋۇجۇدىدىكى دۇرلىرى بىلەن.

كۆزلىرىم قامىشىپ كەتتى شۇ ئەسنا،

ساماۋى مەنزىلنىڭ نۇرلىرى بىلەن.



ئەپسۇس،تۇرۇپ قالدىم خىجىلچىلىقتا،

ئىلكىمدە بولسىچۇ مىسقال زەر مېنىڭ.

سورىدىم ئۆزەمنى كاچاتلاپ ھەتتا،

ئېيتىڭلار،ئېيتىڭلار،نەرىم ئەر مېنىڭ؟!.



باغرىغا باسسىمۇ قېرىنداشلىرىم،

تاپمىدىم خىجىللىق پەيلى تەسەللى.

ئەي ئولۇغ جامائەت ئادەم بولغىچە،

ئايىغىڭدا خاك بولساممۇ مەيلى....



                                1986-يىلى 6-ئاي قەشقەردە يېزىلغان.





ئىزاھ : بۇ شېئىر «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.تورغا يوللاشتىن بۇرۇن ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىقى ئېلىندى. ئاپتۇر چۈشۈپ قالغان بىر مىسرانى تولۇقلىدى ۋە بەزى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تەھرىرلىدى.ئاپتۇر ئەسلى ئارگىنالنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ۋورد  نۇسخىسىنى ژۇرنالغا يوللاشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرمىگەنلىگىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.



ــــ ئۇيغارتورى



http://bbs.uyghar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=340


0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:41:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-11 00:01  

ئىتلىق بورچۇمنى قىلىمەن ئادا





                              قاسىم سىدىق





چۈش دېگەنگە نېمە كىرمەيدۇ،
نېمە كەلمەس ياكى خىيالغا.
ئامالىم يوق دۈچ كەلدىم بۈگۈن،
خىيال سۇرۇپ شۇنداق خىيالغا:

قالسام بىردىن ئۆزگىرىپ ئىتقا،
ئىككى قولۇم ئايلانسا پۇتقا.
يۈز- كۆزۈمنى بېسىپ كەتسە تۈك،
كۆنەرمەنمۇ شۇ خىل ھاياتقا؟

بېشىم خېلى قاتتى،بۇرادەر،
چۈنكى سوئال ئاسان ئەمەستە.
ئۇيان ئويلاپ،بۇيان ئويلىنىپ
جاۋاب تاپتىم ئۇنىڭغا تەستە:

ئوخلىمايمەن تۈندە،ئەلۋەتتە،
ۋەزىپەم شۇ تىنماي قاۋايمەن.
مېنىڭ ئۈچۈن ئەيىبى يوقتە،
يالاق يالاپ،سۆڭەك غاجايمەن.

بەزىلەرنى چىشلەيمەن ماراپ،
نىجاسەتنى تاپىمەن پۇراپ.
كىمكى بەرسە كىچىككىنە نەپ،
ئەركىلەيمەن تەلمۈرۈپ قاراپ.

تۈمەن قارغىش يېسەممۇ مەيلى،
ئىتلىغىمنى قىلىمەن ئادا.
شۇنداق قىلسام بولىدۇ رازى،
مېنى ئىت قىپ ياراتقان خۇدا.

بۇيرىمايدۇ ئاللا ئەيىپكە،
ھەرمەخلۇقنىڭ سەۋدا-كۈيىنى.
لېكىن ھېچكىم كەچۈرمەيدىكەن،
ئادەم قىلسا ئىتنىڭ خۇيىنى.

مەنبە:<<تارىم>>ژۇرنىلى،1981-يىل8-سان         


0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 00:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tayanqimbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 00:29  

بوران ئىچىدىكى پەرۋاز



قاسىم سىدىق



زارلىمايمەن ،تالمايمەن ئەسلا،
بورانلارغا قارشى قاقسام پەر.
راۋان يوللار لەزەتسىز ماڭا،
ئۆگەنگىنىم خەتەرلىك سەپەر.
خەتەرلەردە روھىم بەھۇزۇر،
مەن مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئەر!.


زەڭگەر ساما، تىنىچ سەپەرلەر،
مىنىڭ ئۈچۇن ھاقارەت -خورلۇق.
ھەتتا،ئوغۇل تۇغقان ئانامنىڭ ،
تۇز-ھەققىگە قىلغان ئوغورلۇق.
زۇلمەتتە نۇر ئىزدىگەن ئۆمرۆم،
نۇرنى قۇچقان دەملەردىن نۇرلۇق!..


مەڭدىمەيمەن،قوروقمايمەن ئەسلا،
بورانلارنىڭ تەھلىكىسىدىن.
تەپەككۇرنىڭ جاڭگاللىرىدىن،
"مەنتىق"لەرنىڭ ئۆتكۈربسىدىن،
تامايىم يوق خانىقالارنىڭ ،
نىسىۋىسىدىن،
دىمىدىسىدىن......


روھىم ئۇلۇغ، جىسمىم تاغ سۈپەت،
راھەتكە گال، مېھنەتكە دادىل.
ماڭاخاستۇر قەھىرلىك دېڭىز،
ئەۋلادقا خاس نۇرانە ساھىل.
ئەۋزەيلىمە،بىچارە بوران،
بىلىسەنغۇ مەن سەندىن جاھىل؟!...

1998.3.27

2

تېما

0

دوست

470

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24844
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 11:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگېسىگە كۆپ رەخمەت.مەن قاسىم سىدىق شېئىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن.قاسىم سىدىق شېئىرلىرىدىن ھەقىقىي لەززەت ئالىمەن،كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى يادقا بىلىمەن،قاسىم سىدىق ھېچقانداق شائىرغا ئوخشىمايدىغان،خاسلىق ياراتقان ھەقىقىي شائىر.قاسىم سىدىق شېئىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

0

تېما

0

دوست

638

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22427
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 15:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arustan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 11:03
تېما ئىگېسىگە كۆپ رەخمەت.مەن قاسىم سىدىق شېئىرلىرىنى ئ ...




        قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ‹‹قان ساتىمەن،ۋىجدان ساتمايمەن››دېگەن شېئىرىنى بىلسىڭىز،يوللاپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )