قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tayanqimbar

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 23:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          ئالىم ،شائىر قاسىم سىدىققا


          ئەسسالام دەپ بەكلا ئىگىلدىم سىزگە ،
          ئىلى پەخرى ئوغلانى قاسىم سىدىق  .
          بەركەتياغسۇن بارلىق ئىشلىرىڭىزگە ،
         سىزگە تىلەپ ئۇزۇن ئۆمۇر ۋە قۇتلۇق .


         سىز دالىدا چاپقان دۇلدۇل بەئەينى ،
        ئاسماندا شۇڭقۇغان بەھەيۋەت بۈركۈت .
        مىللەتنىڭ پەخىرى ئەۋلات ئۈلگىسى ،
         سىزدە مۇجەسسەمدۇر باتۇر جاسارەت.



         ياھەزرەت ھەيران قىلدىڭىز بىزلەرنى ،
         بىزنى ئەمەس قەدرىڭىزلەرنى بىلگەنلەرنى .
         ھەيران كۆردۇم يازمىلارنى شېرلارنى ،
         كىم قىلالار سىز قىلغاننى ھەممىنى .



          ئاقىل بولسا سىزنى قىلار زىيارەت ،
         زىيارەتدىن يىتىلدۇرەر جاسارەت .
         گەر نادان بولساسىزنى قىلار غەيۋەت ،
        ئۇنداق كىشى ھايۋان كەبى نىجاسەت .



        شېرىم بىلەن مەدھىيلىدىم سىزنى مەن ،
        ئۇكا سۈپەت ئىسمىم مىجىت دۇختۇردۇر .
        شائىر ئەمەس ھەۋەسكارمەن قەلەمدە ،
         تەتقىقاتچى ئانا يۇرتۇم قۇمۇلدۇر .



        كۆرۇپ -كۆرۇپ قانمىدۇغۇ كۆزلۇرۈم،
       نۇرغۇنخىل تەتقىقلارنى ئەييۇھەنناس .
       قەۋەت-قەۋەت سىزگە ئاشتى ھۈرمۈتۈم ،
       قېرىندىشىمدەكسىزگە قىلدىم ھەۋەس.


       شاھ .

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 12:26  
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:53
ئالىم ،شائىر قاسىم سىدىققا

مىجىت ھېمىت ئەپەندىمگە شېئىرى جاۋاپنامە

_____  مىجىت ھېمىت ئەپەندىنىڭ " دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگەجاۋاپ تاپقان تەتقىقاتلار توغىرسىدا" سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ۋە ماڭا يازغان شېئىرى سالامنامىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن.



قاسىم سىدىق


ۋەزنى چاغلىق بولسىمۇ،ئەمگەكنى ھۆرمەت قىلدىڭىز،
ئەمگىكىمدىن چارچىسام،قەلەمدە رىغبەت قىلدىڭىز.
تا ئەزەلدىن بۇ ھەكىملەر دەپتىرىدە سىر تۇلا،
قېرى بېمارغا بۈگۆن،مىسرانى شەربەت قىلدىڭىز.
ئىلمى تەھسىل،ئىجتىھاتتا مۈشكۈلكى سىزگە يەتمىكىم،
كۈللى ئالەمنى گويا بىر يىپقا پەيۋەنىد قىلدىڭىز.
ئۇ ئەرەستۇ،ئىبنى سىنا ھەمدە لوقمان...بارچىسى،
زىكرىڭىزدە ھەرقاچان،دەرقەمتەسۆھبەت قىلدىڭىز.
جانلىقى ھەم جانسىزى،زەررىسى،ئالەمچىسى،
بارچىسىنىڭ سىرىنى يەشمەككە جۈرئەت قىلدىڭىز.
باغلىبان تۆت زاتقا بارلىق قانۇنىنى دەۋرىنىڭ،
قاي تەرىقە دەۋرىدۇر؟ -"دەۋرى سائەت" قىلدىڭىز.
ئىلمى تەھسىلنى ئىسلام بىر ئىبادەت دەپ بىلۆر،
ھەر تەپەككۈر پەيتىدە تائەت-ئىبادەت قىلدىڭىز.
تاكى ئەجدات خەزنىسى بولدى تەھسىل قىبلىسى،
تا فارابى...بارچىنىڭ روھىنى خۇرسەنىت قىلدىڭىز.
ئاقىلنى چىللارباغرىغا سىرۇ -ئەسرارجىلۋىسى ،
بەلكى ئاياق تەگمىگەن باغنى زىيارەت قىلدىڭىز.
مەيلى غالىپۇ- مەغلۇپ،خوپ سۈكۈتتىن ھەر سەپەر،
جىسمىڭىزنى ئۆرتىبان،روھنى راھەت قىلدىڭىز.
ئۆزگىلەردىن ئۆزگىچە بىر يولنى ئەيلەپ مۇددىئا،
ئېيتىپ تەۋەككۈل ناخشىسى،ئالەمچە غەيرەت قىلدىڭىز.

ئەلگە تالىق توغرىسى،بىزگە قالسۇن سەھۋىنى،
ئۆزگە زىننەت نە كىرەك،مەرىتلىكنى زىننەت قىلدىڭىز.

2015.2.6

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1607
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 11:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېشقەدەم زېيالىلار دېگەن باشقا گەپتە ،،!  ياش زېيالىلار بىرى-بىرىنى بوغۇشۇپ ، ياقىلىرىنى يىرتىشىپ سېسىق گەپ دېگەننى چېچىشىشپ قان بوپ كېتىدىكەن  ھېچ ئىشتا بىر يەرگە كېلەلمەي. كۆڭۈللەر پاكىز زامانلارنى سېغىندىغۇ كىشى...

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1607
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 11:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:53
ئالىم ،شائىر قاسىم سىدىققا

مانداق ئېلھاملىرىڭىزمۇ با دەڭە ،قەلىمىڭىز ، تەپەككۈر تۇلپىرىڭىز ھېچ تالمىسۇن مىجىت ئاكا،،!!

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 12:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 17:51  
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 23:53
ئالىم ،شائىر قاسىم سىدىققا


0

تېما

0

دوست

1745

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 19:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 قاسىم سىدىق ئەپەندىمگە رەھمەت شېرى سۆھبىتىم .



              ئەسسالامدەپ يەنە ئىگىلدىم سىزگە ،
              زېھنى ئۆتكۈر ئالىم كىشى ئىكەنسىز .
             شېرلىرىڭىز پاساھەتلىك تىزىلغان .
             نەق گەپنى توغرىسىنى يازالاپسىز .



           يازالمايدۇ خېلى كىشى ئەمىلىيەتنى ،
          تالانتىڭىز ئۆتكۇرى خەنجەركەنسىز .
         بىلىمىڭىزگە ھەشقەللاھى ئاپىرىن .
          ئىككىلائەجايىپتا بار ئىكەنسىز .



           ئالىم بىلەن قىلغۇم كىلىدۇ سۆھبەت ،
           مېھرىم بىلەن ھۈرمەتلەيمەن ئەدەتسىز .
           ئىلىم-پەنچۈن پەرۋانىدەك كۆيۈپسىز ،
           نادان ئىنسان بىلەلمەيدۇ پەرۋاسىز .



         قېرى دەپسىز روھى شەربەت ئىچكىچە ،
         يەتمىدىم سىزگە ئىجتىھاتتا دەپسىز .
         كىچىك پېل ئالىم ،پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتى،
         نەدىسەم بولار ھەقىقى ئالىمكەنسىز .




            ماختىسام ياپراقنى ھېچكىم ئىشەنمەس ،
           ماختىسام گۆھەرنى جەزمەن راس دەيسىز .
           گۆھەر مەنپەت بىرىدۇ شۇڭا قىممەتلىك ،
           قاسىم سىدىق قىلغاننى قىلىپ كۆرالامسىز .




             بىلىمىڭىزگە ھەشقەللاھى ئاپىرىن ،
             ئىككى پەندە ئەجايىپ بار ئىكەنسىز .
             يەنە قىلالمايدۇ كىشى ھەم ئۇنى ،
             بۇنىڭغاقايىل بولماي تۇرالمايمىز .



             روھىڭىزغا شەربەت بىرەي ناۋاتدىن ،
              ئەجرىنى ئاللا قويمايدۇ نۇسرەتسىز.
              غەيرەت قىلىڭ پىسەن قىلماڭ نادانغا ،
              ساۋاپ تاپقان قالمايدۇ ھەم جەننەتسىز.



              ئىلىم-پەن قۇتقۇزغۇچى باش پانادۇر ،
              نادانلار قالۇر ئاخىرباش پاناسىز .
              سىزدەك ئالىم بولسىدى بىر نەچچىسى ،
              ھەيران قالدۇرۇڭ بىر كۈنى ھېساپسىز .



              ئالىم بىلەن قىلغۇم كىلىدۇ سۆھبەت ،
              باغلىسامكەن ئۈزۈلمەسكە مۇھەببەت .
               تەلىمىڭىز بولسا ئاڭلاي كارامەت ،
             جاپايىڭىز كۈندەك روشەن ماڭا ئالامەت .



             ئىسمىمدۇر ئالامەت قۇرئانىل مىجىت ،
             ئۇيغۇر ھېمىت پەرزەنتى ئىلىمگە بەنىت .
              شەربەت سۇنۇپ يىراقتا بىرىمەن مەدەت ،
             ئىسمىڭىز قەسەمكەن چىكىنمەڭ ئەبەت.


                 شاھ مىجىت ھېمىت .

7

تېما

4

دوست

5483

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1551
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 23:03:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى چالنىڭ سۆھبىتى   ئەزدى يۈرەكنى بىر دەقىق،
كۆڭۈللەرنىڭ تۆرىدە ھۆرمەت زىننەت  بوپتۇ   يېزىق .
ئىلىم  بىلەن ھەرەج تارتقان ئالىم تالاي ئۆتكەن ئىكەن،
گاھى گاداي ،گاھى شاھ سۇلتان بىلۇر ئۇنى تارىخ.

ئەسلى ھەقىقەت ئۆزىدىن بالدۇر خەۋەر بەرسە كېرەك،
ۋەلىكىن ئۇنىڭ قولى قىسقا ،كۆزى ئەما بولسا كېرەك.
بىر ئاجىز جانىۋار بولسا ئۇنىڭ  نىداسى يوقتۇر دېمە،
كۇللى ئالەم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكسە كېرەك.

--كامالى ئېھتىرام بىلەن  سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن،




66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 03:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mijityimit يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 19:53
قاسىم سىدىق ئەپەندىمگە رەھمەت شېرى سۆھبىتىم . ...

ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام!
رىغبەتلەندۆرگىنىڭىزگە رەھمەت.
مەن ئادەتتىكى بىر ئىزدەنگۆچى.ئالىم دىسىڭىز مىنى خىجل قىلىپ قويۇسىز.مىنىڭ بۇنداق ئاتىلىشقا مۇناسىپ كەلگىدەك بىرەر ئەمگىكىم يوق....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )