- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 66503
- نادىر
- 0
- يازما
- 7200
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 23:25
ئېينىشتېين 1915-يىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ بۇ نەزەرىيىدە ئېنېرگىيە بىلەن زامان- ماكاننىڭ ئەگرىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئېينىشتېين تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئوز تەڭلىمىسىدىن "ئالەم بولسا تۇراقلىق دېگەن ئالەم پرىنسىپىنى "قانائەتلەندۈرىدىغان يېشىمنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق تاپقان يېشىم، ئالەم زامانىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كېڭىيىدىغانلىقىنى ياكى تارىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئېينىشتېين باشتا ئالەم تۇراقلىق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاپقان يېشىمىگە ئۆزگەرتىش قىلىپ ئالەم تۇراقلىق دېگەننى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق ئاز ئۆتمەي بۇ قارىشىدىن يېنىۋالىدۇ.
——————————
ئالەم كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدۇ.ھەر قېتىملىق كېڭىيىش ۋە تارىيىشنىڭ بىر چېكى بولىدۇ،چەكسىز بولمايدۇ.تۇراقلىقلىق مۇشۇ چەك ئىچىدەئىپادىلىنىدۇ،دېسەك بۇمۇ بىر ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە تېگىشلىك تەپەككۆر يولى.شەكىل نەزەريىسىنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشى مانا مۇشۇنداق.
41-تىئورما مانا مۇشۇنداق يەكۈنگە ئېلىپ كېلىدۇ.يەنى،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى تەتۆر تاناسىپ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.ئالەم كېڭەيگەندە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بارغانسىرى ئېشىپ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى مۇناسىپ كېمىيىدۇ.ئالەم تارايغاندا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى بارغانسىرى ئېشىپ ،سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى مۇناسىپ كېمىيىدۇ.
ئېينىشتېيىن ۋاز كەچكەن ئەشۇ يېشىم ۋە ئالەم تۇراقلىقى شەكىل نەزەريىسىگە پايدىلىقتەك قىلىدۇ.
تەنھا ئەپەندىم ئۇزىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تەييارلاۋاتقان 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى سەرلەۋھەلىك ماقالىسىغا تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى 41-تىئورمىچە ھەركەت شەكلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىستۇرغان:
يۇقۇردىكى رەسىم ئارقىلىق كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرگىلى،تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق تارىيىۋاتقان ئالەمنى ئوبرازلىق چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.
|
|